كومپيۇتېر ئەرلەرنىڭ دۈشمىنىمۇ؟
كومپيۇتېر ئەرلەرنىڭ دۈشمىنىمۇ؟
يېقىندىن بۇيان، «مىكروبلوگلاردا WIFI ئۇرۇق ئۆلتۈرىدۇ، ئۇرۇقنىڭ DNA سىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندۈرىدۇ ..» دېگەندەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈردى. مەلۇم تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئەرلەرنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقىنى WIFI ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان كومپيۇتېرنىڭ قېشىغا 4 سائەت قويغاندا، مەنىي سۇيۇقلۇقى «پىشىپ» قالغان، بەزىلىرىدە DNA ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، سىمسىز تورغا چىققان چاغدا تارقالغان ئېلېكترو ماگنېت رادىئاتسىيىسى دەل «ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى قاتىل» بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
-
WIFI ئۇرۇق ئۆلتۈرەمدۇ؟
مەزكۇر تەتقىقاتتا 29 نەپەر ئەرنىڭ مەنىي سۇيۇقلۇقى تەجرىبە قىلىنغان بولۇپ، مەنىي سۇيۇقلۇقى WIFI ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان خاتىرە كومپيۇتېردىن 3 سانتىمېتىر كېلىدىغان جايغا قويۇلۇپ، ئۇرۇقتىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى كۆزىتىلگەن. تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4 سائەتتىن كېيىن %25 ئۇرۇق ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاپ ھەرىكەتلىنىشتىن توختىغان. كومپيۇتېردىن يىراقراق ئورۇنغا قويۇلغان مەنىي سۇيۇقلۇقىدا پەقەت %14 ئۇرۇق ھەرىكەتلىنىشتىن توختىغان، WIFI بولمىغان جايغا قويۇلغان مەنىي سۇيۇقلۇقىدىكى ئۇرۇقلار ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان.
مەزكۇر تەجرىبىدىن مەلۇم بولىشىچە، سىمسىز تورغا چىققاندا تارقالغان سىمسىز تور سىگنالنىڭ چاستوتىسى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما قۇۋۋىتى ئانچە يۇقىرى بولمايدىكەن. شۇڭا، ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، بىخەتەر دائىرىدە بولىدىكەن. تەسىر قىلدى دېيىلگەندىمۇ ئادەمنىڭ تېرە قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بەدەنگە زىيادە يېقىن بولۇپ كەتمىسىلا، بەك ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
-
ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى يان كومپيۇتېر
ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتى مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالىملار ئىلگىرى 48 دانە چاشقان ئۈستىدىن تەتقىقات ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇرۇقنىڭ زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى يان كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسىقىلى بىلەن ئوڭ تاناسىپ مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن، رادىئاتسىيە مۇھىتىدا 4 سائەت تۇرغان ئۇرۇقنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسى رادىئاتسىيە مۇھىتىدا 2 سائەت تۇرغان ئۇرۇقنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىدىن روشەن يۇقىرى بولىدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، 30 ياشلىق ئۇرۇق بىر كېچىدىلا قېرىپ 60 ياشلىق بوۋاي ئۇرۇققا ئايلىنىپ قالىدىكەن.
ئالىملارنىڭ 196 نەپەر ئەر ئۈستىدىن يەنە مۇشۇ ھەقتە ئىشلىگەن تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۈنىگە 5 سائەت ئەتراپىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقى گەرچە نورمال سەۋىيىدە بولسىمۇ، ئەمما كۈنىگە 2 سائەت ئەتراپىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدىكەن.
-
ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى خىمىيىلىك ماددىلار
ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى، خىمىيىلىك ئوغۇت، دېزىنفېكسىيە دورىلىرى، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملار، يېمەكلىككە قوشۇلىدىغان خىمىيىلىك تەركىبلەر، تاماكا ئىسى، ئىسپىرت (ھاراق)، خىمىيىلىك دورا، ئېغىر مېتاللار، مىكرو ئورگانىزملاردىن يۇقۇملىنىش (جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى «قاتىل» لاردۇر.
- ئۇرۇق ئۆلتۈرگۈچى يېمەكلىكلەر
كولانىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گەپلەر تارقىلىپ يۈرگىلى خىلى بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ كولانىڭ ھەقىقەتەن ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش تەسىرى بارلىقى ئىسپاتلاندى. بۇندىن باشقا، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرمۇ ئۇرۇقنىڭ بېشىغا چىققۇچى يېمەكلىكلەردۇر.
1. ياغدا پىشۇرۇلغان توخۇ
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتقا قاقلانغان ياكى ياغدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا Acrylamide (丙烯酰胺) بولىدىكەن. بۇ خىل ماددا ئەرلەردىكى ئۇرۇق ئازلىق، ئۇرۇق ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدىكەن.
2. پىۋا
پىۋىنى كۆپ ئىچىشنىڭ ئەرلەرگە زىيانلىق ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ نورمىدىن ئارتىپ كەتكەندە بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدىغانلىقى كۆپىنچە كىشىلەرگە سىر ئەمەس. بۆرەكنىڭ ساغلام ياكى كېسەلچان بولۇشى ئەلۋەتتە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
3. قەھۋە
قەھۋە روھنى كۆتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى قەھۋە ماددىسى ئادەمنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسىنى غىدىقلايدۇ. بۇ خىل نېرۋا غىدىقلانسا ئادەم روھلىنىپ، ھاياتى كۈچى ئاشىدۇ. ئەمما، قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋا كېچىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىمپاتىك نېرۋا ھەرىكىتى زىيادىلىشىپ كەتسە، نىسبەتەن ئاجىز بولغان قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋا بېسىمغا ئۇچراپ، كلىنىكىدا جىنسىي ھەۋەس چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ھېسسىيات ئۆزگىرىشى چوڭراق بولغان، ئوڭاي ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئىلگىرى قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم.