Windows XP نىڭ تارقىتىلغىنىغا 10 يىل بولۇپ قالدى . لېكىن يېقىنقى بىر قېتىملىق سىتاتسىكىدا بۇ سىستېمىنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ،يەنى 4 -ئايدىكى بازار نىسبىتى 46.08% بۇلغان لېكىن 3-ئايدىكى 46.86% تىن ئازراق تۆۋەنلىگەن .Windows 7 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان ،تەخمىنەن 38.67% نى ئىگىلىگەن ، لېكىن Windows 7 نىڭ 3-ئايدىكى بازار نىسبىتى 37.54% ئىدى .بىز يەنە باشقىلارغا قارايدىغان بولساق Vista نىڭ نىسبىتى 7.32 % كە چۈشكەن ،OS X10.6 بولسا ئارانلا 2.71 % نى ،ئەڭ يeڭى نەشرى 10.7 بولسا 2.71 % نى ،Linux بولسا 1% بىلەن ئەڭ كەينىدە تۇرىدىكەن . دېمەك كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىدىغىنى يەنىلا ئىشلىتىپ كۆنگەن Windows XP ئىكەن .
3
06-2012
كىشىلەر يەنىلا Windows XP نى ياقتۇرىدۇ
- raziman
- 2012-06-3
- كومپيوتېر
- كۆرۈلۈش سانى : 698
- پىكىر يوق