بوۋاقلار تۈز ئولتۇرغاندا…

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-07 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 155 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ يېڭى بىر نەرسىنى ئۆگىنىۋاتقاندىكى ئولتۇرۇش ھالىتى ئۇلارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. تىك ئولتۇرغاندا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدىكەن.
   ئامېىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە بوۋاقلارغا نىسىبەتەن تۈز ئولتۇرغاندا ئۇلانرىڭ يېڭى شەيئىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.
   بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى:‹‹ناۋادا ئالتە ئايلىق بولغان بوۋاقلار كۆرۈش، تۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشسە، ئۇلارنىڭ يېى شەيئىلەرنى بىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ››.
   تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ناۋادا بوۋاقلارنىڭ ئاساسلىق زېھنىي قۇۋۋىتى بەدەن ھالىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىنمىسىلا، ئۇ ھالدا پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئەتراپىدىكى يېڭىلىقلارنى كۆزىتىدىكەن. بوۋاقلار رەسمىي ئولتۇرالىغۇدەك بولغاندا، ياكى ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ تۈز ئولتۇرۇشىغا ياردەملەشكەندە ئۇلارنىڭ يېڭى ئويۇنچۇقلارغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشىدىكەن.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *