ھاشىمنىڭ 18-خۇتۇنى (4)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-28 18:01:29

34- مەيدانئورنى:- دىلەيسەنىڭ ئۆيى ۋاقتى:- كۈندۈزپېرسۇناژلار: ھاشىم، ئابلەت، دىلەيسە، ھاجىم.ھەممەيلەن مىھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرىدۇ.ھاجىم:- ئايالىڭىز تېچلىقمۇ؟ بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ كەتكەندۇ ھە دەيدۇ ...

    34- مەيدان

    ئورنى:- دىلەيسەنىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، ئابلەت، دىلەيسە، ھاجىم.

    ھەممەيلەن مىھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرىدۇ.

    ھاجىم:- ئايالىڭىز تېچلىقمۇ؟ بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ كەتكەندۇ ھە دەيدۇ ئابلەتكە قاراپ.

    ئابلەت:- شۇنداق، شۇنداق دەيدۇ.

    يەنە:- بۇياق، ھاشىم بۇلىدۇ دەپ تونۇشتۇرىدۇ.

    ھاشىم:- سالامەت تۇرۇپسىزمۇ دەپ كۈلۈپ ئەھۋال سورايدۇ.

    ھاجىم:- شۇنداق، خۇداغا شۈكرى، دەيدۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

    ھاجىم:- مەن كۈيئوغلۇم بولغۇچىغا ئەخلاقنى بىرىنچى شەرت قىلىمەن. كەيىپ ساپاغا قەتئىي يېقىنلاشقماسلىقى كېرەك دەيدۇ ھاشىمغا بىر قاراپ قويىدۇ.

    ھاشىم: شۇنداق، شۇنداق دەيدۇ.

    ئابلەت:- بۇ ئاغىنىمىز مەن سىلىگە دىگەندەك دەيدۇ كۈلۈپ.

    35- مەيدان

    ئورنى:- كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى   ۋاقتى:- كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، يۈسۈپ، رىشىت، ئابلەت.

    بىللە كورت ئوينايدۇ.

    ئابلەت:- ھاشىم، تۈنۈگۈنكى تويدا نىمانچە كۆپ ئادەم دەيدۇ.

    ھاشىم:- بىزنىڭ ئايالنىڭ تۇققانلىرى ئىكەن دەيدۇ.

    رىشىت:- ئۇرۇق – تۇققان كۆپ بولمىسىمۇ ياخشى بولمايدۇ  دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- راست، ئاتا- ئانىلاردىن قالسىلا قېرىنداش، ئۇرۇق- تۇققانلارنى ھۆرمەتلەرشكە ئەڭ ئەرزيدىغان ئادەملەر ھېساپلىنىدۇ. ئۇرۇق – تۇققان كۆپ بولسىمۇ كۆڭۈل توق يۈرىيسەن دىگىنە دەيدۇ.

    ئابلەت:- جۈپ غىچ ھە. بۇ قول ھاشىملار يەنە ئوتتۇردىغان بولدى دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- ئاڭلىدىڭلارمۇ راست، ھېلىقى بىز بىلەن بىر مەزگىل ئارلىشىپ يۈرگەن ئادىل بارغۇ، يۈرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيىسى قىلىپتۇ. ئوتۇقلۇق بوپتۇ. ھازىر مېڭىپ يۈرىيدۇ دەيدۇ.

    ھاشىم:- يۈرەك ئالماشتۇرۇش دەيدۇ ھەيران قىلىپ سورايدۇ.

    ئابلەت:- ھە، نېمە؟ ھەيران قالدىڭىزمۇ ئۇ قانچىلىك دەيسەن دەيدۇ.

    رىشىت:- شۇنداق مەملىكىتىمىز تىبابەتچىلىكى تەرەققىي قىلىپ كەتتى دەيدۇ.

    36- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى:- سەھەر.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، دىلەيسە، قەيسەر، باتۇر.

    1-.كۆرىنىش

    خورازلارنىڭ چىللاشلىرى مەھەلىنى بىر ئالىدۇ. سۇسراق ئەزان ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىدۇ. ھاشىم نامازغا چىقىپ كېتىدۇ.

    2-كۆرىنىش

     بىر ھازادىن كېيىن دىلەيسەمۇ نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ. ئۆيلەرنى بىر باشتىن رەتلەيدۇ. ھويلىلارنى سۈپۈرىدۇ.

    3-كۆرىنىش

     ئاندىن كىرىپ ناشتىلىق تەييارلايدۇ. سۈتنى قاينىتىپ، ئەتكەن چاي ئېتىدۇ. ھەرخىل مۇراببا ھەسەللەرنى ئۈستەلگە تىزىدۇ. ناننى توغرايدۇ. ناشتىلىقنى تەييارلاپ بولىدۇ. ئاندىن بالىلارنى چاقىرىدۇ.

    بالىلارنىڭ ھۇجرىسى.

    4-كۆرىنىش

    دىلەيسە كىرىدۇ. باتۇر كىيىمىنى كىيىپ بولغان ئىدى. قەيسەر ئۇخلاۋاتقان ئىدى.

    باتۇر:- ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ ئاپا دەيدۇ.

    دىلەيسە:- شۇنداق، سەنچە دەيدۇ.

    باتۇر:- مەنمۇ ياخشى ئۇخلىدىم دەيدۇ.

    دىلەيسە:- قەيسەر بالام، قەيسەر تۇرە مەكتەپكە كېچىكىپ قالىسەن تۇرە دەپ ئويغىتىدۇ.

    باتۇر:- قەيسەر، تۇرە، تۇرە دەيدۇ قەيسەرنى ئىتتىرىپ.

    دىلەيسە قەيسەرنىڭ يۈزىنى سىلاپ:- تۇرە، مەكتەپكە بارىسەن دەپ ئويغىتىدۇ.

    قەيسەر ئېغىناپ تەسلىكتە تۇرىدۇ.

    ئاشخانا ئۆي

    5-كۆرىنىش

    ھەممەيلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ ناشتىلىق قىلىدۇ.

    قەيسەر:- ھەر كۈنى شۇنداق ياخشى تاماقلار يەيدىغان بولدۇق دەيدۇ.

    ھاشىم:- قاچان ياخشى يىمىگەنتىڭ دەيدۇ.

    قەيسەر:- دائىم تاماقلارنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتىڭغۇ دەيدۇ.

    ھاشىم:- سەن دەيدۇ. دىلەيسەگە قاراپ قويىدۇ، دىلەيسە مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ.

    باتۇر:- ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئەتىگەنلىك غىزاكەن شۇنداقمۇ دەيدۇ.

    دىلەيسە:- شۇنداق ئەتىگەنلىك تاماق قۇۋۋەتسىز ياكى ۋاقتىدا يىيىلمىسە ئۆت ياللۇغى بولۇپ قالىدىكەن دەيدۇ.

    قەيسەر:- ئاپا سىز بۇرۇن دوختۇر بولغانمۇ دەيدۇ.

    دىلەيسە:- ياق، مەن بۇنى كىتاپتىن كۆرگەن دەيدۇ.

    37- مەيدان

    ئورنى:- چايخانا   ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- نۇسرەت،  نۇسرەتنىڭ دوستى،   ئارزىگۈل

    نۇسرەت:- كېلەر ھەپتە بىر تويغا بارماقچى ئىدىم. شۇڭا بىر خىل ئۆتۈك چىقىپتۇ شۇنداق چىرايلىقكەن. تۈنۈگۈن بېرىپ سېتىۋالدىم.

    ئارزىگۈل:- شۇنداقمۇ، بەك قىممەتكە ئالغانسەن ھەقاچان دەيدۇ.

    نۇسرەت:- ياقەي، ئانچە قىممەت ئەمەس دەيدۇ.

    نۇسرەتنىڭ دوستى:- ئۆتۈك كىيىشتە بىز ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بەزىلەر تېخى ئۆتۈك كىيىش باشقىلاردىن قوبۇل قىلىنغان دەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە باشقىلار بىزدىن قوبۇل قىلغان دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- راست دەيسىز، كۆپ خىل مەدەنىيەت تۈرلىرىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللەتمىز. مەيلى ھەرقايسى جەھەتتىن بولسۇن دەيدۇ

    38- مەيدان

    ئورنى؛- كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.   ۋاقتى:- كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار:- ئابلەت، رىشىت، يۈسۈپ، ھاشىم، باشقىلار.

    ئابلەت:- ئاغىنىلەر مەن سىلەرگە بىر گەپ قىلىپ بېرەي. تۈنۈگۈن بىر تويغا بارغان ئىدىم. سەھرادىن چىققان بىر ئىنىمىز بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قاپتىمەن. ئۇ ئىنىمىزمۇ ھازىرقى خوتۇنى بولۇپ ئىلگىرى كېيىن 11 خوتۇن ئېلىپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى خوتۇنى بەك ھورۇن چىقىپ قالغانمۇ، بىر ھىيلە ئويلاپ چىقىپ، خوتۇننى ئەڭ تېتىك، ئەڭ چاققان ياراملىق ئايالغا ئايلاندۇرۇپتۇ. سىلەر دەپ بېقىڭلار قانداق ھىيلە دەيدۇ.

    رىشىت:- قانداق ھىيلە دەيدۇ ھەممىسىگە بىر قۇر قارايدۇ.

    ئابلەت:- مۈشۈكنىڭ قولىغىنى كېسىش ھىيلىسى دەپتۇ.

    39- مەيدان

    ئورنى:- چايخانا  ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- ئارزىگۈل، نۇسرەت، نۇسرەتنىڭ دوستى

    نۇسرەت:- قارا مۇشۇنداق قىلىپ، بالىلار دادىسى بىلەن يەنە گەپ تالىشىپ قالدىم. قانداق قىلسام بۇلار دەيدۇ.

    دوستى:- سېنىڭ مىجەزىڭ بەك ئىتتىك بولۇپ قاپتۇ. سېنىڭ ئېرىڭ يەنە ھېچنىمە دىمەيدۇ. سەن ئۇنداق قىلما، دۇنيادا ئەر كىشىدەك ئايالغا مىننەت قىلمايدىغان ئادەم يوق. بىرسى قۇياش چىقىپ بەردى دەپ مىننەت قىلمايدىكەن. يەنە بىرى ئەر كىشى ئايالىغا مىننەت قىلمايدىكەن.ئەرلەرنىڭ بىز ئاياللارنىڭ ئالدىمىزدىكى مەرتىۋىسىنى ئۇنتۇپ قالمىساق بولاتتى دەيدۇ.

    ئارزىگۈل بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاستا بېشىنى لىڭشىتىدۇ.

    40- مەيدان

    ئورنى:- كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- رىشىت، ھاشىم، يۈسۈپ، ئابلەت.

    رىشىت:- ھەي ھاشىم، بۇ مۈشۈك ھىيلىسىنى ئىشلىتپ باقامسەن، خېلى ئەسقاتامدۇ نېمە دەيدۇ.

    ھاشىم:- قىززىق گەپ قىلىسەن جۇمۇ سەن دەيدۇ كۈلۈپ ھەممىسى كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.

    41- مەيدان

    ئورنى:- ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى:- چۈشتىن كېيىن

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، قەيسەر، باتۇر، دىلەيسە.

    ھەممەيلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ.

    ئۈستەل ئۈستىدە ناھايىتى ئوخشىغان پېتىر مانتا قويۇلغان.

    قەيسەر: ئاپا، سىز بەك چىرايلىق، ئەتكەن تاماقلىرىڭىزمۇ شۇنچىلىك تاتلىق. بىزنىڭ سىنپتىكى شىرئەلىنىڭ ئاپىسى ئۆگەيكەن. بىر كۈنى ئاشنى ئوخشاتماپتىكەن، شىرزات ئوخشماپتۇ دىسە، ئاپىسى شۇم دەپ تىللاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئاپىسىنى شۇم دىگەن نېمە گەپ دەپ قاتتىق ئۇرۇپ كېتىپتۇ دەيدۇ.

    بۇ چاغدا ھاشىم بىلەن دىلەيسە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي كېتىدۇ. بىر – بىرىگە قاراپ قويىدۇ.

    ھاشىم:- تاماق ۋاقتىدا نېمە جىق گەپ قىلىسەن. ئېشىڭنى يە دەيدۇ. باتۇر قەيسەرگە قاراپ قويىدۇ.

    42- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ مەھەللىسى، ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، ھاجىم، شوپۇر.

    ھاجىم قايتىۋاتقان يولدا مەھەللە ئىچىدە تاماكا چېكىپ كېلىۋاتقان ھاشىمنى كۆرۈپ قالىدۇ. ھاشىم ھاجىمنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ دەرھال تاماكىسىنى تاشلايدۇ دە ئاستا بوش ئېگىلىپ:- ئاۋايلاپ ماڭسىلا دەيدۇ. ھاجىم گەپ قىلماي ئالدىغا قارايدۇ. ماشىنا ئاستا كىتىپ قالىدۇ. ھاشىم ماشىنىنىڭ كەينىدىن قاراپ يۈزىنى ئېغىر بىر سىلىۋېتىدۇ.

    43- مەيدان

    ئورنى:- ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى:- ئەتىگەن.

    پېرسۇناژلار:- دىلەيسە، قەيسەر، باتۇر.

    قەيسەر مىجەزى يوق داستىخان ئالدىدا ئولتۇرىدۇ.

    دىلەيسە:- قورسۇقۇڭغا ياخشى يەۋۋال. ئاندىن بۇ دورىنى يىسەڭ ئوڭشىلىپ كېتىسەن. ئازىراق ئاغرىقىنى دەپ دەرس تاشلىساڭ بولمايدۇ، بولامدۇ دەيدۇ.

    قەيسەر:- مەن دىگەن ئوغۇل بالا، ھېلىلا ياخشى بولۇپ قالىمەن دەيدۇ.

    دىلەيسە:- باتۇر، سەن دەرس ئارلىق تەنەپىسلەردە پات – پات كىرىپ تۇرغىن دەيدۇ.

    باتۇر:- بولىدۇ دەيدۇ.

    بىر ھازادىن كېيىن، دىلەيسە ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ بولىدۇ.

    ئۆز – ئۆزىگە:- قەيسەر قانداق بۇلۇپ كەتكەندۇ دەيدۇ ئەنسرەپ، كىيىملىرىنى كىيىپ ئىشىكنى سۇلاپ ماڭىدۇ.

    44- مەيدان

    ئورنى:- دوختۇرخانا.   ۋاقتى:- چۈشتىن بۇرۇن.

    پېرسۇناژلار:- دىلەيسە، قەيسەر، دوختۇر سېستىرالار.

    سېسترا قىز قەيسەرگە ئاسما ئۇكۇلنى ئېسىپ قويىدۇ، دىلەيسە:- بۇ ئوكۇلنى ئۇرۇپ بولسىلا ساقىيىسەن، بالام. مەن ساڭا ياخشى قارىيالماپتىمەن دەيدۇ. يېشىنى سۈرۈتۈپ.

    45- مەيدان

    ئورنى:- قەيسەرلەرنىڭ ھوجۇرىسى     ۋاقتى:- كەچ

    پېرسۇناژلار:- دىلەيسە، قەيسەر، باتۇر.

    دىلەيسە قەيسەرگە دورا ئىچكۈزىدۇ. شورپا ئىچىرىدۇ. ئۆگىنىش قىلۋاتقان باتۇر چاندۇرماي قاراپ قويىدۇ. ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

    دىلەيسە:- بۇنى ئىچىۋېلىپ، بىر ئۇخلاپ قوپساڭ ياخشى بولۇپ كېتىسەن. ئەمدى ئۇخلا دەيدۇ دە ئورنىدىن تۇرۇپ باتۇرغا:- سەنمۇ بالدۇراق ياتقىن دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

     باتۇر؛- ھە بولىدۇ دەيدۇ.

    دىلەيسە چىقىپ كېتىدۇ.

    باتۇر:- ياخشى بولۇپ قالغاندەكمۇ دەيدۇ قەيسەرگە قاراپ.

    قەيسەر:- ئاكا، ئاپام بەك ياخشى ھە دەيدۇ.

    باتۇر جاۋاپ قايتۇرمايدۇ مۇزاكىرىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

    46- مەيدان

    ئورنى:- ئۆينىڭ ئالدى   ۋاقتى:- ئەتىگەن.

    پېرسۇناژلار:- دىلەيسە، ھاشىم، قەيسەر، باتۇر.

    ھاشىم:- بېشىڭنى ئۇسىۋالما ھە. تېزراق مەكتەپكە كېچىكىپ قالماڭلار دەيدۇ.

    دىلەيسە:- ئاۋايلاپ مېڭىڭلار دەيدۇ.

    ھاشىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالىدۇ.

    1.كۆرىنىش

    قەيسەر:- دادا، دىلەيسە ئاپام بەك ياخشى جۇمۇ

    ھاشىم:- شۇنداقمۇ، قانداق ياخشى دەپ باقە؟

    قەيسەر:-ئاشنى تاتلىق ئېتىدۇ. تاپشۇرقۇمنى تەكشۈرىدۇ. تېخى كۈندە كەچتە مېنىڭ پۇتلىرىمنى يۇيۇپ قويىدۇ. تۈنۆگۈن تېخى ساڭا ياخشى قارىيالماپتىمەن دەپ يىغلىدى.

    باتۇر:- تۈنۆگۈن ئۇكامغا شۇنداق ياخشى قارىدى.

    ھاشىم كۈلۈپ قويىدۇ دە مەمنۇنلۇق بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىدۇ.

     

    47- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى ئالدىدىكى كوچا،   ۋاقتى:- كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ئابلەت، رىشىت، يۈسۈپ، ھاشىم، ھاجىم.

    ئۇلار خوشلىشىپ تۇراتتى. ھاشىم يانلىرىدىن سەرەڭگىنى تاپالمايدۇ.

    ھاشىم:- ئوت بولسا بېرە دەيدۇ رىشىتكە قاراپ.

    رىشىت يانچۇقىدىن چاقمىقىنى چىقىرىپ ھاشىمنىڭ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ. شۇ ئەسنادا ھاجىم ماشىنىسى دوقمۇشتىن ئەگىلىپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدۇ. ھاشىم يەنە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تاماكىسىنى تاشلىۋېتىدۇ. رىشىتلەر نېمە بولغىنىنى بىلمەي قالىدۇ.

    48- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى:- كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: دىلەيسە، ھاجىم.

    دىلەيسە ئاپىسىنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ.

    دىلەيسە:- تېنىچ ئامان كەپسىز ئاپا، دەپ ئۆيگە باشلايدۇ.

    ھاجىم:- تېچلىق قىزىم، سىزچۇ دەيدۇ ئالدىدا ماڭغاچ.

    ئۇلار ئۆيگە كىرىدۇ.

    49- مەيدان

    ئورنى:- ئۆي ئىچى   ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار:- ھاجىم، دىلەيسە، قەيسەر، باتۇر.

    دىلەيسە چاققانلىق چاي دەملەپ قويىدۇ. ئاندىن تاماققا تۇتۇش قىلىدۇ. دىلەيسە پولو ئېتىدۇ. سەۋزە ئادالاپ، ئىنچىكە قەلەم قىلىپ توغرايدۇ، ئۇستىخانلىق گۆشلەرنى كىچكىرەك توغراپ كەينىدىن پىيازنى توغرايدۇ. ماينى قىزىتىپ، گۆشنى قورۇيدۇ. گۆش بەكرەك قورۇلغاندىن كېيىن، تۇزنى سالىدۇ ئاندىن پىيازنى سالىدۇ. پىيازنى سەل قورۇۋېلىپ سەۋزىنى ئۇزاقراق قورۇيدۇ. گۈرۈچنى يۇيىدۇ. قازانغا ئاز مىقداردا سۇ قويۇپ، گۈرۈچنى سالىدۇ. گۈرۈچنى سېلىپ بولۇپ يېنىك قاينىتىدۇ. چۈكە بىلەن سانجىيدۇ، ئاندىن يەنە ئاز قايناقسۇ قويۇپ دۇملەيدۇ. تامدىكى سائەتكە قاراپ قويىدۇ. بىر ھازادىن كېيىن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ.

    قەيسەر ئىككى ئۈچ تال گۈرۈچنى چېچىۋېتىدۇ.

    ھاجىم:- ئاۋۇ چېچىلغانلارنىمۇ تېرىپ يەۋالغىن بالام، پەيغەمبەرىمىز داستىخانغا چېچىلغان نان ئۇگاكلىرىنى يىگەنلەرنىڭ گۇناھىدىن كىچىمەن دىگەن دەيدۇ.

    قەيسەر:- بىلدىم، چوڭ ئاپا، دەپ گۈرۈچنى تېرىپ يەۋالىدۇ.

    دىلەيسە قەيسەرگە قاراپ ئامراقلىق قىلغۇسى كېلىپ كۈلىدۇ.

    ھاجىم: قېنى بالىلارنىڭ دادىسى كىرمەيدىغۇ دەيدۇ.

    دىلەيسە: دادىسى بەك ئۆيدە ئولتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ماشىنىسىنى رىمونت قىلۋاتامدىكىن دەيدۇ.

    ھاجىم: مەن ھازىر ماڭمىسام بولمايدۇ. ھەرەمدىن بىر دوستۇم كەلمەكچى ئىدى. ئالدىغا چىقمىسام بولماس دەيدۇ.

    50- مەيدان

    ئورنى:- مەھەلىدىكى كوچا          ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، دىلەيسە، ھاجىم، شوپۇر.

    ھاشىم ئازراق ئىچىۋالغان ئىدى. غىڭشىپ دەلدەڭشىپ كىلىدۇ. مەھەلىدىكى پىكاپىنى كۆرىدۇ. ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.

    ھاشىم: ئەجەپ ئېسىل ماشىنىكەنغۇ، مېنىڭمۇ مۇشۇنداق پىكاپىم بار بولسا، قەيەرلەرگە كىتەتتىم ھە. قاچانمۇ مۇشۇنداق ماشىنام بار بۇلار دەيمەن. دىلەيسەلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ھاشىم دەرھال ئېسىگە كېلىدۇ دە كەينىگە ئۆرۈلۈپ تېزدىن قاچىدۇ.

    ھاجىم بىلەن دىلەيسە چىقىدۇ. كىتىپ بارغان ھاشىمنى كۆرىدۇ.

    ھاجىم: ئاۋۇ، ھاشىمغۇ، ھەي ھاشىم بالام دەپ چاقىرىدۇ.

    ھاشىم: ھە، ھە دەپ كەينىگە ئۆرۈلمەكچى بولۇپ ئۆزىنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ كېتىدۇ.

    ھاشىم: تېنىچ كەلدىلىمۇ  ئاپا دەيدۇ. دىلەيسە ھاشىمنىڭ قىلىقىغا قاراپ ئاغزىنى ئېتىۋالىدۇ.

    ھاجىم: ئەل ھايامنەل ئىمان، ئەل ھايامىنەل ئىمان. گۈمبەزگە ياڭاق تاشلىغاندەك گەپ بولدىغۇ، سەنمۇ مۇسۇلمانمۇ، نائەھلى، يۈزۈمنى يەرگە ئۇردۇڭغۇ، مەن ئۆلسەممۇ ھاراقكەش ئىمانسىز بىلەن ھەرقانداق بېرىش- كىلىش قىلمايمەن. ۋاي نۇمۇس، ۋاي نۇمۇس دەپ كەينىدە تۇرغان دىلەيسەنىڭ قولىدىن تارتىپلا ماشىنسىغا چىقىدۇ. ھەيدەڭ دەيدۇ. ماشىنا كىتىپ قالىدۇ. ھاشىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۋالىدۇ.

    51- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.    ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، رىشىت، يۈسۈپ، ئابلەت

    ھەممىسى پاراققىدە كۈلىشىدۇ. ھاشىم:- شۇ ئاچچىقىدا ئۆيىگىمۇ كىرمەي بۇ يەرگە كەلدىم دەيدۇ بېشىنى سىلاپ.

    ئابلەت:- شۇ ھاراقنى نەدە ئىچكەن ئىدىڭ ئۇنچىۋالا دەيدۇ.

    ھاشىم: بولدى سورىمايلا قويغىنا، ئويلىسام ئاچچىقىم كېلىۋاتىدۇ دەيدۇ.

    ئابلەت:- ئەمدى ناماقۇل بولۇپ بارغىن، بۇنداق ئايالنى يەنە بىرىنى تاپالمايسەن دەيدۇ.

    رىشىت: شۇنداق قىل. ئايال كىشى شۇ بىرلا ئەمەسقۇ دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- ھەي سەن ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپمىسەڭ بولمامدۇ. ئامال بار ئەكىلىۋالغىن يەنە خوتۇن ئالىمەن دەپ نەدە يۈرىيسەن ھېلىمۇ ئۈچ خوتۇن ئېلىپ بولدۇڭ. بالىلىرىڭ بىلەن بوي تالاشقىدەك بولغاندا سەت تۇرىدۇ دەيدۇ.

    52- مەيدان

    ئورنى: دىلەيسەنىڭ ئۆيى     ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار؛ دىلەيسە، ھاشىم، ھاجىم

    ھاشىم بىر مۇنچە نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئىشىكنى چېكىدۇ.

    دىلەيسە ئىشىكنى ئاچىدۇ.

    دىلەيسە: كەلدىڭىزمۇ دەيدۇ.

    تەسبىھ سېرىپ ئولتۇرغان ھاجىم ئىچكىرىكى ئۆيدە ئولتۇرۇپلا سورايدۇ.

    ھاجىم: كىمكەن دەيدۇ.

    دىلەيسە: قەيسەرنىڭ دادىسىكەن دەيدۇ.

    ھاشىم قولىدىكى نەرسىلەرنى دىلەيسەگە بېرىدۇ. دىلەيسە نەرسىلەرنى يانغا قويۇپ قويىدۇ.

    دىلەيسە: ئىچكىرىگە كىرىڭ دەپ ئۆيگە باشلايدۇ.

    ھاشىم: تېچلىقمۇ دەپ ھاجىم بىلەن سالاملىشىدۇ.

    ھەممىسى دەرقەمدە ئولتۇرىدۇ

    ھاشىم:- ئاپا، تېچلىق، سالامەتلىكلىرى ياخشىمۇ دەيدۇ.

    ھاجىم: ھە، تېچلىق دەيدۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي.

    ھاشىم: ئاپا، مەن خاتا قىلىپتىمەن. تۈزىتەي، دىلەيسە مەن بىلەن كەتسۇنمۇ دەيدۇ.

    ھاجىم: ياق، بولمايدۇ، بىز گەپنى باشتىلا ئېنىق دىگەن. ھاراقكەشلەر بىلەن بېرىش كېلىش قىلمايمەن. بىزنىڭ ئارىمىزدا دىگۈدەك ھېچقانداق گەپ يوق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ھاشىم دىلەيسەگە قاراپ قويىدۇ. دىلەيسە يەرگە قارىۋالىدۇ.

    53- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ھۇجىرىسى    ۋاقتى: كەچ

    پېرسۇناژلار: ھاشىم

    ھاشىم كارۋاتتا يېتىپ تاماكا چېكىدۇ. كۈلدان توشۇپ كەتكەن ئىدى. ھاشىم كۈلدانغا قاراپ ئويلىغانسېرى ئاچىچىقى كېلىپ چېكىۋاتقان تاماكىسىنى كۈچەپ تاشلايدۇ.

    54- مەيدان

    ئورنى: دىلەيسەنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ھاجىم، ھاشىم.

    ھاشىم يەنە كېلىدۇ. ئۆيدە ھاجىم يالغۇز.

    ھاجىم ئىشىكنى ئاچىدۇ.

    ھاشىم: تېچلىقمۇ ئاپا دەيدۇ.

    ھاجىم:- كىم سىزنىڭ ئاپىڭىز. مەن سىزگە دەپ قوياي، ياغاچ قازان بىر قېتىم قاينايدۇ. تولا مېنىڭ ۋاقتىمنى ئالماي دەيدۇ.

    55- مەيدان

    ئورنى:- ھاشىمنىڭ مەھەللىسى     ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، ئارزىگۈل

    ھاشىم سالپىيىپ يېنىپ كېلىدۇ. ئارزىگۈلمۇ بىر ئىشنى خىيال سۈرۈپ.

    ھاشىم؛ تېچلىقمۇ ئارزىگۈل، ئىشتىن كەلدىڭىزمۇ دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: ھە، تېچلىق سىزچۇ ياخشى تۇرۋاتامسىز، بالىلارچۇ مەكتەپكە كەتتىمۇ دەيدۇ.

    ھاشىم: شۇنداق مەنمۇ ھازىر كېلىپ بالىلارغا تاماق ئىتەي دەپ دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: قېنى ئۆيلەنگەن ئىدىڭىزغۇ دەيدۇ كۈلۈپ.

    ھاشىم: شۇ، شۇ مىجەزىمىز كىلىشمىدى دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: شۇنداقمۇ، ئەجەپمۇ كىلىشىپ بولالمىدىڭىز بۇ ئاياللىرىڭىز بىلەن دەيدۇ چاقچاق قىلغاچ

    ھاشىم قۇلىنى چاپىنىغا سۈرتۈپ ، كۈلۈپ قويىدۇ،  ئۆزىنىڭ بىشىنى قاشلىماقچى بولۇپ قاپقارا قوللىرى ئۆزىنىڭ يۈزىگە تىگىپ كىتىدۇ. يۈزى قاپقارا بولۇپ قالىدۇ.  ئارزىگۈل كۈلۈپ قويۇپ  يانچۇقىدىن قولياغلىقىنى  چىقىرىپ سۇنىدۇ:- سۈرتىۋېلىڭ دەيدۇ.

    ھاشىم قوللىرىنى چاپان پەشلىرىگە سۈرۈتۇپ ئالىدۇ: رەھمەت دەيدۇ خىجىل بولغاندەك قىلىپ

    ئارزىگۈل: مەن ماڭاي دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    ھاشىم: ھە بولىدۇ دەيدۇ.

    56- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى    ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن.

    ھاشىم:- شۇنداقمۇ، ھەممە دەرسلەردە يۈز ئالدىڭمۇ، دەيدۇ. قەيسەر:- ھەئە دەيدۇ.

    ھاشىم كىرىدۇ. قەيسەر: دادا، مەن ئىككىنچى سىنىپقا كۆچتۈم. ئۆگۈنلۈككە ئاتا – ئانىلار يىغىنى. قەيسەر: دادا، دادا، دىلەيسە ئاپام كەلمەيدىغۇ دەيدۇ.

    ھاشىم: كەتتى، كەتتى، ئەمدى كەلمەيدۇ دەپ كىرىپ كىرىسلودا ئولتۇرىدۇ. ياندىكى دىلەيسەنىڭ ياغلىقىنى قولىغا ئالىدۇ. يېنىچە يېتىپ خىيال سۈرىدۇ. ئۇھسىنىدۇ (مۇزىكا).تاڭ ئاتقان، كۈن ئولتۇرغان، مەھەلىدىكى ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى يېقىلغان (مۇشۇنداق كۈنلەر داۋاملاشقان كۆرىنىش ئىپادىنىلىدۇ)

    57- مەيدان

    ئورنى: مەھەللىدىكى توپلاڭ يول              ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم

    ھاشىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭىدۇ. ماشىنا قويۇلىۋاتقان ناخشىغا ئەگىشىپ غىڭشىدۇ. تۇيۇقسىز ئابلەتنىڭ سۆزى يادىغا يېتىدۇ. ئابلەت: مۈشۈكنىڭ قولىقىنى كىسىش ھېيلىسىكەن. ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان ھورۇن خوتۇن شۇنچىلىك چاققان بولۇپ كېتىپتۇ دەيدۇ.

    رىشىت: ھاشىم سەنمۇ سىناپ كۆرەمسەن دەيدۇ.

    ھاشىم مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ.

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.