ئاتا – ئاناڭنىڭ قەدرىگە يەت
ئاتا – ئاناڭنىڭ قەدرىگە يەت ، شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى ، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ پۇتىغا سۆيسەڭمۇ ، ئۇلاردىن ساڭا ھېچ قانداق ئىنكاس كەلمەيدۇ . كۆز يېشىڭ دەريا بولۇپ ئاقسىمۇ بىر تامچە يېشىڭنى سۈرتۈپ قويۇشقا قادىر بولالمايدۇ . ئېچىرقاپ كەتكىنىڭدە ، ئال بالام دەپ بىر بۇردە نان بېرەلمەيدۇ ، ئەنە ئاشۇ چاغدا سەن ئۇلارنى ھېچ يەردىن ئىزدەپ تاپالمايسەن ، چۈنكى ئۇلار سەن ئۈچۈن يېرىم ئۆمرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە سەندىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي ، اللە دىن ئۆز مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن كەتتى . مەڭگۈ قايتىپ كەلمەسكە كەتتى ، سەن بولساڭ پۇشايمان ۋە ئۆكۈنۈش قاينىمىغا غەرق بولدۇڭ.
ئالدىنقى تېما : مۆئمىن ۋە ئۇنىڭ پاسىق دوستلىرى
كىيىنكى تېما : ﻛﯜﻧﻠﻪﺵ