ئۆزىڭىز تىپىپ باقامسىز ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-28 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 172 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىمتھان مەيدانىدا بىلوگىيە ئىمتھانىدا پولات بىر تەس سوئالغا يولۇقۇپ بەك جىلى بولوپ كىتىپتۇ ، قانداق سوئالكەن دىمەيسىلەر؛
قۇشنىڭ پۇتىغا قاراپ قۇشنىڭ ئىسمىنى ۋە تۇرىنى دەپ بىرىدىغان سوئالكەن .
زادى بۇ سوئالغا ئامال قىلالماي كالىلسى قىتىپ ئىچى پۇشقان پولات ئاخىرى ئىمتاھان قەغىزىنى يىرتىپ تاشلاپ سىرىتقا قاراپ مىڭىپتۇ .

بۇنى كورگەن كومىسىيە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچىقى كىلىپ ئۇنىڭدىن : سەن قايسى سىنىپتا ئوقۇيسەن ؟ ئىسمىڭ نىمە؟
پولات قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن ئايىقىنى سىلىپ ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تۇرۇپ مۇئالىمگە كورسىتىپ تۇرۇپ . ئۆزىڭىز تىپىپ باقامسىز ؟ دەپتۇ .

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *