دەششەت يۇمۇر
بۇرۇن بىر قوي باقىىدىغان ئادەم بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر كاستىيوم كەيگەن بىرەيلەن كىلىپ- قويلىرىڭنى نىمە بىلەن بېقىۋاتىسەن؟ دىسە. ھېلىقى ئادەم: ـ ئاشقان ـ تاشقاننى بىرىپ بېقىۋاتىمەن دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم:- مەن سەھىيە ئىدارىسىدىن. قويلارنى بۇنداق خورلىسىڭىز بولمايدۇ. دەرھال ئون مىڭ يۈەن جەرىمانە تۈلەڭ ـ دەپ جەرىمانە ئېلىپ كىتىپتۇ.
يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر ئادەم كىلىپ. قويلىرىڭنى نىمە بىرىپ بېقىۋاتىسە ـ دەپ سوراپتۇ.
ھېلىقى ئادەم ـ مەن قويلارغا ئادەمگىيا، بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بېقىۋاتىمەن ـ دىسە ئۇ ئادەم ـ مەن يىتىم ـ يىسىرلارنى قۇتقۇزۇش ئورنىدىن . سەن قويلارنى بۇنداق قىممەت باھالىق نەرسىلەر بىلەن باقساڭ بولمايدۇ، دەپ يەنە ئون مىڭ يۈەن جەرىمانە ئاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ يەنە بىر قانچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر ئادەم كەپتۇ. ئۇ ئادەم يەنە قويلارغا نىمە بىرىپ بېقىۋاتىسە؟ دىسسە. ئۇ ئادەم مەن قويلارغا ھەركۈنى «يۈز» يۈەن بىرىمەن. كۆڭلى نىمىنى تارتسا شۇنى ئېلىپ يەيدۇ دىگىدەك….
WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان