تىرىشچانلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-20 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 151 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىڭىزنى يېڭىش−بۇ نام-ئاتاق، بايلىق ۋە تەربىيىلىنىشىڭىزدىنمۇ مۇھىمدۇر.
ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ. قىيىن ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ، يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتمەڭ.
رېئال دۇنيادا ھاياتنى ئۆزگەرتەلەيدىغىنى، تاشقى قائىدە-نىزام ۋە رەسىم-يوسۇنلار بولماستىن، بەلكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز قەلبىدە ئىجتىھات بىلەن كۆرۈشىشىدۇر.
بەزى ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش تەس، بىراق تېخىمۇ تەس بولغىنى شۇكى، گۇناھلىق ياكى خاتا ئىشلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىش.
ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەت ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆلچەم قىلمايدۇ، بەلكى سىزنىڭ قانچىلىغان تىرىشچانلىقىڭىزنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *