ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك سۆزلەر
1- ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ. 2- ئىسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر. 3- قۇياشقا يۈزلىنىڭ شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ. 4- سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. 5-ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. 6- ئىرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي(…)