تەكەببۇرلۇق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-13 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 128 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

تەكەببۇر ئادەم باشقىلارنىڭ ماختىشىنى تاما قىلىدۇ. ئۇ، ماختاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ. ھۆرمەت تېپىش ئۈچۈن ئۇ باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر. كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا باشقىلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ. شۇغىنىسى، كىشىلەرنىڭ تەكەببۇر ئادەمگە بېرىدىغان باھاسى ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا، تەكەببۇر ئادەم مەڭگۈ ئۆزى كۆزلىگەن نەرسىسىگە ئېرىشىپ بولالمايدۇ.
تەكەببۇرلۇق دۆتلۈكتۇر. ئۇرۇق-جەمەتىنىڭ كېلىپ چىقىشى ياكى دۆلەت تەۋەلىكىدىن پەخىرلىنىش، تېخىمۇ دۆتلۈكتۇر.
بۇ دۇنيادىكى ئىپلاسلىق-رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەكەببۇرلۇقتىن كېلىدۇ. ئۇرۇق-قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇش-تالاشلىرى ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارمۇ تەكەببۇرلۇققا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ.
تەكەببۇر ئادەم مۇز قاپ كىيىۋالغانغا ئوخشايدۇ. ھەرقانچە ياخشى، ئىللىق ھېس-تۇيغۇلارمۇ ئۇ مۇز قاپنى بۆسۈپ ئۆتەلمەيدۇ.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *