ئانا سۈتى سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-08 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 164 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

ئانا سۈتى سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن
كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ئالىم تەتقىقاتىدا ئانا سۈتىدە بېقىلغان بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
   ئانا سۈتىنىڭ ياشلىق دەۋردىكى ياغ مىقدارى ۋە سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك گېن (سېمىزلىك گېنى FTO) گە ئاكتىپ تەسىرى بار ئىكەن. كۆپ يىللاردىن بېرى تەتقىقاتچىلار بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچ سانى (BMI) بىلەن بالىلار ۋە ياشلاردىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك كېسىلى مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپكى تەتقىقاتتىن سېمىزلىك گېنىدىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشچان ۋاستە ياشلاردىكى سېمىزلىك كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئانا سۈتى سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بوۋاقلىق مەزگىلىدە كەم دېگەندە ئۈچ ئاي ئانا سۈتى ئەمسىمۇ، ئۇنىڭ سېمىزلىك گېنى ئۆزگىرىشچان ۋاستىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياردىمى بولىدىكەن.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *