ھازىردا ياشاش

يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-27 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 143 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بىزنىڭ ئىرادىمىز ئىختىيارىي بولىدۇ، بىز ئەركىندۇرمىز، ئۆزىمىز خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايمىز. بىراق، بىز شۇنىڭغا قوشۇلۇشىمىز كېرەككى، ناۋادا، بۇ قاراش توغرا بولسا، بىزنىڭ ئىدراكىي قانۇنىيەتلەر، سەۋەب-نەتىجىلىك باغلىنىش ھەققىدىكى چۈشىنىشىمىز خاتا بولغان بولىدۇ. بۇ قانۇنىيەت توغرا بولسا، بىزنىڭ ئىرادىمىز ئەركىن بولماي قالىدۇ، بىز بۇرۇن ئۆز ۋۇجۇدىمىزدا يۈر بەرگەن ئىشلار بىلەن چەكلىنىمىز.
روھىي دۇنيادا ماكان-زامان مەۋجۇت بولمايدۇ. بىزنىڭ ئىدىيىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزلا ھەقىقىي مۇھىمدۇر.
ئۆزىمىزنىڭ ئەسكى ئادەتلىرى بىلەن ئېلىشىش ئەتە ئەمەس، بۈگۈن ئىچىدە ئىشقا ئاشىدۇ.
−كۇڭزى
ھاياتنىڭ ئەركىن ھەم مۇقەددەس قۇدرىتى ھازىر ئىچىدىلا زاھىر بولىدۇ. شۇڭا، ھازىر قوللانغان ھەرىكەتلىرىمىز مۇقەددەس خۇسۇسىيىتىمىزدۇر. سىز ھازىرنى چىڭ تۇتسىڭىزلا، ئەقىللىق، ياخشى ئادەملەردىن بولالايسىز.

6-ئاينىڭ 27-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *