ئاتا – ئاناڭنىڭ قەدرىگە يەت

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-21 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 253 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئاتا – ئاناڭنىڭ قەدرىگە يەت ، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى ، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ  پۇتىغا سۆيسەڭمۇ ، ئۇلاردىن ساڭا  ھېچ قانداق ئىنكاس كەلمەيدۇ .
كۆز يېشىڭ دەريا بولۇپ ئاقسىمۇ بىر تامچە يېشىڭنى سۈرتۈپ قويۇشقا قادىر بولالمايدۇ . ئېچىرقاپ كەتكىنىڭدە ، ئال بالام دەپ بىر بۇردە نان بېرەلمەيدۇ .
ئەنە ئاشۇ چاغدا سەن ئۇلارنى ھېچ يەردىن ئىزدەپ تاپالمايسەن ، چۈنكى ئۇلار سەن ئۈچۈن يېرىم ئۆمرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە سەندىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي ، اللە دىن ئۆز مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن كەتتى . مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسكە كەتتى ، سەن بولساڭ پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈش قاينىمىغا غەرق بولدۇڭ

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *