ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-10-23 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 136 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

شۈبھىسىزكى، ئائىلە قۇرۇش كىشلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئەھمىيەتلىك بولغان ئىقتىسادىي غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۆيلەنمىگەن بويتاق كىشىلەرنىڭ كۆپۇنچىسى قانچىلىك كۆپ پۇل تاپقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پېقىرلىقتا ياشايدۇ.
بويتاق ھاياتتا بەرىكەت بولمايدۇ. يېمەك ـ ئىچمەك،كىيىم ـ كىچەك ۋە باشقىمۇ چىقىملىرى ئادەتتە ھەسسىلەپ كۆپ بولىدۇ. ئەمما ئائىلە قۇرغان كىشى ئائىلىسىدىكىلەرگە چىقىم قىلغان بولسىمۇ، ئۇ راھەت، بەرىكەت ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئائىلە قۇرغانلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرنىڭ چىقىمىنى ئەر كىشى كۆتۈرگەندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭ، پۇل ـ مېلىنى بەرىكەتلىك قىلىدۇـ دە، قىيىنچىلىق تارتمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ياراتقان ھەر قانداق بىر جانلىقنى رىزقى بىلەن ياراتقان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان كىشىمۇ بۇ سەۋەبتىن پېقىر بولۇپ قالمايدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئۇلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىن ۋە پەرزەنت كۆرۈشتىن باش تارتىشلىرى ئۈچۈن ئۆزۈر بولالمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى پاكلىق ۋە تەقۋالىق دىنىدۇر. شۈبھىسىزكى، ئائىلە قۇرغان كىشىلەردىن قىسمەنلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەك ياخشى بولالمىسىمۇ، ئائىلە ھاياتى پاك ۋە شەرەپلىك ھايات بولغاچقا، ئۇنىڭ بەرىكىتى، ياخشىلىقلىرى كىشىگە سائادەت بېغىشلايدۇ.
ئائىلە ھاياتىدىكى ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە بالىلار بىلەن بولغان مېھرى ـ شەپقەت، سۆيگۈ سايىسىدا دۇنيانىڭ بەزى غەم ـ قايغۇلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرى ھېس قىلىنمايدۇ. نەتىجىدە، كىشى بەختلىك ئۆمۈر سۈرىدۇ. بەخت ـ سائادەت دېگەن مانا مۇشۇ.
بۇنىڭغا نېمە يەتسۇن. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلىنىشكە ماددىي جەھەتتىن ئاجىز كىشىلەرنىمۇ دەرھال ئۆيلىنىشكە چاقىرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆيلىنىڭلار، ئەلۋەتتە ئاياللار سىلەرگە مال ــ دۇنيا بىلەن كېلىدۇ» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]ئۆيلىنىش بەرىكەت تېپىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.
مۇسۇلمان كىشى بۇنى ئەلۋەتتە ياخشى چۈشىنىدۇ. چۈنكى، ئۆيلىنىش كۆپۇلنى يامان غەرەزلەردىن، ئۆزىنى ھارام ئىشلاردىن ساقلىغانلىق ئېتبارى بىلەن ئەر ـ ئايال ئىككىسىنى روھىي تەرەپتىن يوقىرى دەرىجىگە كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ. تەقۋادارلىق پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ تۇرتكىسى ۋە پۈتۈن پەزىلەتلەرنىڭ ئامىلىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. [سۈرە تالاق 2 ـ 3 ـ ئايەتلەر]

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *