ھەددىدىن زىيادە چارچاشنىڭ خەتەرلىك بىشارەتلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-26 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 172 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەگەر بىئاراملىق ھىس قىلسىڭىز، ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. يىقىندا، ئەنگىلىيەدىكى نوپۇزلۇق ساغلاملىق مۇتەخەسىسى ھېنىرى نىرىس ھەددىدىن زىيادە چارچاشنىڭ ئۇيقۇسىزلىق، باش ئاغىرىشتىن باشقا بىشارەتلىرنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇتەخەسىسلەر ئوتتۇرغا قويغان خەتەرلىك بىشارەتلەر تۆۋەندىكىچە:

 

1. 30-50 ياشتىكىلەرنىڭ يوغان قورساق بولۇشى ئۇلارنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى، ھەمدە قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ بىشارىتىدۇر.

 

2. چاچ چۈشۈش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش (تەڭگە تاز)كېسىلى، تاقىرباش بولۇپ قىلىش قاتارلىقلار خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش سەۋەبلىك كۋلىپ چىقىدۇ.

 

3. ھاجەتخانىغا كۆپ بېرىش. 30-40 ياشتىكىلەرنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش قېتىم سانىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ بولۇشى، ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسىنىڭ نورمالسىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 

4. جېنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش. ئوتتۇرا ياشلىقلاردا بالدۇرلا بەل تېلىپ ئاغرىش، جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى پۈتۈن بەدەن ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.

 

5. ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش، تونۇش كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قىلىش.

 

6. كۆڭلىدە ھىسابلاش ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كېتىش.

 

7. ئىش قىلغاندا دائىم پۇشايمان قىلىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىچى سىقىلىش، ھەسرەت چىكىش، مىجەزىنى تەڭشىيەلمەسلىك.

 

8. زېھنى كۈچىنى يىغالماسلىق.

 

9. ئۇخلاش ۋاقتى بارغانسىرى قىسقىراش، دائىم مۈگىدەش.

 

10. دائىم باش ئاغرىش، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆزى تورلىشىش، داۋالىسىمۇ ئۈنۈمى بولماسلىق.

 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *