ئۆلگەندىن كېيىن

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-30 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 147 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىرسى بىزدىن: «ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟» دەپ سوراپ قالغۇدەك بولسا، بىز بىلمەيمىز، بىلىشكىمۇ قادىر ئەمەسمىز. بىراق، شۇ بىر نۇقتا راستكى، ئەگەر بىز ئاللىقانداق يەرگە كېتىشىمىز مۇقەررەر بولسا، بىز نەدىن كەلگەن بولساق شۇ يەرگە كېتىشىمىز مۇقەررەردۇر. بىز ئۆزىمىز كەلگەن جايغا قايتىپ بارىمىز.
ۋاقىت-زامان ئۆلۈمنى ئېنىقسىزلاشتۇرىدۇ. سىز ۋاقىت ئىچىدە ياشاۋاتقىنىڭىزدا، ۋاقىتنىڭ قانداقلارچە توختاپ قېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئۆلۈم، ۋاقىتنىڭ تۈگەپ توختاپ قېلىشىدۇر.
ئۆلۈمدىن قورقۇشقا بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى سەمىمىي ياشىيالىغان ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆلۈم خۇشاللىنارلىق.
−ماركۇس ئاۋرېلىئۇ
ھايات گۈزەل. بىز پانىي دۇنيا ياخشى ئەمەس، دەيمىز، ھە دېسە ئۆلگەندىن كېيىنكى باقىي دۇنياغا سېلىشتۇرىمىز، ھالبۇكى، ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە ھېچنەرسە ئۇقمايمىز.

5-ئاينىڭ 30-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *