‏ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ

يوللانغان ۋاقتى : 2014-04-17 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 489 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140417-200528.jpg

بىر كۈنى ئايالى تۈگرە ئېتىپ ئېرىغا ئاپىرىپ بەردى. ئېرى تاماقنى يەپ بولۇپ ،ئايالى يادىغا يىتىپ: -سىزمۇ يىدىڭىزمۇ؟،-دەپ سورىدى.
-ھەئە؛يىدىم-دەپ جاۋاپ بەردى ئايالى. ئايالى كىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي،ئېرى ئۈزىنىڭ ئەتە مال
ئالىدىغان پۇلنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ ،ئۆيگە قايتىتى .
ئۇ ئۆيگەكىرىپ ئايالىنىڭ ئاشخانىدازوڭزىيىپ ئولتارغىنىچە بىر نەچچە تاللا چۆپى لەيلەپ قالغان تۈگرە سۈيىنى ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.ئۇنىڭ كۆزلىرى نەمدەلدى.
گەرچە دوختۇر ئايالنىڭ كۆپرەك مىۋە-چىۋە يىيىش كىرەكلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ ،بىراق ئۇ دۇكىنىدىكى بىرەر تال مېۋىنىمۇ ئۇنىڭغا يە دەپ بىېىپ باقمىغانىدى.
شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ئۆيگە قايتقاندا ،مىجىلىپ زېدە بولۇپ كەتكەن بىر تال شاپتولنى ئالغاچ كەلدى-دە،ئازراق باتنىغان قىياپەتتە: -خېرىدارلار بۇ شاپتولنى بۇزۇلۇپ قاپتۇ دەپ ئەرزان بەرسەممۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى،سەن يەۋەتكىن ،دەپ ئايالىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ،ئۇ ھەركۈنى دۇكاندىن زېدە بولغان ياكى مىجىلىپ كەتكەن مېۋىدىن ئالغاچ كىلىدىغان بولدى .ئۇ دائىم : – بۇلارنى ساتقىلى بولمايدۇ ،تاشلىۋەتكەندىن كۆرە سەن يەۋەتكىنىڭ ياخشى ،-دەيتتى.
ئېھتىمال،مىۋە-چىۋىلەر پايدا قىلغان بولسا كىرەك،ئايالنىڭ سالامەتلىكىمۇ بارا -بارا ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ھەش -پەش دىگۈچە يەنە ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئەرنىڭ ئوقىتى يۈرۈشۈپ ،مېۋە -چىۋەدۇكىنى ئەسلىدىن بىر قانچە ھەسسە كېڭەيدى،يەنە شەھەر ئىچىدىن بىر يۈرۈش ئۆيمۇ سېتىۋالدى. بۇ جەرياندا ئەرنىڭ ھەركۈنى ئايالىغا زېدە بولغان مىۋە ئەكىلىشى بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدى. ھاۋا تۇتۇق بىر كۈنى كەچتە،ئايالى ئېرىنىڭ يامغۇردا قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ،كۈنلۈك ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن دۇكانغا كەلدى.
ئايال دۇكانغا كىرگەندە ئېرى كۆرۈنمىدى. ئەجەپلىنىپ تۇرغاندا ئىچكىركى ئۆيدىن ‹توك-توك ›قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ يېرىم يېپىلغان ئىشىك يوپۇقىدىن ،ئېرىنىڭ بىر نەچچە تال ئانارنى ئېلىپ يەرگە كۈچەپ ئېتىۋاتقانلىقىنى،ئانار زېدە بولغان چاغدا ئاندىن ئانارنىڭ يۈزىدىكى توپىلارنى ئاۋايلاپ سۈرتىۋېتىپ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان خالتىغا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
ئايالنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتى خۇددى بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى ،ئېرى ئۈزىنىڭ كىچىككىنە مەخپىيەتلىكىنى بايقاپ قالغىنىغا ئوخشاش شۇنچىلىك تاتلىق،شۇنچىلىك تەسىرلىك ئىدى……..

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *