ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-10-25 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 233 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەر كىشى ـ ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانلىق پەزىلەتلەر ۋە ئەرلىك خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، دىيانەتلىك، راستچىل ئەركىشىدۇر. ئەر كىشى قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن ياكى چوڭ مەنسەبلىك بولسۇن، دىيانەتتىن ۋە گۈزەل ئەخلاقلاردىن خالىي بولىدىكەن، ئۇ، ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەر كىشى سانالمايدۇ.
ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز ــ چوكانلار ئەگەر تۇرمۇشتا بەختلىك بۇلاي دئسە، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنى تاللىشى، شۇنىڭدەك دىيانەتسىز ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، مال دۇنياسىغا، يۈزـ ئابرۇيىغا، ئالىي مەنسىبىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنىڭ خىسلەتلىرىنى ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى دىن بىلەن ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە مەركەزلەشتۇرگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ”دىنى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۇرۇڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بولىسىلەر“، ساھابىلار ــ يا رەسۇلۇللاھ! ئەگەر ئۇنىڭدا (يەنى پېقىرلىك ياكى تېگى پەسلىك) بولسىچۇ ؟ ـ دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ”دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىركىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۇرۇڭلار“ دېگەن ئىبارىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. (تىرمىزىي رىۋايىتى)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھانى زەيد ئىبنى ھارىسەگە ياتلىق قىلماقچى بولغاندا، زەينەپ ئېسىل نەسەبلىك بولغىنىنىڭ ئۈستىگە، گۈزەل جامالغا ئىگە ئايال بولغاچقا، زەينەپ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى زەيدنى ياقتۇرمىغان پۇزۇتسىيىدە بولىدۇ. شۇۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇنۇ ئايەت چۈشىدۇ: ”ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ) كىمكى ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئۆزغان بولىدۇ.“ (ئەھزاپ سۈرىسى 36 ـ ئايەت) مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشىنىڭ مىقياسى تەقۋالىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پرىنسىپىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە تەتبىق قىلغانلىقنىڭ بىر نەمۇنىسىدۇر.
ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقنىڭ مىقياسىنى ۋىجداننى ئىدارە قىلىدىغان، ھاياتلىققا سادىق نەزەر بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا توغرا موئامىلە قىلىدىغان، ئېسىل پرىنسىپلارغا باغلىق قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ”ئى ئىنسانلار بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر ئەر بىلەن بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ـ ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز ئارا تۇنۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەپ بىلەن ئەمەس، بەلكى تەقۋالىق بىلەن بولىدۇ) ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۇچىدۇر. ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.“ (ھوجۇرات سۈرىسى 13 ـ ئايەت) چۈنكى، دىيانەتلىك كىشى ئۈستىدىكى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك ھەق ـ ھوقۇقلارنى تونۇيدۇ. ئايالىنى ياقتۇرغاندا ھۆرمىتىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ قالغاندا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئايالى ئەگەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۇزمەستىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى، تەقۋا كىشى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن قورقىدىغان كىشى دېگەنلىكتۇر.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *