دىققەت (يۇمۇر)

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-31 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 218 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىر كۈنى كەچتە بىر جۈپ ئەر – خوتۇن يوتقانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئېرى ئېھتىياتسىزلىقتىن خوتۇنىنىڭ يۈزىگە قاراپ چۈشكۈرۈپ ساپتۇ. يۈزلىرى بۇلغىنىپ كەتكەن خوتۇنى يۈزىنى قايتا يۇيۇپ كىرىپ ئېرىگە:
- يەنە مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋالدا بىر ئېغىز ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، – دەپتۇ.
بىر ئازدىن كېيىن ئېرى «دىققەت» دەپ توۋلاپتىكەن، خوتۇنى دەرھال بېشىنى يوتقانغا پۈركىۋاپتۇ، دەل شۇ چاغدا «بوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئېرى ئوسۇرۇۋېتىپتۇ

‏ يېزىلىق ساقچىخانىغا بىر موزاي ئۇقۇشماي كىرىپ قېلىپ، ساقچىخانىنىڭ كۆكتاتلىقىنى بىزەپ قىلىۋېتىپتۇ. ساقچىخانا باشلىقى ئىككى ساقچىغا موزاينى تۇتۇپ سولاپ قويۇشقا بۇيرۇپ، باشقا ساقچىلارغا موزاينىڭ ئىگىسىنى ئىزلەپ تېپىپ، زىياننى تۆلىتىۋېلىڭلار دەپ تاپشۇرۇپتۇ. بىر كۈن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، موزاينىڭ ئىگىسى تېپىلماپتۇ، موزاينىڭ ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ساقچىخانا باشلىقى يەم – خەشەك سېتىۋېلىپ موزاينى بېقىپ قويۇشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ موزاينىڭ ئىگىسى تېپىلماي، ساقچىخانىدا بىر يىلغا يېقىن تۇرۇپ قاپتۇ، موزاي ھەم يوغان ھەم سېمىز كالا بولۇپ يېتىلىپتۇ، بېقىشمۇ تەسكە چۈشۈپتۇ. چاغاندا ساقچىخانا باشلىقى كالىنى سويۇپ پارچىلاپ، گۆشىنى ساقچىخانىدىكىلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلىپتۇ. كالىنى ئەمدىلا ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى تەقسىم قىلاي دەپ تۇرۇشىغا ساقچىخانا بىلەن تام قوشنا ئولتۇرىدىغان دېھقان ساقچىخانا باشلىقىنى ئىزلەپ كېلىپ:
- مېنىڭ كالام خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويدى، سىلەر ئۇنى تۇتۇپ سولاپ قويدۇڭلار، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرامۇ قىلىپ بولدۇڭلار، ئەمدى ھېچ بولمىغاندا بىچارە كالىنىڭ جەسىتىنى بولسىمۇ ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلاي.- دەپتۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *