بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى دېگەن نېمە؟

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى دېگەن نېمە؟

بالىلار جىم تۇرالماسلىق يىغىندا كېسەللىك يەنە بالىلار جىم تۇرالماسلىق كېسىلى يىنىك دەرجىدىكى مىڭە ئىقتىدارى تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى دىققەت كەمتۈكلىكى توسقۇنلۇققا ئۈچىراش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەقلى ئىقتىدارى نورمال بولىدۇ.بالىلارنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ ئەمىلى يېشى،پىسخلوگىيلىك فىزلوگىيلىك تەرەققىيات جەريانىغا رۇشەن ماس كەلمىگەن،ھەركىتى كۈپىيىش،دىقىتى چېچىلىش ،ئاسان ھاياجانلىنىش،ئۈزىنى باسالماسلىق،بەڭۋاش ھېسىياتى مۇقىم بولمىغان شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان دەرجىدە ئۈگىنىشتە قىيلىنىش،ھەركەت ئىقتىدارى ماسلىشالماسلىق ياكى ماھارەت ئىقتىدارنىڭ تەرەققياتى كېچىكىش.بۇ كېسەللىك بالىلىق دەۋىردەئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان پىسخلوگىيەلىك توسقۇنلىققا ئۇچىراشنىڭ بىرى. دولەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلغان ماتىرىياللارنىڭ كۆرسىتىشچە،كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 10%-15%گىچە ئوغوللاردا قىزلارغا قارىغاندا كۆپ بولىدىكەن.قىز ئوغوللار نىسبىتى 3.9:1گىچە بولىدۇ.كۆ
پ قىسىملىرى يەتتە ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆرۇلىدۇ.ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسىى تۆۋەندىكىچە: 1.ھەركىتى كۆپلەش كېتىش:كېسەلگە گىرپتار بولغان بالىلارنىڭ دائىم ھەركىتى ئازلىقتىن كۆپىيىدۇ.ھاياجانلىنىپ ھەركىتى كۆپلەپ كىتىدۇ.قوغلىشىپ ئۇرۇشۇشقا ئامراق بولىدۇ.پەستە ئۆمىلەپ،ئىگىزگە يامىشىدۇ،جىم ئولتۇرالمايدۇ.دەرىسخاندا توختىماستىن كىچىك ھەركەتلەرنى قىلىپ ئولتۇردۇ،ياكى ئورۇندۇقنى مىدىرتىپ ئۇياق-بۇياققا بۇرايدۇ.ئۇياق-بۇياققا ماڭىدۇ،ۋاقىرايدۇ،سۆزلەيدۇ،قېشىدىكىلەرنى تىرىكتۇرىدۇ.دەرسخانىنىڭ تەرتىۋىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئاز قىسىمدىكى كېسەل بالىلار دەرس ئاڭلىغاندا رۇشەن ھالدىكى كۆپ ھەركەت قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۇلمەيدۇ،جىمجىت ئولتۇرىدۇ.ئىككى كۆزى ئوقۇتقۇچىغا تىكىلىپ تۇرىدۇ.ئەمىلىيەتتە دىقىتىنى يىغالمايدۇ.مۇئەللىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى قەتئى بىلمەيدۇ.2.دىققىتى توسقۇنلىققا ئۇچىراش: ئىپادىسى بەلگىلىك سورۇن ياكى ئىشلاردا دىققىتنى يىغالمايدۇ.تاللاش خاراكتىرلىق دىققىتنى يىغىش كەمچىل بولىدۇ.بولۇپمۇ دەرس ئاڭلىغاندا كۆڭۆل قويۇپ دەرس ئاڭلىمايدۇ.دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ،دىققىتىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ.(ساغلام بولغان 7-5ياشقىچە بولغان بالىلاردا مەلۇم ئىشقا دىققتنى يىغقاندا ئوتتۇرچە ۋاقتى 15مىنوت بولىدۇ.10-7ياشقىچە بولغان بالىلاردا 20مىنوت بولىدۇ.13-10ياشقىچە بولغان بالىلاردا 30مىنوت بولىدۇ.)شۇڭلاشقا ئىش قىلغاندا ئۇزۇنغا چىدىيالمايدۇ.ئاسانلا شارايىىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئاخىرغىچە چىدىيالمايدۇ، ھەتتا ئويۇن ئوينىغاندمۇ دىققىتىنى يىغالماي ئاخىرىغا چىقىرالمايدۇ.

نەتىجىسى تۇيۇقسىز تۈۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا ياكى يۇقۇرقىدەك يامان ئادەتلەر بولسا ئاتا-ئانىلار چۇقۇم سەۋىرچانلىق،ئىنچكىلىكبىلەن ئۇنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش كېرەك.بۇ كىسەلگە قاراپ داۋالاش ئۇسۇلى دىيىلىدۇ.ئامالنىڭ بارىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش نەتىجىسىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ياردەم بېرىش ۋە يامان ئادەتلىرىنى تۈگۈتۈش ،جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.