مۇھەببەت،چىن سۆيگۈنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ھەر خىل بۇلىدۇ
ئايالى ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتاتتى،يولدىشى بولسا بىر دوستى بىلەن شاھمات ئوينىغاچ تاماقنىڭ پىشىشىنى ساقلاۋاتاتتى.
-يېنىمغا كىرىڭە
ئايالى ئۇنى چاقىردى،ئاشخانىنىڭ ئارلىقى نەچچە قەدەم ئارلىق بولسىمۇ لېكىن ئەر شاھماتنى تاشلاپ يۈگرەپ دىگۈدەك ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى،ئەرنىڭ دوستى ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلدى.
ئەر ئاشخانىدىن يېنىپ چىققان ۋاقىتتا قولىدا پارچىلانغان پەمىدۇر پارچىسى بار ئىدى.
دوستى قىزىقىپ سورىدى
-پەمىدۇرغا بەكلا ئامراقكەنسەن ھە؟
ئەر كىشى پەمىدۇرنى چىشلىگەچ ئاشخانا تەرەپكە قاراپ قۇيۇپ:
-ئانچە بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.
ئەرنىڭ دوستى ھەيران قالدى.
-ئەمسە ئايالىڭ نىمىشقا سېنى چاقىرىپ ساڭا بۇنچە چوك پەمىدۇر پارچىلاپ بېرىدۇ؟
-ئۇ مېنى پەمىدۇر يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلايدۇ-ئەر سۆزىنى داۋام قىلدى-يېڭى توي قىلغاندا ئائىلىمىز نامرات ،پۇلىمىز كۆپ ئەمەستى، ھەر قېتىم ئايالىم پەمىدۇر قورۇغان ۋاقىتتا بىر پارچە پەمىدۇرنى ئاغزىمغا سېلىپ قوياتتى،شۇ ۋاقىتتا يېيىشنى ياخشى كۆرەتتىم،لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس.
-ئەمسە ئۇنىڭغا دېسەڭ بولمامدۇ
-نېمىشقا؟ئويلاپ باق ئەگەر ئۇ مېنىڭ مېنى دەپ پارچىلاپ بەرگەن پەمىدۇرنى يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغىنمنى بىلسە ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمامدۇ.
بۇ قول شاھماتتا ئەر يەڭدى، ئەر ئاشخانىغا قاراپ:
- خوتۇن، قارا قارا،سەن پارچىلاپ بەرگەن پەمىدۇرنى يىگەچكە يەنە يېڭىۋالدىم.
خۇلاسە كالام:
مۇھەببەت،چىن سۆيگۈنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ھەر خىل بۇلىدۇ، بىر بىرسىنى يۈرىكىدىن ياخشى كۆرۈشكەنلەر ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى ئەرزىمەس بىر ئىشلارمۇ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتتى بولۇپ ئىپادىلىندۇ.
مەسلەن،بىر ئىستاكان چاي،بىرەر ئېغىز چاقچاق،پارچىلانغان پەمىدۇر پارچىسى دىگەندەك بەلكىم چاي قىزىق بوپ قېلىپ ئېغىزىڭىزنى كۆيدۈرۈپ قۇيىشى مۇمكىن، بەلكىم چاقچاق ئۇنچە قىزىقارلىق بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم پەمىدۇرنى سىز ياقتۇرۇپ يىمەسلكىڭىز مۇمكىن…لېكىن شۇ كىچىككىنە كۆڭۈلنى ھەرگىز رەت قىلماڭ، ئاشۇ كىچىككىنە كۆڭۈل بىلەن پاك بىر مۇھەببەتنىڭ بىرگە ئىكەنلىگىنى ئونتۇماڭ.
بەخىت مانا مۇشۇنداق ئاددىلا بىر نەرسە، گەپ سىزنىڭ شۇ بەخىتنى ھېس قىلالىشىڭىزدا.
ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىككىمىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ ماڭغانلىرىمىز،كۆزلىرىمىزگە قاراپ تۇرۇپ مۇڭداشقانلىرىمىز، گەپ تەگىشىپ قېلىپ نەچچە كۈنگىچە قىيداشقانلىرىمىز…… قىسقىسى ئىلگىرى ئىككىكمىز بىرلىكتە ھەر بىر كۈن،ھەر بىر سائەتنىڭ ئۆزى بىر بەخىت.