تۇنجى تەسىراتقا سەل قارىماڭ
تۇنجى تەسىراتقا سەل قارىماڭ
مۇراپات ئىسمائىل
يېقىندا بىر ئاغىنەم ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا بىر قىز بىلەن ئۇچىرشىشقا چىقىپتۇ. ئۇ قىزنى تېز تاماقخانىدا ساقلىغاچ، بىر نەچچە خىل قورىما بۇيرۇتۇپتۇ.بىر چاغدا كىز كەپتۇ، ئاغىنەم قىزغا: «سىز كەلگۈچە بىر نەچچە خىل قورۇما بۇيرۇتقاچ تۇردۇم،قالغىنىنى سڭز بۇيرۇتۇڭ،تارتىنماڭ››دېگىنىچە تاماق تىزىملىكىنى ھۆرمەت بىلەن تەڭلەپتۇ، لېكىن قىز: ‹‹بولدى، كۆپ نەرسە بۇيرۇتۇپسىز›› دەپتۇ سوغوقلا. ئاغىنەم ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، يەنىلا چاندۇرماستىن،قىزنى تاماققا بېقىشقا تەكلىپ قىپتۇ، كىز يەنىلا سوغوق ھالەتتە ئولتۇرۇپتۇ. ئاغىنەمنىڭ ئېيتىشچە، ئۇ قىزغا چاي قۇيۇپ بەرسە ،قىز‹‹مەن قۇياي ياكى رەخمەت›› دېگەندەك بىرەر ئېغىز تەكەللۇپ سۆزنىمۇ قىلىپ قويماپتۇ. ئاغىنەم ئەقەللىي قائىدە-يۇسۇننىمۇ بىلمەيدىغان ئۇ قىز بىلەن قايتا كۆرۈشمەسلىكنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. دېمەك، قىز باشقىلارغا تۇنجى قېتىمدىلا ناچار تەسىر قالدۇرغان.
تۇرمۇشتا بىز پەقەت قىز-ئۇغۇل مۇناسىۋىتىدىلا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن چاغلاردا ناتۇنۇش ئادەملەر بىلەن ئۇچىرشىپ تۇرىمىز.شۇ چاغدىكى تۇنجى تەسىراتنىڭ رولى بەزىدە تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن. مەسلەن، يۈز تۇرانە ئىمتىھانىدا، قىز تۇنجى قېتىم بولغۇسى قېيىنئانىسنىڭ ئالدىغا كىرگەندە… شۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە تۇنجى تەسىرات كېيىنكى نەتىجىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا تۇنجى تەسىراتقا سەل قارىماسلىق كېرەك. ئادەم ئەدەپ-ئەخلاقلىق،قائىدە-يۇسۇنلۇق بولغاندا،ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرشىگە ئېرشىدۇ.