مارت 8 2013
ئانا سۈتى سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن
ئەقىل چىشىنىڭ كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋارىچىلىكى ناھايىتى كۆپ. بولۇپمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەقىل چىشىنىڭ ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاياللار ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋۋال قايتا-قايتا ياللۇغلىنىدىغان ئەقىل چىشىنى يۇلدۇرۇۋەتكىنى ياخشى.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ يېتىلىشى تېز بولۇش سەۋەبلىك كۆرۈلىدىغان قان ئازلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئاسانلا ئەقىل چىش ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا چىش قاتتىق ئاغرىپ ئېغىزنى ئېچىشمۇ قىيىن بولىدۇ. شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ خىل ئازابقا قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ، تولا ياللۇغلىنىپ قالىدىغان ئەقىل چىشىنى يۇلدۇرۇۋېتىش كېرەك.