ئاياللارنىڭ تۇغۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سەككىز ئامىل

يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-03 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 305 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

ياش. ياش چوڭىيىشنىڭ ئاياللار تۇغۇش ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، تۇغۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك مەزگىل 20~ 24 ياش بولۇپ، 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاستا–ئاستا تۆۋەنلەيدۇ. 35 ياشتا يۇقىرى سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، 25 ياش ۋاقتىدىكىنىڭ يېرىمىلىك، 40 ياشتا 35 ياش ۋاقتىدىكىنىڭ يېرىمىچىلىك بولۇپ قالىدۇ. 44 ياشتىن كېيىن تەخمىنەت 87 پىرسەنت ئاياللار ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىمۇ چېكىنىدۇ.

  سېمىزلىك. سېمىزلىك ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تۇخۇم چىقىرىش ئىقتىدارىغا توسالغۇلۇق قىلىپ، ھەر خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابىت، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار. بۇ كېسەللىكلەرمۇ ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزى كېسەللەرنى قوزغايدۇ.

  قارىغۇلارچە ئورۇقلاش. قارىغۇلارچە ئورۇقلاش ئىچكى ئاجراتمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھەيز ۋاقتىنى قالايمىقان قىلىپ، تۇخۇم چىقىرىشىنى توختىتىپ قويىدۇ. تاماق يېمەسلىكتىن كېلىپ چىققان تەڭپۇڭسىزلىق، مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كەملىكىمۇ تۇغۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانى بىلەن ھامىلىدار بولالماسلىق ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەن. سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى داس بوشلۇقى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلىنىپ توسۇلۇش، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تەكرار سۈنئىي ھامىلە چۈشۈرۈش يەنە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ نېپىزلىشىنى، ھامىلىدار بولغان تەقدىردىمۇ ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلەلمەي، چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  كۆپىيىش ئەزالىرى ياللۇغى. جىنسىي ئەزا ياللۇغلانغاندا جىنسىي يولنىڭ كىسلاتالىق ئىشقارلىق دەرىجىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپىيىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان كۆپىيىش ئەزالىرى مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ سىپېرمىنىڭ بالىياتقۇ بوينى قانىلىدىن ئۆتۈشىگە پايدىسىز بولۇپ، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ داس بوشلۇقى يۇقۇملىنىشنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ياكى تەلتۆكۈس ساقايتمىغاندا، بولۇپمۇ تۇبېركۇليوز خاراكتېرلىك ياكى باكتېرىيە خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش كېسىلىنى داۋالىمىغاندا ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  جىنسىي تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولماسلىق. بەزى ياش ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قالايمىقان بولۇشى، جىنسىي پائالىيەتتە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىدە تۇرۇشى تۈپەيلىدىن پەيدىنپەي داس بوشلۇقى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، ھامىلىدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە باكتېرىيە ۋە قان ئاسانلا بوشىشىپ كەتكەن بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىدىن داس بوشلۇقىغا كىرىپ، داس بوشلۇقىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

  روھىي جىددىيلىك ۋە ئېغىر بېسىم. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئەگەر ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىسا ئاسان ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىپ، ھەيزنىڭ قالايمىقانلىشىشى ھەتتا ھەيز كەلمەسلىك، تۇخۇم ئىشلەپچىقارماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا مۇقەررەر ھامىلىدار بولالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. (تۈرگەن تەرجىمىسى)

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *