ھايات تولىمۇ گۈزەل

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-29 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 123 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ھايات تولىمۇ گۈزەل. ئەمما، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالىغانلار ئۈچۈن ھەر بىر كۈنىڭىز شۇنچىلىك بەك گۈزەلدۇر.
ھايات ئەخلاقلىق، ھايالىق، بىلىملىك، ئالىيجاناپ كىشىلەر ئارىسىدىلا گۈزەللىكىنى نامايەن قىلالايدۇ.

ھايات تەكەببۇر، ھاكاۋۇر، خوشامەتچى، شەخسىيەتچى، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامىراق… ئادەملەرنىڭ قولىدا ئۆز قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىپ، ئەھمىيەتسىز ھالدا لاي سۇدەك ئېقىپ ماڭىدۇ. مانا مۇشۇنداقلار ئۆزىنىڭمۇ، باشقىلارنىڭمۇ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ.

سىز ھاياتنى سۆيەمسىز؟ ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ ھەر بىر سېكۇنت ۋاقتىڭىزغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىڭ. چۈنكى، ھايات مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتىن تەشكىل تاپقان.

سىز ھاياتمۇ؟ ئۇنداقتا ھاياتىڭىزنى ھازىرقى ۋاقىتتىن باشلاپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشتىن باشلاڭ. مەن ھايات دەپ يۈرۈپ ھاياتىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىۋەتكەنلەر ئىنسانلار ئارىسىدىكى زېمىنغا يۈك بولۇۋاتقان ئۆلۈكلەردۇر.

- ئالىمجان ئوسمان (شاھدىيارى) -

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *