ياپۇنىيە ئالىمى تەركىۋىدە ئادەمنىڭ گەندىسى بار ئەخلەتتىن سۈنئى گۆش ئايرىپ چىقىش ئۇسۇلىنى تاپتى
ياپۇنىيە ئالىمى تەركىۋىدە ئادەمنىڭ گەندىسى بار ئەخلەتتىن سۈنئى گۆش ئايرىپ چىقىش ئۇسۇلىنى تاپتى
ئوكاياما تەجىربىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى مىتسۇيۇكى ئىكېدا ئادەمنىڭ گەندىسىدىكى ئاقسىلدىن گۆش ياساپ چىققان، تەمى ھەققىقەتەن گۆش ئوخشاش ئىككەن.
زىيادە كۆپ مىقداردىكى گەندە پاتقىقىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ياپۇنىيە پاسكىنىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرى، بۇ تەتقىقاتچىدىن بۇ مەينەتلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ھەققىدە ئىزدىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ تەتقىقاتچى بۇ پاتقاقنىڭ كۆپ مىقداردا ئاقسىلنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان.
تەتقىقاتچىلار ئايرىۋېلىغان ئاقسىللارنى رېئاكسيە كۈچەيتكۈچ بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھەم پارتلاتقۇچ (exploder) قا سېلىپ، بۇ سۈنئى گۆشنى ھاسىل قىلغان. بۇ «گۆش» نىڭ تەركىۋىدە 63% ئاقسىل، 25% كاربون سۇ بىرىكمىسى، 3% ماي ۋە 9% مېنرال ماددىلار بار ئىكەن. ئۇنىڭغا يەنە رەڭ ۋە باشقا تەم تەڭشىگۈچنى قېتىش ئارقىلىق، تەمىنى كالا گۆشىنىڭ تەمىگە ئوخشاتقان. تەتقىقاتچىلار بۇ «گۆش» نىڭ باھاسىنىڭ راست گۆش بىلەن ئوخشاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئىكېدا ئەپەندى يىمەكلىكىڭىزنىڭ گەندىدىن ياسالغانلىغىدىن ئىبارەت پىسخولوگىيىلىك توسالغۇنى يېڭىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىدىكەن.
مەنبە: http://www.digitaltrends.com/int … -meat-out-of-feces/
WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان