روھ

يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-15 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 141 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

روھ

ئىلىم ئەھلىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقنى قېزىپ، بىر نەچچە دانە بۇغداينى بايقاپتۇ، ئۇنى تۇپراققا كۆمۈپ، سۇ قويۇپتۇ. ھەر بىر بۇغداي بىردىنلا ئۆزلىرىنىڭ ھەم ئۇرۇق ھەم مايسا ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ.
بىز ئۆلگەندىن كېيىنكى روھىي ھاياتلىق ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ كېتىمىز. ئۆلگەندىن كېيىنمۇ روھ ئۆلمىسە، ئۇ بىز بۇ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنمۇ چوقۇم ياشاپ يۈرگەن بولىدۇ. ئادەمگە كەملىك قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلچە قىممىتى يوقتۇر.
مېنىڭ قەلبىمدە ھاياتلىق مەنبەسى، يەنى ئىچكىي روھ بار. مەن ئۆز تېنىمنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بىلىمەن، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ مەنىۋىيەت دائىرىسىنىمۇ ئاز-تولا بىلىمەن. ھايۋانلارنىڭ جىسمىدىكى روھقا بولغان تونۇشۇم بەكمۇ يۈزەكى، تۇتۇق؛ جانسىز نەرسىلەرنىڭ روھىغا كەلسەك، ئۇلارغا بولغان تۇيغۇم تېخىمۇ تۇتۇق. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ روھىنى تۇيۇپ بولالمىساممۇ، ئاشۇ دۇنيانىڭ مەنبەسىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمەن، ئۇ بىزنىڭ ھەممىمىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ، بىزنى ھەر يەر، ھەر يەرلەردە ياشاشقا ئىمكان بېرىدۇ.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *