بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان رۇخسەت سوراش ئىلتىماسى
بىر ئەرنىڭ ئايالىغا يازغان رۇخسەت سوراش ئىلتىماسى
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىزدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، بۈگۈن كەچلىك تاماققا ئۆيگە قايتالمايدىغان بولدۇم، ئەسلىدە سىز بىلەن ئائىلە سايمانلرى كۆرۈشكە بارماقچى بولغان ئىدىم، ئامالسىز بۇ ئىشنى كەينىگە سۈرۈشكە توغرا كەلدى. بۇ ئىش ئۈچۈن سىزگە بولغان ناماقۇللۇقۇمنى بىلدۈرىمەن، چوقۇم كەچ سائەت 10 دا قايتىپ سىزگە بىر كۈنلۈك ئىدىيىۋى خىزمەت ئەھۋالىمنى بىرمۇ-بىر دوكلات قىلىمەن.
بۇ ئىش ئالدىن بەلگىلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، تەشكىلنىڭ 24 سائەت بۇرۇن ئىلتىماس قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قويدۇم، ئالاھىدە ئەھۋالغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلارسىز. تېلىفۇن ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق رۇخسەت سورىسام مېنىڭ سەمىمىي كۆڭلۈمنى سىزگە مۇۋاپىق ئىزھار قىلالمىغۇدەكمەن شۇڭا بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىزنىڭ ئورنىڭىز بەكمۇ يۇقىرى، سىز تاماققا بەك ئۇستا، سىز بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش مەن ئۈچۈن بەخت. مېنىڭ ھازىر شۇنداق ئۆيگە قايتىپ تاماق يېگۈم بار، شۇ تاپتا كۆز ئالدىمدا سىز ئەتكەن ئوخشىغان تاماقلار ، مۇشۇنداق ئوخشىغان تاماقلارنى يېيەلمىگىنم ئۈچۈن بەكمۇ ئۆكۈنۈۋاتىمەن. ئەگەر خۇدايم ماڭا قايتا تاللاش پۇرسىتى بەرسە ، ھازىرلا ئوقتەك بېرىپ، تۈنۈگۈن ئېشىپ قالغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قورۇمىسىنى ئېشىپ قالغان تاماقلارنى پاك-پاكىز يەۋىتەتتىم، چىنە-قاچىلارنى يۇيۇۋېتەتتىم. ئەپسۇس، خۇدايىم ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرمەپتۇ. بۈگۈن خەلقئارالىق بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇش يامان ئادىتىمنىڭ تۈرتكىسىدە، خىزمەتداشلاردىن 9 ئەر، بىرمۇ ئايال يوق، شىركەت يېنىدىكى ئاشپۇزۇلدا تاماق يەيمىز. تاماقتىن كېيىن خوجايىن باشچىلىقىدىكى ناخشا ئېيتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، بۇ خوجايىن بىلەن بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، كىرىمىمنىڭ ئېشىپ سىزنىڭ چوڭ-چوڭ خەجلىشىڭىزگە پايدىلىق بولغانلىغى ئۈچۈن، تەستىقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۆيۈملۈك رەپىقەم، مەن چوقۇم سىزنىڭ تەلىمىڭىز بويىچە ھاراقنى ئاز ئىچىپ، كۆكتاتنى كۆپ يەيمەن، بېرىشقا تېگىشلىك بولمىغان يەرلەرگە قەتئىي بارمايمەن، سىز سىزىپ بەرگەن ئىنقىلابىي چېگرىنى چىڭ ساقلايمەن. يۇيۇش-ئوۋۇلاشقا دائىر تۈرلەرنى رەت قىلىپلا قالماي، يەنە باشقا خىزمەتداشلارغىمۇ قاتناشماسلىق توغرىسدا تەربىيە قىلىپ ئىنقىلابىي پاكلىقىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن. ئەگەر سېپىل سوقىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ھەرگىز قاتناشمايمەن، ماجاڭ ئوينىغاندا كارتا سېرىگىلى بولمايدىغانلىغىنى سىزمۇ بىلىسىز شۇڭا بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.
سىزگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، كەچ سائەت 10 دىن 0مىنۇت، 15 سېكۇنت ئۆتكىچە چوقۇم ئۆيگە ئۈنۈپ بولىمەن (تاماق ئۈستىلى يېنىدىكى سائەت ئۆلچەم قىلىنىدۇ). بۇنىڭغا ھەر ئايلىق 50سوملۇق تۇرمۇش پۇلۇم بىلەن كاپالەت بېرىمەن. يۇقىرىقى ئەھۋاللار ئەمەلىيەت، تەكشۈرۈشىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن.
ئەرلەر سىرتقا چىقىپ كەتسە ئاياللار ھامان ھەرخىل ئەندىشىلەردىن خالىي بولالمايدۇ، ئەرلىرىنىڭ ياخشى- يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا ئىناقسىزلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. ئەپەندىلەر، سىلەرمۇ سىرتقا چىققاندا مۇشۇنداق ئىلتىماس يېزىپ سىناپ باقامسىلەر، ئۇنداقتا ئاياللىرىڭلار سىلەردىن يۈزدە-يۈز خاتىرجەم بولغان بولاتتى.