ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا تامام

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-13 05:25:24

112- مەيدان ئورنى:- مەرھابانىڭ ئۆيى ۋاقتى:- كۈندۈز پىرسۇناژلار:- مەرھابا، مەۋلان، لۈكچەك بالا:- شىرزات ئۆلدى دەيدۇ.مەرھابا:- نېمە ؟ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالدىما ؟بالا ؛- ياق ، شىرزاتنىڭ دادىسى ئېتىۋەتتى ...




    112- مەيدان

    ئورنى:- مەرھابانىڭ ئۆيى  ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەرھابا، مەۋلان، لۈكچەك

    بالا:- شىرزات ئۆلدى دەيدۇ.

    مەرھابا:- نېمە ؟ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالدىما ؟

    بالا ؛- ياق ، شىرزاتنىڭ دادىسى ئېتىۋەتتى دەيدۇ.

    مەرھابا مەۋلانغا قاراپ قويىدۇ.

    مەرھابا:- ھەممىسى  تۈگىدى، تۈگىدى......

    113- مەيدان

    ئورنى:-دوختۇرخانا   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مىھراي، قادىر بوۋاي، رازىخان موماي

    مىھراي ھوشىغا كەلدى .

    ئاستا كۆزىنى ئېچىپ قارايدۇ.

    مىھراي:- مەردان، مەردان، مەردان مەردان يوقمۇ ؟

    دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    114-مەيدان

    ئورنى:- يول بۇيى      ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەردان، مۇھاپىزەتچى ساقچىلار، مەرداننىڭ خىزمەتداشلىرى، باشقىلار.

    ئا كۆرىنىش

    مەردان قولىنى سۇنۇپ بېرىدۇ.

    خىزمەتدىشى قولىدا كويزىنى تۇتۇپ، مەردانغا تىكىلىپ قوللىرى تىترەيدۇ.

    مەرداننىڭ خىزمەتدىشى:- مەن..مەن.. دەپ كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ كويزىغا قارايدۇ.

    مەردان:-قېنى، بولە تىز دەپ ئۆزىنى كۈلۈشكە زورلاپ قولىنى يەنە يېقىن سۇنۇپ بېرىدۇ.

    خىزمەتداش كويزىنى سالىدۇ. (مۇزىكا )

     مەردان باشقىلارغا بىر قۇر قارىغاندىن كېيىن ماشىنىغا چىقىپ كېتىدۇ. ھەممەيلەن كەينىدىن قاراپ قالىدۇ.

    بىر خىزمەتداش شەپكىسىنى مەيدىسىگە ئىلىپ ھۆرمەتتە قارايدۇ، باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    مەردان ماشىنىدىن سىرتقا قارايدۇ. ئۇلارغا  كۆزى قىيمىغاندەك كۆڭلى بىر قىسىم بولۇپ قالىدۇ.

    {پۈتۈن ئەسىلمە تۈگەيدۇ }.

    115- مەيدان

    ئورنى:-پەرھات ئادۇكاتنىڭ ئىشخانىسى     ۋاقىت:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، رازىخان موماي  ئادۇكات.

    قادىر بوۋاي:- شۇڭا يەنە سىزنى ئىزدەپ كىلىشىمىز. بۇ بالىنى مەن بېقىپ چوڭ قىلغان، ئۇ بىر كۈنمۇ بېقىپ باقىمغان،ئۇنىڭ  نېمە ھەققى باركەن، مەن قانغا قان ئالىمەن، 9 يىل كەستى، 90 يىل كەسسىمۇ مەن رازى ئەمەس، بىچارە بالام ناھەق كەتتى دەيدۇ  قوللىرىنى شىلتىپ.

    رازىخان موماي گەپ قىلماقچى بولىدۇيۇ گەپ قىلمىدى .

    116- مەيدان

    ئورنى:- تۈرمە ئىچى     ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەردان،  نازاراتچى ساقچىلار.جىنايەتچىلەر

    مەرداننى ئىككى ساقچى ئىلىپ ماڭىدۇ.

    كامىردىكى جىنايەتچىلەر:- ھوي  قاراڭلار، بۇ  مەردان باشلىققۇ، ساقچىمۇ بۇ يەرگە كىرىدىكەن ھە ؟ قارشى ئالىمىز قارشى ئالىمىز. دەپ ۋارقىرشىدۇ.

    مەردان ساقچى بىلەن ئۆز يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.

    يەنە بىر جىنايەتچى:- بۇ يەرگە كىرىدىغىنىڭنى ئويلاپمۇ باقمىغانسەن ھە ساقچى باشلىقى..

    ئۇلار مەرداننى ئىچىدىكى بىر كامىرغا سۇلايدۇ.

    مەردان كامىرنىڭ ئىچىگە بىر قۇر قارايدۇ.

    نازارەتچى ساقچى ئىشىكنى سۇلاپ ماڭىدۇ.(مۇزىكا)

    117- مەيدان  

    ئورنى:- تۈرمە ئاشخانىسى      ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەردان، باشقا جىنايەتچىلەر

    مەردان قاچىدا تامقىنى كۈتىرپ كىلىپ بىر ئادەم يوق ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    تۈرمە ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەسكى جنايەتچىلەر مەرداننىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكەتلىرىگە قارايدۇ.

    بىر جىنايەتچى مەرداننىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇرىدۇ. مەردان ئېشىنى قۇشۇق بىلەن  ئىلەشتۇرۇپ ئولتۇرىدۇ.

    جىنايەتچى:-  بۇنداق ئاشلارنى يەپ باقمىغانسەن ھەقاچان دەيدۇ  يانلىرىغا تۈكۈرىدۇ، دە تامىقىنى يەيدۇ.

    مەردان جىنايەتچىگە قاراپ قويىدۇ، ئېشىنى ئاستا ئىلىپ يەيدۇ.

    118- مەيدان

    ئورنى:- تۈرمە ئىچى قاچا يۇيۇش ئورنى       ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەردان، بىرقانچە ئەسكى جىنايەتچىلەر

     مەردان قاچىسىنى يۇيغىلى كىرىدۇ. باشقىلار ئۇنى مۇشۇ يەردە ساقلاۋاتقان ئىدى.

    بىرى:- كەلدىڭمۇ ؟ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن مەن مۇشۇ يەرگە كىرىپ قالدىم. سەنمۇ بۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي. ئۇرۇڭلار  دەپ مەرداننى 6-7 ئادەم قاتتىق ئۇرۇپ كېتىدۇ. مەردان تۈگۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇلار كۈچلىرىنى ئايىماستىن مەرداننى ئۇرۇپ تىپىپ  دەسسەپ كېتىدۇ.

    بىرى يۈگۈرۈپ كىرىپ:-  ئۇلار كەلدى، ئۇلار كەلدى دەپ خەۋەر قىلىدۇ.

    جىنايەتچى:- بولدى بۈگۈن تەلىيىڭ كەلدى، كىيىن ئەدىبىڭنى بېرىمەن دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    بىر ھازادىن كىيىن نازارەتچى ساقچىلار كىرىدۇ.

    مەردان تولغىنىپ ياتىدۇ.

    119- مەيدان

    ئورنى:- مەردان ياتقان كامىر. ۋاقتى:- كىچە

    پىرسۇناژلار:- مەردان(يۈز كۆزلىرى ئىشىق، كۆكەرگەن )  ، جىنايەتچى

    مەردان خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ. جىنايەتچى ئۇخلاپ قالغان ئىدى.

    مۇشۇ خىيال بىلەن بىراقلا ئۆتىدۇ.

    ئۈچ يېرىم يىلدىن كىيىن

    مەردان يەنە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ.

    مىھراينىڭ گىپىنى يادىغا ئالىدۇ.

    مىھراي:- دادام تۈگەپ كەتتى، ئاپام ئېغىر ئاغرىپ يىتىپ قالدى. سىزنىمۇ ۋاقتىدا  يوقلاپ  كىلەلمىدىم، مەنمۇ روخسەت سورىدىم، ئاپامغا قارىمىسام بولمايدىكەن.

    مەردان ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇياق- بۇياققا ماڭىدۇ.

    120- مەيدان

    ئورنى:- يىغىن زالى     ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- ساقچى باشلىقى، ساقچىلار  رەھبەرلەر، مەردان، بارلىق جىنايەتچىلەر، ۋە باشقىلا ر

    ساقچى باشلىقى سۆز قىلىدۇ.

    ساقچى باشلىقى:- يولداش مەردان ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بارلىق جىنايەتلىرى گۇناھسىز دەپ نەق مەيداندا قويۇپ بېرىلىدۇ، بارلىق تۆھپىلىرى، خىزمەتلىرى ئەسلىگە كىلىدۇ. يولداش مەردان سەھنىگە چىقسۇن دەيدۇ.

    ھەممەيلەن چاۋاك چالىدۇ.

    مەردان كۈلۈپ سەھنىگە چىقىدۇ.

    ساقچى باشلىقى:- جاپا چەكتىڭىز مەردان دەپ قول ئىلىشىپ كۆرىشىدۇ. بىر ساقچى مەرداننىڭ فورمىسىنى ئىلىپ كىلىپ مەردانغا تۇتقۇزىدۇ.

    ياندىن بايان:- كۆرۈك ياساش مەيدانىدا جىنايەتچىلەر توپىلاڭ كۆتىرىپ مۇھاپىزەتچىنى ئۆلتۈرۈپ، يارلاندۇرۇپ قىچىشقا تەمشەلگەندە، مەردان شۇ ۋاقتىتا  قەيسەرانە  مەيدانغا چىقىپ جىنايەتچىلەر بىلەن ئىلىشىدۇ. قورالنى قولىغا ئىلىپ، يارلانغان ساقچىنى بىر جىنايەتچىگە كۈتەرتىپ.80نەچچە جىنايەتچىنىڭ بىرىنى قاچۇرماي، ئىككى قورالنى جىنايەتچىلەر قولىدىن تارتىۋىلىپ. جىنايەتچىلەرنى تىنىجىتىپ، ھەيدەپ تۈرمىگە ياندۇرۇپ كىلىدۇ دە جىنايەتچىلەر بىلەن قوراللارنى ساقچى باشلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

    مەرداننىڭ ئات- ئانىلىرى تۈگەپ كەتكەن ئىدى، مىھراي ۋە مەرداننىڭ خىزمەتداشلىرى مەرداننىڭ تۈرمىدىن چىقىدىغان خەۋرىنى ئاڭلاپ  ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ.

    مىھراي ئىككىسى بىللە كېتىپ قالىدۇ. كەينىدىن كۆرىنىشكە ئېلىنىدۇ.

                              تۈگىدى.

    2006  يىلى  ئىيون.  

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.