تاماكا چەككۈچى بۇرادىرىمگە ئۇچۇق خەت

يوللانغان ۋاقتى : 2014-04-07 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 299 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140407-154611.jpg

تاماكا چەككۈچى بۇرادىرىمگە ئۇچۇق خەت
ئىنسان ئۈزى بىلىپ بىلمەي ھەر-خىل گۇناھلارنى قىلىپ قۇيىدۇ. بەزىلەر بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ بەزىلەر بىلمەي تۇرۇپ قىلىدۇ. بىلمەي تۇرۇپ گۇناھ قىلىپ تەۋبە قىلسا ئۇ گۇناھنى قىلمىغان بىلەن ئوخشاش بۇلىدۇ. ئەمما بىلىپ تۇرۇپ قىلسا ئۇنىڭ ئازابىنى دۇنيا ئاخىرەتتە تارتىدۇ.
مەن كىچىككىنە بىر مىسال ئېلىپ سۆزلەي.
سىز تاماكا چەككۈچى ئادەم. تاماكا چىكىش ئادەم تىنىنى ھالاك قىلغانلىقتىن بۇنى چىكىش ھارام.
سىزنىڭ يېقىنلىرىڭىز تاماكىنىڭ زىينىنى بىلگەنلىكتىن سىزنى تاماكا چىكىشتىن توستى تاماكىنى تاشلىشىڭىزنى تەلەپ قىلدى. تاماكىنى تاشلىتىشتىكى مەقسىتى ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى سىزدىن يىراق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتتە دۇزاق ئازابىدىن قۇتقۇزماقچى.يەنە بىر مەقسىتى بولسا تاماكا كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ئادەم بەدىنىدە پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل ساقايماي ئېغىر-يىنىك كىسەللىكلەردىن سىزنى قۇتقازماقچى.
سىز بۇ ياخشى نىيەتلىك يېقىنىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ شەرىئەتتە تۇسۇلغان ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشكەن بۇ تاماكا دىگەن نىجىسنى ئەمدى چەكمەي دەپ تاماكىدىن قول ئۈزەلىسىڭىز سىزگە كاتتا ساۋاب بار. بۇرۇن تاماكا چىكىپ سىزدە پەيدا بولغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسى يۇيۇلۇپ كىتىدۇ. ھەقىقى تەۋبە قىلسىڭىز ئاللاھ سىزنى ئۆمۈر بۇيى تاماكا چەكمىگەن ئادەمدەك تاماكا چىكىشتىن شەكىللەنگەن گۇناھلىرىڭىزنى كەچۈرۋېتىدۇ. ھەم سىز ئاللاھ ماختىغان«تەۋبە قىلغۇچىلار» قاتارىغا كىرەلەيسىز.
ئەگەرسىز ئۇنداق قىلماي يەنى يېقىنىڭىزنىڭ نەسىھىتىنى توغرا يولغا باشلىشىشغا پەرۋا قىلماي ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ھەر-خىل ئاقماس سەۋەپلەر تۈپەيلى يەنە داۋاملىق تاماكا چىكىۋەرسىڭىز ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى قىلغان بۇلىسىز. تاماكا چەككەن ھالەتتە ئوقۇغان نامىزىڭىز مەقبۇل بولماسلىقى مۇمكىن. مەقبۇل قىلىنمىغان ناماز سىزنى دۇزاقتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.
ئاقىۋەتتە سىز تاماكا چىكىۋەرسىڭىز ئۇزۇنغا قالماي ئۆپكىڭىز،جىگىرىڭىز،يۈركىڭىز،كانىيىڭىز… ھەر-خىل تۇسالغۇلارغا ئۇچراپ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا تاماكا چەكسىڭىز شۇھامان تەسىرىنى كۆرسىتىپ سىزنى قىينايدۇ. سىز بۇ كىسەللىكلەر تۈپەيلىدىن تاماكىنى تاشلىسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە كىچىككەن بۇلىسىز. چۈنكى سىزنى يېقىنىڭىز تاماكىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇنى تاشلاشقا دەۋەت قىلدى. سىز قۇبۇل قىلمىدىڭىز، ھالا بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە تاماكىنىڭ زىينىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن جىسمىڭىز سىزنى تاماكىنى تاشلاشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
سىز بۇ چاغدا تاماكىنى تاشلىسىڭىزمۇ سىزگە تاماكا چەككەننىڭ گۇناھى بۇلۇپ تۇرىدۇ. گەرچە چەكمىگەن بولسىڭىز گۇناھ يېزىلىپ تۇرىدۇ. شۇ ھالىتىڭىزدە ئۆللسىڭىز ئىشىڭىز خەتەرلىك.
چۈنكى سىز تاماكىنى ئاللاھ ھارام قىلغانلىقى،بۇنى يېقىنىڭىزنىڭ بىلدۈرگەنلىكى سەۋەبلىك تاشلىغان ئەمەس جىسمىڭىزنىڭ بەرداشلىق بىرەلمىگەنلىكى،تاماكىنىڭ زىينى ئاشكارا كۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈنلا تاشلىغان. ئەگەر سىزگە تاماكا زىيان قىلىدىغان كىسەل كەلمىگەن بولسا سىز تاماكىنى ھەرگىز تاشلىمايتتىڭىز.شۇنىڭ ئۈچۈن سىز تاماكىنى تاشلىغان بولسىڭىزمۇ سىزگە گۇناھ يېزىلىپ تۇرىدۇ.
ۋەياكى كىسەللىك سەۋەبىدىن ئەمەس بىرەر باشلىقىڭىزدىن قورقۇپ ئۇنىڭ سىزگە ئۆچ بۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ،ياكى تاماكا چەككەنلىك سەۋەپلىك سىزگە كىلىدىغان مەنپەئەتنىڭ ئۈزۈلۈپ كىتىشىدىن قورققانلىق سەۋەپلىك تاماكىنى تاشلىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى سىز ئاللاھ ئۈچۈن تاشلىيالمىدىڭىزدە
ھەرقانداق بىر ياخشىلىقنى ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلمايدىكەنسىز بۇنداق ياخشىلىق سىزگە پايدا ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.
«ھەرقانداق يامانلىقنى، گۇناھ ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈنلا تەرك ئەتمەيدىكەنسىز بۇيامان ئىشتىن گۇناھتىن يانغىنىڭىز سىزنى نىجاتلىققا ئىرىشتۈرەلمەيدۇ. »
مۇشۇ قوش تىرناق ئىچىدىكى ئىككى جۈملە سۈزۈمنى مەڭگۈ ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ.
تاماكا تاشلىغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. تاشلاش ئەڭ قىيىن بولغان خىروئىننىمۇ تاشلىغانلارنى كۈرۈپ تۇرۋاتىمىزغۇ؟! سىزدە ئاللاھقا بولغان ھەقىقى مۇھەببەت،ئاللاھتىن قورقۇدىغان ھەقىقى قەلب، ئەركەكتەك ھەقىقى ئۇغۇل بالىدەك ئىرادە جاسارەت بولسىلا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئاسان.
يەنە بىرسى ناماز ئوقۇمايدىغان ياكى ئوقۇسىمۇ تۇلۇق بەش ۋاقىت ئوقۇمايدىغان ئادەمدە شەيتان ئىنتايىن كۈچلىنىدۇ. شەيتىنى كۈچلەنگەن ئادەمنىڭ قۇلىدىن ھەممە يامانلىق كىلىدۇ. ياخشىلىققا قۇلى بارمايدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا«ناماز يامان ئىشلاردىن تۇسىدۇ» دىگەن. سىز نامازنى تۇلۇق تەلەپ قىلىنغان بۇيىچىلا ئوقۇسىڭىز سىزدىكى ناچار ئىللەتلەر ھەممىسى ئۆزلىگىدىن تۈگەيدۇ.
يۇقارقىلارغا ئوخشاش ھەممە يامان ئادەت تاماكا توغۇرلۇق يېزىلغان مەزمۇنلارنىڭ ھۆكمىدە بۇلىدۇ. يەنى ھاراق ئىچىشنى ھارام دەپ تاشلىماستىن سىزگە زىيانقىلغاندا تاشلىسىڭىز، نېشە چىكىشنى ئاللاھ ھارام قىلغان دەپ تاشلىماي سىزگە زىيان قىلغاندا تاشلىسىڭىز قەتئىي پايدىسى بولمايدۇ،
ئاللاھ سىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي يۈزلىنىدىغان كىشىلەر قاتارىدىن قىلسۇن
م يۇلۇچىنىڭ يازغان يۈرەك سۆزلىرى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *