سېخىي

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-27 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 161 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا ياۋا ئات ناھايىتى كۆپ بىر كەنىت بولغان ئىكەن ، ھەر قەدەمدە دىگۈدەك ياۋا ئات ئۇچىراپ تۇردىكەن ، كەنىتتىكىلەر ياۋا ئاتنىڭ كۆپلىكىنى بىلىدىكەنيۇ  بىراق بىرەرسى بىلەنمۇ كارى بولمايدىكەن ، كۈنلەر ئۆتۈپ ، يىللار ئۆتۈپ بۇ كەنىتكە بىر يات كەنىتتىن بىر سودىگەر كېلىدىكەن ، ئۇ سودىگەر كەنىتكە كېلىپ ياۋا ئات ئالىدىغانلىقىنى ھەر بىر ئاتنى 5 تىللادىن ئالدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن ، نۇرغۇنلىغان كىشلەر بىكاچىلىقتىن ئۆيدە ئوتتاغاندىن دەپ كۈندە ياۋا ئات تۇتىدىكەن ، تۇتە تۇتە قىلىپ نۇرغۇن ياۋا ئاتلار تۇتۇلۇپتۇ ، تۇتۇش تەسلىشىپتۇ ، سودىگەر كەنىتتىكىلەرگە ئىلھام بىرىش ئۈچۈن ئات باھاسىنى 50 تىللاغا ئۆستۈرۈپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى بارچە ئىشىنى تاشلاپ ياۋا ئات تۇتۇش جېڭىگە ئاتلىنىپتۇ ، تۇتە تۇت قىلىپ ياۋا ئات تۇتۇلۇپ تۈگەي دەپتۇ بودو تېخىمۇ تەسلىشىپتۇ ، سودىگەر بودو 100 تىللاغا ئۆستۈرۈپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن كەنىتتە بىرمۇ ياۋا ئات قالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن سودىگەر ئەمدى ياۋا ئات ئالدىغانلار بولسا 200 تىللاغا ساتىدىغانلىقىنى دەپتۇ ، كەنىتتىكىلەر ھەممىسى سودىگەرنى ئەيىپلىشىپتۇ ، سودىگەر ياۋا ئاتتىن تازا پايدىلىنىپتۇ ، سودىگەر باشقا كەنىتكە كېتىپتۇ ۋە ئات ئالدىغانلار بولسا ئىزدەشنى ئېيتىپتۇ ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر سودىگەر كەپتۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ياۋا ئات ئالغىلى كەلگەنلىكىنى ھەر بىر ئاتنى 300 تىللادىن ئالىدىغانلىقىنى دەپتۇ ،  ۋە كېلەر ئايدا كېلىدىغانلىقىنى كەلگەندىن كېيىن ياۋا ئاتلارنى ئېلىپلام قايتىدىغانلىقىنى دەپ باشقا كەنىتكە كېتىپتۇ بۇنى ئاڭلىغان كەنىتتىكىلەر ئاتنى ئەرزان سېتىپ قويغانلىقىنى ئويلاپ بەك پۇشايمان قىلىشىپتۇ ، ئۇلار باشتىكى سودىگەردىن 200 تىللادىن ئېلىپ بۇ سودىگەرگە 300 تىللادىن سېتىپ 100تىللادىن پايدا ئېلىشنى ئويلاپ كەنىتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بەس بەس  بىلەن باشتىكى سودىگەردىن 200 تىللادىن ئات سېتىۋاپتۇ ، پۇلى يەتمىسە قوي-كالىللىرىنى بولسىمۇ سېتىپ بولسىمۇ ياۋا ئات سېتىۋاپتۇ ، ئالە – ئال قىلىشىپ سودىگەرنىڭ قولىدىكى بارلىق ئاتنى200 تىللادىن ئېلىپ تۈگۈتۈپتۇ ، ھەممىسى شۇنداق خوشال ھەر بىر ئاتتىن زور پايدا ئالىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ ناھايىتى خوشال بولۇشۇپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سودىگەرنىڭ كېلىشىنى ساقلاپتۇ بىراق كېيىنكى سودىگەردىن ھېچ سادا بولماپتۇ ، ئاي ئۆتۈپ يىلمۇ ئۆرۈلەي دەپ قالسىمۇ سودىگەر كەلمەپتۇ ھەممىسى قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ ، بىراق زىياننىمۇ ئالامەت تارتىپتۇ ، كېيىن ئۇقسا ئۇ ئىككى سودىگەر يىراق كەنىتتىكى ئاكا-ئۇكا قويمىچىلار ئىكەنتۇق . ھازىرقى ئەھۋالىمىز مۇنۇ كەنىتتىكىلەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ ، ھازىر مۇشۇنداق ھەممە نەرسىنى ئەرزان باھادا خەققە بىرىۋىتىپ كەلگۈسىدە قانچە پۇلغا ئالامىز، شۇيوقاتقاننى ئالىمىزدەپ نىمە كۈنلەرنى قانداق زىيانلارنى تارتىپ كېتەرمىزدەپ ئويلاپ قالىمەن          ھەي ئۇلۇغ رەببىم، بىزنى كەنىتتىكىلەردەك  « سېخىي » قىلىۋەتمىگىن ، بىزنى غەپلەتتىن ، نادانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *