يىگىتىڭىزنى مۇھەببەتكە تويغۇزۇۋەتمەڭ!

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-12 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 229 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

يىگىتىڭىزنى مۇھەببەتكە تويغۇزۇۋەتمەڭ!

 

    مۇھەببەت ئۇ ئىنسانلار بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر خىل تۇيغۇ. ئىنسان قەلبىدە مۇھەببەت بولغاچقىلا، بۇ دۇنيا شۇنچە گۈزەل بىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ھەقىقىي مۇھەببەت ساداقەت، ۋاپا، مېھىر، سەمىمىيەت، كۆيۈنۈش، قوغداش، كەڭ قورساقلىق، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشىنىش، ھۆرمەتلەش ۋە يەنە شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە بەدەل تۆلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يۇقىرىقىلارنىڭ بىرى كەم بولىدىكەن، مۇھەببەتنىڭ ئۇلى پۇختا بولماي قالىدۇ.
    لېكىن يېقىندىن بۇيان ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن بىرقاتار ئىشلار مېنى بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ بېقىشقا ئۈندىدى. ئەسلى ئىش مۇنداق:
    بىر دوستۇم بولىدىغان، ئادەتتە خېلى ياخشى ئۆتەتتۇق، ئوغۇل دوستى بىلەن يۈرگىلى بىر مەزگىل بولغان ئىدى، ئۇ ئىككىسى دەسلەپتە شۇنداق ياخشى يۈردى، ھەممىمىز ھەۋەس قىلىپ، ئىككىسىگە بەخت تىلىدۇق. لېكىن كېيىن ئىككىسى ئۇزاققا بارمايلا ئايرىلىپ كەتتى، سەۋەبى ئوغۇل ئەمدى بۇ قىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قاپتۇمىش، باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇمىش.
    مانا بۇ بىزگە خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ھادىسە… بۇنىڭدىن مەن ئۆزۈم يەكۈنلىگەن ھەم بۇرۇن كۆرگەن ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ بۇ تېمىنى يېزىپ چىقتىم، ھەممىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سۆيگۈ سەپىرىڭلارغا ئۇتۇقلۇق يار بولسۇن.
    مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش تۇرمۇشتا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر ئىش، دەسلەپتە قارشى تەرەپنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ، كېيىنچە ياخشى كۆرۈپ قالارمەن دەپ ئويلاپ يۈرگەن بولسىڭىز، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭغا ئەسىر بولۇپ قېلىشىڭىز، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئۆزىڭىزنى مەڭگۈ قۇرىماس سۆيگۈ دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىشىڭىز، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇرۇشىڭىزمۇ مۇمكىن.
    لېكىن ئاقىلانىلىك بىلەن ئويلىشىپ باقسىڭىز، مۇھەببەت تورىغا چۈشۈپ قالغان قىزنىڭ مۇھەببەت قارىشى قارشى تەرەپكە بەدەل تۆلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس (بۇنداق دېسەم مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ئەلۋەتتە بەدەل تۆلەش كېرەك دەپ قالماڭ)، بەدەل تۆلەش كېرەك، لېكىن ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىڭ، بەدەل تۆلەش چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن. سىز توختىماي تۆلىگەن شۇ بەدەللەر ئاستا – ئاستا سىزنىڭ قارشى تەرەپ ئالدىدىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بارا – بارا قارشى تەرەپ سىزنىڭ بەدەل تۆلىشىڭىز خۇددىي ھەقلىقتەك، سىزنىڭ مەجبۇرىيىتىڭىزدەك، باش تارتسىڭىز بولمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ – دە، ئۆزىنىڭ مۇھەببەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن. سىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزچۇ؟ سىز سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز شۇ بەدەللىرىڭىز ئارقىلىق ئۇنى پەقەت بىر مەزگىل يېنىڭىزدا ساقلاپ تۇرالىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە شۇنداق بالدۇر تۇيۇندى – دە، ئەمدى باشقىچە بىر خىل مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى، يېڭىچە بەدەللەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بىر مەزگىللىك قىزغىن مۇھەببىتىڭلار تىراگېدىيە ۋە كۆز ياش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
    بارلىق ھەمشىرىلىرىمگە بېرىدىغان تەكلىپىم شۇكى: يىگىتىڭىزنى بەك بالدۇر مۇھەببىتىڭىزگە قاندۇرۇۋەتمەڭ، مۇھەببەتنىڭ ئاز – ئازدىن، شۇنداقلا بارا – بارا چوڭقۇر بولغىنى ياخشى، بولمىسا كېيىنچە ئۇنداق بۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئۇ كۈتكەندەك ياخشى مۇئامىلە قىلالماي قالسىڭىز (ئەلۋەتتە ھېچكىم كۈندە خۇشال يۈرىمەن، كەيپىياتىم ھەر دائىم ساز تۇرىدۇ دەپ ھۆددە قىلالمايدۇ)، بىر تىراگېدىيەنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىلىدۇ. ئۇ سىزنى ئۆزگەردىڭ، بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلە قىلماس بولۇپ قالدىڭ دېيىشى مۇمكىن، چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز ئەسقاتماي قېلىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا بۇنداق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇھەببىتىڭىزنى بىراقلا ئۇنىڭغا بېغىشلىۋەتمەڭ. بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن، كېيىنكى بىھۇدە خاتا چۈشىنىشلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يىگىتىڭىز سىزنى ئالدىراپ تاشلاپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى سىز بەرگەن مۇھەببەتكە ئۇ تېخى قانمىدى – دە. ئەگەر سىز ئۇنى بۇنچە بالدۇر مۇھەببەتكە تۇيۇندۇرۇۋەتسىڭىز، ئۇ ئالدى – كەينىگە قارىماي كېتىپ قالىدۇ – دە، سىز بۇ چاغدا ھەرقانچە يۈگۈرۈپمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيسىز. مۇھەببەتتە ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىگە بولالىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا مۇھەببىتىڭىز ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقىۋەت پۇشايمان، مەغلۇبىيەت، ئاچچىق ياشلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *