«‏شەيتان سۇپەتلىك ئادەملەر»

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-24 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 212 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

«‏شەيتان سۇپەتلىك ئادەملەر»

‏موسا ئەلەيھىساللام ئاللاھ بەرگەن مۆجىزە ھاسىسى بىلەن، پىنھان يولدا كىتىۋاتقاندا،يولىدا بىر «جان» كۆرۈندى.ئادەم دېسە ئادەمگە ھەم ئوخشامايدۇ.
‏-سىز كىمسىز ؟ دېدى مۇسا ئەلەيھىسالام.
‏-مەن ئاۋالقى ئازازۇل،ھازىر مەلئۇنغا ئايلانغان شەيتەن مەن.
‏-ئالدىمدىن كەتسۇن. دەپ ھاسىنى كۆرسەتسە، شەيتان كۈلدى:
‏-ئەي موسا ئېيتىپ تۇرۇپتىمەنكى ،شەيتانمەن،مەن بۇ ھاسىدىن قورقمايمەن،جەننەتىيۇ دوزاقنى كۆرگەن شەيتانمەن،ئاللاھنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىلىرىدىن بولغان شەيتانمەن،مەن پەقەت قەلبى ساپ ئادەمدىن قورقىمەن،قەلبى ساپ ئادەم كىم؟ ھىچكىمگە ھەسەت قىلمايدىغان ئادەم قەلبى ساپ ئادەمدۇر. ئىي موسا نەسىھەت قىلىمەن ئاڭلارسىزمۇ ؟،دېدى شەيتان.
‏-يا رەببىم شەيتان ماڭا نەسىھەت قىلماقچى ئاڭلايمۇ؟ دەپ ئاللاھقا نىدا قىلدى مۇسا ئەلەيھىسالام.
‏-ئاڭلا .دېدى ئاللاھ،-ئالداشقا باشلىغاندا مەن توختىتىپ قۇيىمەن.
‏-ئېيت نەسھەتىڭنى.دەپ رۇخسەت قىلدى مۇسا ئەلەيھىسالام.
شەيتان ئېيتىككى،‏-

بىرىنجى سۆزۈم،ھىچكىمگە ھەسەت قىلماڭ.ھەممە ئۇرۇش تالاش،جېدەل ھەسەت تۈپەيلى بولىدۇ،ئادەمنىڭ ئوغلى ئۇكىسىغا بولغان ھەسەت تۈپەيلى،ئۇكىسىنى ئۆلتۈردى،شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە ئادەملەر بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈش پەيدا بولدى.نېمىدىن؟ ھەسەت كۆرەلمەسلىكتىن.باشقىلارنى كۆرەلمىگەن ئادەم ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ،ئېغۋا قىلىدۇ،ئىلاج قىلسا ئۆلتۈرىدۇ.

‏ئىككنجى سۆزۈم،ھىچقاچان تەككەببۇر بولماڭ،كۆڭلىڭىزدە كىبىرگە ئورۇن بەرمەڭ.كىببىر ھەممە نەرسىنى خارلىققا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.ئاززازۇل ئىدىم،بىھىساب پەرىشتىلەرنىڭ ئۇستازى ئىدىم،ئادەمنى مەنسىتمىدىم،مەن ئادەمدىن بۈيۈكراق دېدىم شەيتان بولدۇم،كىممىكى تەككەببۇر ئىككەن ئاخىرى خار بولىدۇ.ئىبادەت قىلدىم،ئىلىملىك بولدۇم دەپ بىلىمىڭىزگە ئىشىنىپ كەتمەڭ،ئىبادىتىڭىز قوبۇل بولدىمۇ،بولمىدى بىلمەيسىز،بىلىمىڭىز پايدىلىك بىلىممۇ،يا ناپايدىلىق بىلمەيسىز.كىببىر ئادەم بالىسىنى خارلىككە باشلايدۇ.

‏‏ئۈچىنجى سۆزۈم،ھىچقاچان زىناغا قەدەم قويماڭ.زىنا شۇنداق كاسساپەت ئىشكى،ئەتىسى پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن ياخشىلىقنى توسىۋالىدۇ،ئىنساننى نىيتىگە يەتكۈزدىرمەيدۇ،يۈرىگىنى قارلايدۇ،ئىنساننى ناپاك قىلىپ قويىدۇ.سىزگە مەھرەم بولمىغان نامەھرەم جىنس بىلەن يالغۇز ئولتۇرماڭ،ئارىڭىزدا ئۆزۈم ئەلچى بولۇپ زىنا قىلدۇرىمەن.زىنا سىزگە پۈتۈلگەن ياخشىلىقنى ئۆچۈرۋېتىدۇ.
-‏تۆتىنچى سۆزۈم ،دىگەندە ئاللاھ توختاتتى.
‏-ئىي موسا ئۈچتە ھەق سۆزنى ئېيتتى،ئەمدى ئىشەنچىڭگە ئېرىشكەندىن كىيىن،سېنى يالغانغا،ئاداشتۇرغىلى باشلايدۇ…

‏شۇنداق ئادەملەر باركى،ئىشەنچىڭىزگە كىرىۋالغاندىن كىيىن يىلتىزىڭىزغا پالتا ئۇرىدۇ.
ئەجەبلەنمەڭ بۇلار شەيتان سۈپەت ئادەملەردۇر.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *