ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا (5)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-09 12:42:56

ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى 62-مەيدان ئورنى:- گۈلشەننىڭ ئۆيى ۋاقتى كىچە پىرسۇناژلار:- گۈلشەن گۈلشەن:- زۇلخۇمار، زۇلخۇمار دەپ جۆيلۈپ تۇرۇپ كېتىدۇ. ئەتراپقا قارىۋېتىدۇ. چىراقنى ياندۇرىدۇ.63- مەيدان ئو...




    ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى


    62-مەيدان

    ئورنى:- گۈلشەننىڭ ئۆيى   ۋاقتى كىچە

    پىرسۇناژلار:- گۈلشەن

    گۈلشەن:- زۇلخۇمار، زۇلخۇمار دەپ جۆيلۈپ تۇرۇپ كېتىدۇ. ئەتراپقا قارىۋېتىدۇ. چىراقنى ياندۇرىدۇ.

    63- مەيدان

    ئورنى:- ساقچىخانا   ۋاقتى ئەتىگەن 

    پىرسۇناژلار:- باشلىق، مەردان، باشقا خىزمەتداشلار

    باشلىق:- بۇ قېتىملىق ۋەزىپە بەكمۇ چىرايلىق ئاخرلاشتى، مەردان بۇ قېتىم  جىنايەتچى بىلەن قەيسەرانە  ئېلىشىپ، بىزنىڭ بۇ ئەترەتكە تېخىمۇ شان-شەرەپ كەلتۈردى، دەپ بىر لەۋھەنى مەردانغا بېرىدۇ.

    مەردان:- رەھمەت، بۇ ماڭا ئوخشاش بىر خەلق ساقچىسىنىڭ قىلىشقا تېگشلىك مەجبۇريىتى. بۇ نەتىجە، بۇ شان-شەرەپ ھەممەيلەنگە مەنسۈپ دەپ لەۋھەنى كۆرسىتىدۇ.

    64- مەيدان

    ئورنى:- مەكتەپ ئالدى ، ېاقتى:- ئەتىگە ن

    پىرسۇناژلار:-شىرزات، ئىككى ساۋاقداش. باشقىلار.

    بىرى:- بۈگۈن مەكتەپكە بارمايلى، ئويناپ كىلەيلى بولامدۇ شىرزات  دەيدۇ.

    يەنە بىرى:- شۇنداق قىلايلى، مەندە 20 كوي بار دەيدۇ.

    شىرزات:- ئۇ 20 كويوڭ نېمىگە يېتىدۇ، مەن دە 100كويدىن كۆپرەك پۇل نەگە بارىمىز  دەيدۇ.

    بىرى:- يۈرۈڭلار ئاۋۋال ئايلىنىپ كۆرەيلى قانداق ؟

    شىرزات:- ھە شۇنداق قىلايلى،  دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    زۇلخۇمارلار مەكتەپكە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇلارنى كۆرمەيدۇ.

    65- مەيدان

    ئورنى:- سىنىپ ئىچى   ۋاقتى ئەتىگەن

    پىرسۇناژلار:- زۇلخۇمار، ئوقۇتقۇچى، باشقا ساۋاقداشلار

    زۇلخۇمار شىرزاتنىڭ ئورنىغا بىردەم – بىردەم  قاراپ قويىدۇ.

    66- مەيدان

    ئورنى:- كىچىك بوتكا  ئالدى،   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- شىرزا ت، ئىككى كەپسىز  ساۋاقدىشى

    بىرى:- بۈگۈن يەنە  مەكتەپكە بارمىدۇق، دادام بىلىپ قالسا، مىنى ئۇرىدۇ جۇمۇ؟ دەيدۇ سەل ئەنسىرگەندەك قىلىپ.

    يەنە بىرى:- مەنمۇ قورقىۋاتىمەن،، شىرزات سېنىڭغۇ چوڭ داداڭ ھېچنېمە دىمەيدۇ  دەيدۇ.

     شىرزات:- ۋاي، سىلەر نېانداق قورقىسىلەر، بىزنى بۇ يەردە دەپ ھەرگىزمۇ  ئويلىمايدۇ، بولدى بولدى، سەن نېمە ئىچىسەن  دەيدۇ.

    بىرى:- مەن شاپتۇل سۈيى ئىچەي دەيدۇ.

    شىرزات:- ھەي، شاپتۇل سۈيىنىمۇ ئىچەمدۇ. پىۋا ئىچەيلى ھە دەيدۇ.

    شىرزات بېرىپ تۆت بوتولكا  پىۋا ئېلىپ كېلىدۇ.

    بىرى:- ھەي بىز بۇنى ئىچسەك قانداق بولىدۇ ؟

    بىرى:- ھېچنېمە بولمايدۇ، شۇنداققۇ شىرزات. بۇنداق پۇرسەت كۆپ كەلمەيدۇ دەيدۇ يالغان ھىجاراپ.

    شىرزات:- ئۇنداق ئەمەس، يەنە كېلىمىز، پۇرسەت جىق دەيدۇ پىۋىنى قۇيىدۇ.

    67- مەيدان

    ئورنى:- شىرزاتنىڭ مەھەلىسى     ۋاقتى:- چۈش

    پىرسۇناژلار ؛- زۇلخۇمار  مىھراي

    مىھراي ئالدىراش  ئۆيگە ماڭىدۇ.

    زۇلخۇمار  كەينىدىن كېلىدۇ، ئالدىدا كېتىۋاتقان مىھراينى كۆرىدۇ.

     زۇلخۇمار:- مىھراي  ئاپا. مىھراي ئاپا دەپ چاقىرىپ يۈگۈرۈپ كېلىدۇ.

    مىھراي كەينىگە قاراپ توختايدۇ.

    مىھراي:- ھوي، بۇ زۇلخۇمارغۇ؟ مەكتەپتىن كەلدىڭىزمۇ، شىرزات بىلەن بىللە كەلمەپسىزغۇ ؟

    دەيدۇ ئالدى تەرەپكە قاراپ.

    زۇلخۇمار:- شىرزات  بۈگۈن مەكتەپكە كەلمىدىغۇ ؟

    مىھراي:- ھە، مەن ئەجەپ بىلمەپتىمەنغۇ، دائىم  شۇنداق قىلامدۇ؟

    زۇلخۇمار:- بۇ.. بۇ.. ھازىر دائىم دەرسكە تولۇق قاتناشمايدىغان بولدى.

    مىھراي:- يۈرۈڭ، بىزنىڭ ئۆيگە، يۈرۈڭ دەپ زۇلخۇمارنى ئالدىراپ ئىلىپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ.

    68- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- چۈش

    پىرسۇناژلار:- زۇلخۇمار، مىھراي، رازىخان موماي، قادىر بوۋاي

    زۇلخۇمار بىلەن مىھراي كىرىدۇ.

    رازىخان:- ۋاي، زۇلخۇمار قىزىمكەنغۇ، كىرىڭە بالام كىرىڭە دەپ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن.

    قادىر بوۋاي چىقىدۇ.

    قادىر بوۋاي:- زۇلخۇمار، كىرىڭە بالام، كىرىڭە، دەپ يېتىلەپ كىرىدۇ.

    بوۋاي:- ھە شىرزات بىللە كەلمەپتۇغۇ ؟

    مىھراي:- شىرزات مەكتەپكە بارماپتۇ، ھازىر دائىم دەرس تاشلايدىغان بولۇپ قاپتۇ.

    رازىخان:- نېمە؟  دەيدۇ قولىدىكى پىيالە چۈشۈپ كېتىدۇ.

    بوۋاي:- زۇلخۇمار، بۇ راستمۇ قىزىم، دەيدۇ زۇلخۇماردىن سورايدۇ.

    زۇلخۇمار:- شۇنداق، مەنمۇ ئۇنىڭ نەگە بارىدىغىنىنى بىلمىدىم دەيدۇ.

    مىھراي نېمە قىلارنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالىدۇ.

    بوۋاي تىتىلداپ كېتىدۇ.

    69- مەيدان

    ئورنى:- بوتكا ئالدىدىكى يول     ۋاقتى:- چۈش

    پىرسۇناژلار:- شىرزات، ئىككى ساۋاقداش

    شىرزات لار دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ.

     بىر:- مەن كەتتىم  بالىلار، خوش مەن كەتتىم دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    شىرزات:- ھەي سەنمۇ ئۆيىڭگە كەت، مەنمۇ كېتەي دەپ ماڭىدۇ.

    ئۇلار ئىككىسى ئىككى تەرەپكە ماڭىدۇ. شىرزات ئالدىرىماي، سومكىسىنى خوشيامىغاندەك كۆتىرىپ دەلدەڭشىپ ماڭىدۇ.

     

    70- مەيدان

    ئورنى:- پاتەمخان موماينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- چۈش

    پىرسۇناژلار:- زۇلخۇمار   پاتەمخان موماي

    زۇلخۇمار  كىرىدۇ.

    پاتەمخان:- زۇلخۇمار بالام، ئەجەپ  ئەنسىردىم، نىمانچە كېچىكىپ كەلدىڭىز بالام  دەيدۇ.

    زۇلخۇمار:- بۈگۈن شىرزات يەنە مەكتەپكە بارمىدى. بايام مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىردىم. مىھراي اپاش بەك خاپا بولۇپ كەتتى. مىېنى تاماق يەپ چىقىڭ دەپ بەك تۇرۋالدى، شۇنداق بولسىمۇ سىزنى ئەنسىرەيدۇ دەپ يېنىپ چىقتىم  دەيدۇ.

    پاتەمخان:- شىرزات نېمىشقا مەكتەپكە بارمايدۇ، ئۇ بالا بەك كەپسىز چوڭ بولۇپ قاپتۇ قانداق؟ دەرستە قانداق ؟

    زۇلخۇمار:- قانداق بولاتتى. ياخشى ئەمەس، تۇلۇقسىزنى پۈتتۇرۇش ئىمتىھانى باشلىنىدىغانغا ئاز ۋاقىت قالدى. ھەي.. بولدىلا بۇ گەپنى قىلىشمايلى دەيدۇ  تامىقىنى يەيدۇ.

    71- مەيدان 

    ئورنى ؛- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- رازىخان، قادىر بوۋاي، مىھراي ، شىرزات

    شىرزات دەلدەڭلىشىپ  يىقىلىپ ئۆيگە كىرىدۇ.

    قاىدر بوۋاي:- ۋاي نېمە بولدى، نېمە بولدى بالام دھپ يۆلەيدۇ. شىرزات تۇرىدۇ..رازىخان بىلەن مىھرايمۇ يۈگۈرۈپ چىقىدۇ.

    مىھراي:- ئاغزىنى تۇتۇپ قالىدۇ.

    مىھراي:- نېمە  قىلغىنىڭ بۇ؟ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ  دەپ ئۇرۇپ كېتىدۇ.

    شىرزات:- ماڭە، نېمە مىنى ئۇرىسەن دەپ ئاپىسىنى تىپىپ ئۇرۇپ كېتىدۇ.

    رازىخان:- ھەي  نېمە قىلىۋاتىسەن، نېمە قىلىۋاتىسەن. تۇتۇۋالىدۇ.

    بوۋايمۇ  تۇتىۋېلىپ ھوجۇرىسىغا ئەكىرىپ قويىدۇ.

    رازىخان قىزىنى يۆلەيدۇ.

    مىھراي:- ئاپا، ئاپا دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    رازىخان گەپ قلىمايدۇ.

    بوۋاي ئاشخانا ئۆيگە كىرىدۇ. شورپىغا تەييارلىق قىلىدۇ.

    بوۋاي ئۆز- ئۆزىگە:- بۇ بالىنى، نېمىشقىمۇ ھاراق ئىچىپ يۈرگەندۇ ؟ ھە....

    مۇزىكا بېرىلىدۇ

    72-مەيدان

    ئورنى:- مەرداننىڭ خىزمەت ئورنى  ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەردان    باشقا خىزمەتداشلار

    مەردان تېلېفوندا پاراڭلىشىدۇ.

    مەردان:-  مەن شىرزاتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئالاقىلاشتىم، مۇنداق بولسۇن، مەن ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. شىرزات ئەتىلىككە بېرىپ تىزمغا ئالدۇرسۇن، ھەربىيلىككە بارىدۇ. مەن مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە ئۆيگە بىر بارىمەن. بىلدىڭىزمۇ، داداملارغىمۇ شۇنداق دەڭ. بولمىسا ئۇ بالىنى تېخىمۇ باشقۇرغىلى بولمايدۇ.

    73- مەيدان

    ئورنى:- زۇلخۇمارلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- گۈلشەن، پاتەمخان

    گۈلشەن كىلىدۇ.

    پاتەمخانمۇ كىلىدۇ. گۈلشەن بىلەن پاتەمخان  ئۇچىرىشىدۇ.

    پاتەمخان:- ھوي بۇ گۈلشەنغۇ، بالام كەلدىڭمۇ يۈر ئۆيگە دەپ قىزغىنلىق بىلەن باشلايدۇ. گۈلشەن  چىراينى تۇرۇپ بىللە كىرىدۇ.

    74- مەيدان 

    ئورنى:- زۇلخۇمارلارنىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- زۇلخۇمار، پاتەمخان ، گۈلشەن

    پاتەمخان داستىخان سېلىپ ئىسىىق چاي دەملەپ كىلىپ ناننى سۇندۇرۇدۇ. گۈلشەن غادىيىپ ئولتۇرىدۇ.

    گۈلشەن:- ئاپا ، مەن سىنى بۈگۈن بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلدىم. مەن  بالامنى ئەكەتكىلى كەلدىم. ماڭا بالا لازىم ئىشقىلىپ ئىلىپ كېتىدىغىنىم ئېنىق دەيدۇ.

    ئا كۆرىنىش

    زۇلخۇمار مەكتەپتىن كىلىدۇ كىرگىچە گىپگە قۇلاق سىلىپ قالىدۇ. زۇلخۇمار سىرتتا تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

    ب كۆرىنىش

     گۈلشەن:- بۇنداق شارائىت ناچار ئۆيدە مېنىڭ قىزىم قانداق ئوقۇيدۇ. ياق ياق، چوقۇم مەن بىلەن كېتىدۇ. مەن قىزىمنى باياشات تۇرمۇش كەچۈرگۈزىمەن، شۇڭا تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار، مەن  بىر كۈنى كىلىمەن دەيدۇ.

    پاتەمخان:- بۇ.. بۇ ...سەن سەن دەپلا قالىدۇ.

    س كۆرىنىش

    زۇلخۇمار سىرتتا تۇرۇپ  ھەممە گەپنى ئاڭلايدۇ ئاغزىنى  تۇتۇپ كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ، كەينىگە ئۆرۈلۈپ يۈگۈرۈپ كېتىپ  قالىدۇ.

    75- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار ؛- قادىر بوۋاي،

    قادىر بوۋاي تېلېفوندا پاراڭلىشىدۇ.

    قادىر بوۋاي:- جىنىم بالام تاماقنى جىق يىدىڭمۇ، كۈنەلەمدىكەنسەن، بۈگۈن ھاردىڭمۇ ؟

    شىرزات:- چوڭ دادا،مەن كېتىمەن، چىدىمىدىم، كېتىمەن كىتىمەن، بۇ يەردە تۇرمايمەن دەپ يىغلايدۇ.

    قادىر بوۋاي:- بالام يىغلىما، يىغلىما، چىدىغىن بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ بىلدىڭمۇ؟

    شىرزات ؛- مەن كېتىمەن، تۇرمايمەن بۇ يەردە، چوڭ دادا، مېنى ئامال قىلىپ ئېلىپ كەتكىن بولامدۇ ؟

    بوۋاي:- ياق بولمايدۇ بالام، داۋاملىق ئۇنداق جاپالىق بولمايدۇ، مۇشۇ بىر يىل چىدىۋەتسەڭلا. تۈگەيدۇ بىلدىڭمۇ ؟

    76- مەيدان

    ئورنى:- زۇلخۇمارنىڭ ھوجۇرىسى   ۋاقتى:- كەچ

    پىرسۇناژلار:-زۇلخۇمار

    زۇلخۇمار  ئالدىدىكى كىتابىغا قاراپ خىيال سۈرىدۇ.

    گۈلشەننىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.{گۈلشەن:- بۇنداق ناچار ئۆيلەردە مېنىڭ قىزىم تۇرمايدۇ، مېنىڭ قىزىم باياشات تۇرمۇش كەچۈرىشى كېرەك }

    زۇلخۇمار ئىچىدە:- ئاشۇ مېنىڭ ئاپامكەن، مېنىڭ ئاپام شۇنداق ئايالكەن، شىرزات سەن بولغان بولساڭمۇ بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ بېرەتتىڭ، سەنمۇ يوق، ھەي دەيدۇ، كىتابىغا قارايدۇ.

    77- مەيدان

    ئورنى:- مەرداننىڭ ئىشخانىسى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    مەردان تېلېفوندا پاراڭلىشىدۇ.

    مەردان:- نېمە؟....  شىرزات قىچىپتۇ....،قاچاندىن بېرى؟..  - بىلدىم.  -بولىدۇ..... دەيدۇ.

    مەردان ئۇياق – بۇياققا ماڭىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.