بالىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – تېببىي ئىنستىتۇتى بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لياڭ فۇرۇڭ بالىلارغا سىنك، كالتسىي، تۆمۈر تولۇقلاش ئۈستىدە توختىلىپ »بالىلار بۆلۈمىدە كۆرۈنۈپ داۋالىنىۋاتقان بوۋاقلاردا كالتسىي، تۆمۈر، سىنك كەملىكى كۆپ كۆرۈلمەكتە، بۇ بالىلارنىڭ مۇۋاپىق ئوزۇقلىنالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك« دەپ كۆرسەتتى. بۇ كۆرسەتمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغاندا:
1. تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا بولمايدۇ.
ساغلام بالىلار مەڭزى قىزىل، تېتىك كېلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئېزىلەڭگۈ بولىدۇ، دەرس ۋاقتىدا دىققىتىنى يىغالمايدۇ، ئۇيقىسى كېلىپلا تۇرىدۇ. لياڭ فۇرۇڭ »بۇنداق بالىلارنىڭ تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەم، كەم ئەمەسلىكىنى تەكشۈرتۈپ باققۇلۇق. تۆمۈر ماددىسى گموگلوبىننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تۆمۈر ماددىسى كەم بولغاندا، ئاسانلا قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىق، چىرايى تاتىرىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك ئىقتىدارى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبلىك تۆمۈر كەملىك كۆرۈلگەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن بولىدۇ« دېدى.
ئادەتتە ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارغا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىكتىن تۆمۈر كەملىك پەيدا بولىدۇ. بەزى ئاتا – ئانىلار بوۋىقىنى سۈتتىن باشقا ئۇماچ ۋە كۆكتات بوتقىسى بىلەنلا باقىدۇ. لياڭ فۇرۇڭ «گۆش تۈرى، تۇخۇم سېرىقى ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولىدۇ، بۇلار ئارقىلىقمۇ تۆمۈر تولۇقلاشقا بولىدۇ» دېدى. بەزى ئاتا – ئانىلار، پالەك تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپ، دېگەن گەپكە ئاساسەن بالىلارغا ھەدەپ پالەك يېگۈزىدۇ، ئەمەلىيەتتە پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلمەيدۇ. بالىلاردا قان ئازلىق كۆرۈلگەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاش كېرەك. تۆمۈر ماددىسىنى ئادەتتە ھەر كۈنى ھەر كىلوگىرام تەن ئېغىرلىقىغا تۆت مىللىگىرامدىن بەش مىللىگىرامغىچە ئۇدا ئىككى ئاي تولۇقلىسا بولىدىكەن.
2. سىنك كەم بولسا بولمايدۇ.
سىنك كەم بولسا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، بوۋاقلار ئالتە ئايلىقتىن ئاشقاندا بېلىقنى كۆپ يەپ بەرسە سىنىكنىڭ تولۇقلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئاتا – ئانىلار چوقۇم بالىلىرىدا سىنك كەم، كەم ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. لياڭ فۇرۇڭ مۇنداق دېدى: «سىنك ئېلېمېنتى ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن فېرمېنتنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى، ئەگەر سىنك كەم بولسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كېچىدىكى كۆرۈش سەزگۈسى ئاجىزلايدۇ ۋە تاماققا كۆڭلى تارتماسلىق، يارا ئېغىزى ئاسان ساقايماسلىق، ئاسان يۇقۇملىنىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە كالا، قوي گۆشلىرىدە سىنك مول بولىدۇ. ئادەتتە بالىلارنى ئالتە ئايلىقتىن ئاشقاندا بېلىق، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، سىنك كەملىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچار بولۇپ، دائىم ئىچى سۈرسە ياكى يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە سىنك كومىلىچى ئىچۈرسە بولىدۇ. ئادەتتە سىنك تولۇقلاش مىقدارى، ھەر كۈنى ھەر كىلوگىرام تەن ئېغىرلىقىغا 0.5 – 1 مىللىگىرامغىچە ئىككى، ئۈچ ئاي تولۇقلىسا بولىدۇ»
3. كالتسىي كەم بولسا بولمايدۇ.
بەزى بالىلارنىڭ كېچىسى چۆچۈپ ئويغىنىشى، يىغلاپ جېدەل قىلىشى، كۆپ تەرلىشى ئاتا – ئانىلارنى ئەندىشىگە سالماقتا، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كالتسىي كەملىك. لياڭ فۇرۇڭ «كالتسىي كەملىك كۆرۈلگەن بالىلاردا يەنە مېڭە لىپىلدىقى كېچىكىپ قېتىش، چىشى كېچىكىپ چىقىش، كۆكرەك قەپىسى غەيرىي يېتىلىش، پۇتى x شەكىللىك ياكى O شەكىللىك بولۇپ قېلىش ھەم ئاغرىش، چىش سۈپەتسىزلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئادەتتە كىشىلەر دەۋاتقان كالتسىي كەملىكنىڭ كۆپىنچىسىنى ۋېتامىن D كەملىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لياڭ فۇرۇڭ مۇنداق دېدى: «ۋېتامىن Dنىڭ رولى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ، ئەگەر ۋېتامىن Dنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، كالتسىينى ھەرقانچە تولۇقلىسىمۇ پايدىسى يوق. شۇڭا بالا 15 كۈندىن ئاشقاندا چوقۇم بېلىق مېيى يېگۈزۈپ، ۋېتامىن Dنى تولۇقلاش كېرەك. بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، يازدا كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلاپ بەرسە، بېلىق مېيىنى يېمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن قىشتا چوقۇم يېيىش كېرەك». كالتسىي كۇمىلىچىنى يېيىش – يېمەسلىك مەسىلىسىدە، مۇتەخەسسىسلەر، ئەگەر ئانىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى، ئوغۇز سۈتى يېتەرلىك بولسا، ئوغۇز سۈتىدە بېقىلغان بوۋاق ئۈچ ئايلىق بولغىچە ئوشۇقچە كالتسىي تولۇقلىمىسىمۇ بولىدۇ، ئۈچ ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە ھەر كۈنى 100 مىللىگىرام، ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە ھەر كۈنى 200 – 300 مىللىگىرامغىچە كالتسىي تولۇقلاش كېرەك، دەپ قارايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر كالتسىي تولۇقلاشتا كۆپ كۆرۈلىدىغان تۆت خاتا قاراشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى. بۇلار يالغۇز كالتسىينىلا تولۇقلاش ياكى ۋېتامىن Dنىلا تولۇقلاش؛ ئوغۇز سۈتىدە بېقىشنى توختاتقاندىن كېيىن كالا سۈتى ئىچكۈزمەسلىك (ئەمەلىيەتتە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە مول بولغان كالتسىي ماددىسى بار)؛ كالتسىي بىلەن ۋېتامىن Dنى تەڭ تولۇقلاش، ئەمما ئاپتاپقا ئاز سېلىش؛ كالتسىي ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى بىلەن كالتسىي كۇمىلاچلىرىنىڭ مىقدارىنى ئوخشاش كۆرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.