ھاشىمنىڭ 18-خۇتۇنى (6)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-31 22:46:18

67- مەيدانئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى، ۋاقتى: كۈندۈزپېرسۇناژلار: زۆرەم.زۆرەم ئۆيلەرنى يىغىشتۇرىدۇ. يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، داستىخان پەشتامبەللەرنى داسقا چىلاپ يۇيىدۇ. تۇيۇقسىز بىر ئىش يادىغا يىتىپ، قولىنى س...

    67- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى،   ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: زۆرەم.

    زۆرەم ئۆيلەرنى يىغىشتۇرىدۇ. يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، داستىخان پەشتامبەللەرنى داسقا چىلاپ يۇيىدۇ. تۇيۇقسىز بىر ئىش يادىغا يىتىپ، قولىنى سۈرتۈپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىدۇ.

    ئاشخانا ئۆي.

    بىر خالتىسىغا مېۋە- چېۋە نان، گۆشلەرنى ئايرىم – ئايرىم قاچىلايدۇ.

    68- مەيدان

    ئورنى: تۈرمە   ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: زۆرەم، كۆزەتچى ساقچى.

    زۆرەم: مەن ئادىلنىڭ ئاپىسى بولىمەن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم بولامدۇ دەيدۇ.

    ساقچى: بۈگۈن ئۇچرىشىش كۈنى ئەمەس، كۆرىشىدىغان كۈن شەنبە كۈنى دەيدۇ.

    زۆرەم: بۇنى دەيدۇ قولىدىكى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ.

    ساقچى: ھە، بىلدىم، يەتكۈزۈپ بېرىمىز دەيدۇ.

    69- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى،     ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، ئابلەت، رىشىت، يۈسۈپ.

    يۈسۈپ: ئەتە شەنبىمۇ دەيدۇ.

    ئابلەت: ھە، نىمە بولدى دەيدۇ.

    يۈسۈپ: يەنە توي بولمامدۇ. بۇ تويلارنىڭ، چايلارنىڭ كۆپلىكىدىن زېرىكتۈردىغۇ ئادەمنى، بارايلى دىسەك كۆپلىكى، بارمايلى دىسەك ئادەملەگەرچىلىكتىن قالغان ئادەم دەيدۇ.

    ئابلەت: نەدە يوق گەپلەرنى قىلىدىكەنسىلەر، تويغا بارساڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ قولداش، چوكانلارنىڭ سەتەڭلىكىنى دىمەيسەن. ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يىگۈدەك بىر- بىرىدىن نوچى دىگىنا دەيدۇ .

    ھاشىم ئابلەتكە قاراپ مەسخىر ئارلاش كۈلۈپ قويىدۇ.

    رىشىت: قارا دەۋاتقان گىپىڭنى، دىمىسىمۇ توي تۆكۈن بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. ھەپتىگە ئۈچ تۆتتىن توغرا كېلىدۇ دىگىنە. سىلەرنىڭ مائاشىڭلار پۇلۇڭلار بار بىزچۇ، باشقا تاپساق پۇتقا يوق، پۇتقا تاپساق ئۇچاڭغا، ئازنى داستىخانغا قويغىلى بولمىغان، كۆپكە مادار يەتمىگەن. قول قولنى يۇيسا قول كىلىپ يۈزنى يۇيىدۇ. سەن باشقىلارغا قىلمىساڭ ساڭىمۇ باشقىلار قىلمايدۇ دەيدۇ.

    ھاشىم؛ شۇنداق، شۇنداق مەنغۇ ئىشقىلىپ...... بىر ئۆينىڭ مورىدىن ئىس چىقارماق ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئىكەن دەيدۇ.

    66- مەيدان

    ئورنى؛ ھاشىمنىڭ ئۆيى   ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: زۆرەم

    زۆرەم نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىدۇ.

    67- مەيدان

    ئۇرنى: تۈرمە                ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ئارزىگۈل، زۆرەم، كۆزەتچى ساقچى.

    زۆرەم بۈگۈن ئوغلۇم بىلەن يەنە كۆرىشەلمىدىمغۇ دەيدۇ.

    كۆزەتچى: ئوغلىڭىز كىم، ئىسمى نېمە دەيدۇ؟

    زۆرەم: ئادىل دەيدۇ.

    كۆزەتچى دەپتەرگە قاراپ: ئۇ ھازىر نازارەت ئاستىدا كۆرىشىشكە بولمايدۇ.

    بۇ ۋاقىتتا ئىچكىرى تەرەپىتن ئارزىگۈل تېلېفوندا پاراڭلىشىپ چىقىدۇ.

    ئارزىگۈل: مەن ھازىر بارىمەن مېنى ساقلاپ تۇرسۇن. ھازىر بىر جىنايەتچى بىلەن كۆرۈشۈپ ماڭدىم ھايال قالماي بارىمەن.

    كۆزەتچى ساقچى: ياخشىمۇ سىز باشلىق دەپ سالام بېرىدۇ.

    زۆرەم: ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشىۋالاي باشلىق، كۆرۈشىۋالاي دەيدۇ، يىغلامسىراپ.

    ئارزىگۈل: كىمكەن دەيدۇ كۆزەتچىگە قاراپ.

    كۆزەتىچى: ھېلىقى بازار لۈكچەكلىرىنىڭ بىرسى ئىكەن.

    ئارزىگۈل: مۇنداق بولسۇن سىز ئەتە كېلىڭ مەن ئورۇلاشتۇرۇپ بېرەي دەيدۇ زۆرەمگە قاراپ. ئاندىن كۆزەتچىكە قاراپ ئەتە مۇۋاپىق بىر ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىڭ دەيدۇ. مەن كەتتىم دەيدۇ.

    كۆزەتچى: بولىدۇ ئامان بولۇڭ دەيدۇ. ئارزىگۈل كېتىپ قالىدۇ.

    زۆرەم؛ رەھمەت، رەھمەت بۇ نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز دەيدۇ.

    68- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى     ۋاقتى؛ كەچ

    پېرسۇناژلار: زۆرەم، ھاشىم، باتۇر، قەيسەر.

    ھەممەيلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرىدۇ.

    زۆرەم: ئۆيدە نان بىلەن گۆش قالمىدى ئەتە ئالغاچ كىلەرسىز دەيدۇ.

    ھاشىم: شۇنداقمۇ دەيدۇ سەل ھەيران قېلىپ.

    69- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى    ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، رشىت، يۈسۈپ

    رىشىت بىلەن يۈسۈپ بۇلارنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. ھاشىم كېچىكىپ كېلىدۇ.

    رىشىت: بۈگۈن ئەجەپ كەچ قالدىڭغۇ، ئابلەتنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ كەلمەيدىكەن، يۈرۈڭلار مەن مېھمان قىلاي، ئۇزۇن بوپتۇ قېقىشىپ باقمىغىلى.

    يۈسۈپ: ماۋۇ گەپ جايىدا يۈرۈڭلار، دەيدۇ. ھەممىسى ماڭىدۇ.

    70- مەيدان

    ئورنى: تۈرمە             ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: زۆرەم ، ئادىل، ساقچى

    زۆرەم ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. ئادىل بىر ساقچى بىلەن كىرىدۇ.

    ئادىل: ئوھۇي ئاپا، مۇشۇ كۈندە پات – پات كىلىپ يوقلايدىغان بولۇپ قالدىڭ، خېلى پۇللۇق ئائىلىگە چۈشكەن ئوخشىمامسەن، مەن چىققاندىن كېيىن چوقۇم بارىمەن.

    زۆرەم: ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن بالام، كېيىنكى ئۈمرۈمنى بولسىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزەي، داداڭنىڭ قولىدا تاياق دۇمبا بىلەن كۈنۈم ئۆتتى، مېنى يەنە نىمە قىلىسەن دەيدۇ يىغلاپ.

    ئادىل: مەن دىگەن سېنىڭ بالاڭ سېنىڭ يېنىڭغا بارماي نەگە بارىمەن دەيدۇ قوللىرىنى شىلىتىپ.

    زۆرەم: داداڭنىڭ يېنىغا بارغىن.

    ئادىل: ئۇ ئوغرىنىڭ نېمىسى بار، ئاچ قالدىم ئۈيۈم يوق دەپ بارامدىم، يا ئۆلمىدى ئۇ ئوغرى.

    زۆرەم: ئۇنداق قىلما بالام.

    ئادىل: جېنىم ئاپاڭزا، كۆپ بولسا ئۈچ ئاي بولمىسا ئىككى ئايدا بۇ يەردىن چىقىمەن ئاز قالدى ماڭا پۇل لازىم ، پۇل..........دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كېتىدۇ.

    زۆرەم يىغلاپ قالىدۇ.

    71- مەيدان

    ئورنى: كىچىك ئاشپۇزۇل             ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: ھاشىم ، رىشىت، يۈسۈپ

    ئۈچى خېلى تەڭشىلىپ قالغان ئىدى. ئۈستەلگە بەش ئالتە خىل قورۇمىلار تىزلغان، ئىككى ھاراق بوتۇلكىسى قويۇلغان، بىرى قۇرۇق.

    رىشىت: ھەي ھاشىم مەخسۇت، سەن خوتۇن ئېلىشتا رېكوت بۇزدىغان بولدۇڭ جۇمۇ، ھېلىقى دوتتىرىڭنى سېتۋەتكەن ئايالىڭ سەن بىلەن قانچە كۈن ئۆي تۇتتى.

    ھاشىم: ھېلىقى ياسانچۇق قونچاقنى دەمسەن، 16 كۈن 16 كۈن دەيدۇ قولىنى كۆرسىتىپ.

    يۈسۈپ: سەن توققۇز خوتۇنغا ئۆيلەندىڭ شۇنداقمۇ.

    ھاشىم: شۇنداق، شۇنداق.

    رىشىت: بىزگە ھېلىقى ئوخشىمىغان تاماق ئېتىپ بەرگەن ئايالىڭ سەن بىلەن ئۈچ تۆت كۈن ئۆي تۇتقاندۇ ھە، ھەممەيلەن ۋەرت دەپ كۈلىشىدۇ.

    رىشىت؛ نېمىلا دىگەن بىلەن بالىلىرىڭنىڭ ئاپىسىدەك تاماققا ئۇستا چوكان يوق جۇمۇ.

    ھاشىم: راست دەيسەن، ئۇ ئايالغا يىتىدىغان ئايال، يوق، رەھمەتلىك ياش كىتىپ قالدى ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم......ھەي..... دەپ كۆزىگە ياش ئالىدۇ.

    يۈسۈپ: بولدى ئاغىنە يىغلىما، ئەركەك يىغلىمايدۇ.

    ھاشم: راست دەيسەن، مېنىڭ دادام ئاتمىش ياشقا كىرگىچە ئوتتۇز خوتۇن ئاپتىكەن، كىم ماڭا ياخشىراق مۇئامىلە قىلسا شۇنى مېنىڭ ئاپام ئۆز ئاپام دەپ بىلىپ كەلگەنمەن. مىنىڭ ئالغان ئاياللىرىم قانچىلىك دەيسەن يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. خوشە دەپ ھاراقنى ئاچچىق ئىچىۋېتىدۇ. يېشىنى سۈرتىدۇ.

    72- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئىشكى ئالدى.           ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: ھاشىم، زۆرەم.

    ھاشىم غەرق مەس بولۇپ كىلىدۇ. ئىشىكنى بۇلۇشىغا ئۇرىدۇ.

    ھاشم: ھوي زۆرەم ئىشىكنى ئاچ، ئىشىكنى ئاچ دەپ ۋاقىرايدۇ. يىراقتىن سالپىيىپ كېلۋاتقان زۆرەم ھاشىمنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ كېلىدۇ.

    ھاشىم: ئۆيدە ئولتۇرماي نەدىن كېلىۋاتىسەن دەيدۇ دەلدەڭشىپ.

    زۆرەم: ئاۋۋال ئۆيگە كىرەيلى، نىمانچە كۆپ ئىچكەنلىك بۇ.

    73- مەيدان

    ئورنى: كاتتا بېزەلگەن ئاشخانا، ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ئارزىگۈل، ئەر

    ئەر: سىزنى ئاچىڭىز بەك چىرايلىق دىگەن ئىدى. ئۇنىڭ دىگىنىدىنمۇ چىرايلىقكەنسىز.

    ئارزىگۈل: نەدىكىنى بەك ئاشۇرۋېتىپتۇ.

    ئەر: مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن، بۇ خىزمەتنى بەكلا سۆيىمەن، ئوقۇتقۇچىسى زالىم بولسا، ئوقۇغۇچسى ئالىم بولۇر دىگەن گەپ بارغۇ، شۇ ئوقۇغۇچىلىرىمغا قاتتىق قوللىق قىلىمەن. ئاچچىقىم كېلىپ قالسا ئۇرىمەن تېخى.

    ئارزىگۈل: ئۇرىمەن، تىللايمەن دىسىڭىز قانداق بولىدۇ، نېمىلا دىگەن بىلەن ئۇلار كىچىك بالا ئەمەسمۇ.

    ئەر: ئۇلارنى كىچىك دەپ باشقۇرمىغان بىلەن سىزنى بوزەك قىلىدۇ. زادى تاياق كام ئۇلارغا.

    ئارزىگۈل: شۇنداق قىلغانغا ئۇلار ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىپ ياخشى ئادەم بولارمۇ. ئۇرۇش ياخشى ئىش ئەمەس.

    ئەر: نەدىكى مەن ئوغلۇمنى پات – پات ئۇرۇپ تۇرىمەن، مېنىڭ گىپىمنى بەك ئاڭلايدۇ، بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈردىغىنى ئىمتىھانلاردا ئاتمىشتىن يۇقىرى نۇمۇر ئالالمايدۇ.

    ئارزىگۈل:نىمىشقا ئۇرىسىز ئەقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇس دىگەن گەپ بارغۇ.

    ئەر: بالىلار ئاپىسىمۇ مۇشۇ ئىش تۈپەيلى مەن بىلەن تاكالىشپ قالاتتى.

    ئارزىگۈل: ئايالىڭىزنىمۇ ئۇرامتىڭىز.

    ئەر: دائىم ئەمەس، ئاندا- مۇندا دەيدۇ كۈلۈپ.

    ئارزىگۈل: مۇنداق دەڭ.

    ئەر: خۇتۇن خەقنىمۇ ئىككى كۈندە بىر ئەدەپلەپ قويمىسا بەك ھەددىدىن ئېشىۋالىدۇ.

    ئارزىگۈل؛ بەك توغرا ئويلاپسىز، مەن سىرتقا چىقىپ كىرەي دەپ چىقىپ كېتىدۇ. ئارزىگۈل تېلېفون قىلىدۇ.

    ئارزىگۈل: ئاچا، ھە، ياخشىمۇ بۇندىن كېيىن مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشماڭلار، قانداق دىگەن گەپ بۇ بولدى بولدى دەپ تېلېفوننى قۇيۋىتىدۇ.

    74- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنڭ ئۈيى           ۋاقتى: چۈش

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، زۆرەم، قەيسەر، باتۇر.

    ھەممەيلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدۇ. ئىشىك قوپال ئۇرۇلىدۇ.

    ھاشىم: كىمۇ ئىشىكنى بۇنچىۋالا قاتتىق ئۇرغان.

    زۆرەم: مەن چىقاي دەپ چىقىدۇ.

    75- مەيدان

    ئورنى: ھويلا            ۋاقتى: چۈش

    پرسۇناژلار: ھاشىم، زۆرەم، ئادىل

    ئادىل: ئاپاڭزا تۈنۈگۈن مەن ئازات بولدۇم ئىشىكنى ئاچ مەن ئادىل.

    زۆرەم نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

    زۆرەم: ماڭ كەت، كەت .

    ھاشىم: كىمكەن دەپ چىقىدۇ. ئادىل كىرىدۇ.

    ئادىل: داداڭزا ياخشىمۇ، زۆرەم مېنىڭ ئاپام بولىدۇ.

    زۆرەم: دادىسى كىرىپ كەتسىلە، كىرىپ كەتسىلە.

    ھاشىم: بالىنى ئۆيگە باشلاپ سىرتتا ياخشى بولمايدۇ. يۈر – يۈر ئۆيگە دەپ باشلايدۇ.

    76- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۈيى        ۋاقتى: كۈندۈز

    پىرسۇناژلار: ھاشىم، زۆرەم، ئادىل

    ھەممىسى بىللە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ.

    ئادىل: ئەجەپ ئۇماقكەنسەن، دەيدۇ قەيسەرنىڭ يۈزىگە شاپىلاقلاپ. ھاشىم مۇنداقلا بىر قاراپ قويىدۇ.

    قەيسەر: ئاكا سىز ھاراق ئىچىپسىز ھە، مۇئەللىم بىزگە ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى ئادەم ئەمەس دىگەن.

    ئادىل: شۇنداقمۇ سەن بەك ئەقىللىقكەنسەن دەيدۇ قەيسەرنىڭ يۈزىنى چىمداپ.

    ھاشىم سەل ئاچچىقلىنىدۇ.

    زۆرەم ئاچچىقىدا يىمەي ئولتۇرىدۇ. قەيسەر يۈزىنى بوش سىلايدۇ. ئادىل ھەممە ئۆيلەرنى بىر قۇر ئايلىنىپ كۆرۈپ چىقىدۇ. زۆرەم ئاچچىقىدا تىتىرەپ كېتىدۇ.

    77- مەيدان

    ئورنى؛ ھاشىمنىڭ ئۈي               ۋاقتى : كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ئادىل، زۆرەم ، ھاشىم

    ئادىل غەرق مەس كېلىدۇ. زۆرەم ئۆيدە يالغۇز ئىدى.

    ئادىل: ھوي ئاپاڭزا، مەن كەلدىم جان جىگەر ئوغلۇڭ كەلدى.

    زۆرەم: ئىچكىرى ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىدۇ.

    زۆرەم: ۋايجان، ۋاي نۇمۇس، نېمە قىلغىلى كەلدىڭ. نېمە قىلىغىلى. مېنى كۈن كۆرگىلى قويامسەن دەيدۇ ئاچچىقىدا.

    ئادىل: ئاپا پۇل بەر پۇل ئوغلىڭغا پۇل لازىم. مىنى مۇشۇنداق تاشلاپ قويساڭ قانداق بولىدۇ. ماڭا پۇل بەر، مېنى بېقىشىڭ كېرەك دەپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىدۇ. ئادىل كىرىپلا تامدىكى گىلەمگە ئېسىلىدۇ. زۆرەم كىلىپ ئادىلنىڭ قولىغا ئېسىلىدۇ.

    زۆرەم: ھۇي ئىنساپسىز نېمە قىلاي دەيسەن يىغلاپ. بۇ ۋاقىتتا ھاشىم كېلىدۇ.

    ھاشىم: نېمە قىلۋاتىسىلەر دەيدۇ ھەيران قېلىپ.

    ئادىل دەرھال ئىشىنى توختىتىپ قولىنى قېقىشتۇرۇپ ھاشىمنىڭ قېشىغا كېلىدۇ.

    ئادىل: ماڭا پۇل لازىم پۇل.

    ھاشىم: قانچىلىك دەيدۇ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ.

    زۆرەم: ياق بۇنىڭغا پۇل بەرمەڭ دەيدۇ قوللىرىنى شىلىتىپ.

    ھاشىم: مانا بارى شۇكەن دەپ يۈز يۈەنگە يېقىن پۇلنى چىقىرىدۇ.

    ئادىل: ئارانما، بوپتۇ، يوقتىن ياخشى دەپ پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ھاشىم: زۆرەمگە بىر خىل قاراپ قويىدۇ.

    زۆرەم: مېنى كەچۈرۈڭ، مېنى كەچۈرۈڭ دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    ھاشىم: ھېچقىسى يوق بالا ئەمەسمۇ.

    مەلۇم ئەتىگەن

    زۆرەم ناشتىلىق تەييارلايدۇ. سۈت قاينىتىدۇ. ئىككى خىل ياخشى سەي قورۇيدۇ، ناننى توغرايدۇ، ئۈستەلگە ھەرخىل نىممەتلەرنى تىزىدۇ. ياندىن بايان: قاراي دىسەم يالماۋۇز بالام، قارىماي دىسەم يالغۇز بالام دىگەندەك بۇ بالىنى دەپ بۇ ئۆينى ۋەيران قىلسام بولمايدۇ. مەن ئەسلىدە بۇنداق قىلسام ھەي..... ئازغىنە بۇ بىرگە ئۆتكەن كۈنلەر ئەڭ خاتىرجەم كۈنلەر بوپتۇ. ئادەم دىگەن شۇنداقكەن. بالا تاكى قۇرساقتا قالغان كۈندىن باشلاپ بالام دەپ غېمىنى يەيىدىكەنمىز، قورسىقى توقمىدۇ، نەلەردە يۈرىيدىغاندۇ، نىمىلەرنى قىلۋاتقاندۇ دەيدىكەنمىز. بىر ئادەم بىر كىتاب دەپ، ھەربىر ئادەمنىڭ بىر كۆرگىلى بار  ئىكەن. بۇ ھاشىمنى پاراكەندە قىلسام بولمايدۇ. بۇنىڭمۇ باللىرى بار، ئۇنىڭمۇ غېمى ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ. مەن يەنە ئېغىرچىلىقىمنى سالسام بولمايدۇ. زۆرەم ئاستا نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ.

    78-مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئىشىكى ئالدى،            ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ئادىل، ھاشىم

    ئادىل يىراقتىن كېلىدۇ، ھاشىم ئىشىكنى سۇلاپ ماڭىدۇ. ئادىل ئوھۇي داداڭزا، دەيدۇ سەت ھىجىيىپ.

    ھاشىم: ھە، يەنە نېمىگە كەلدىڭ.

    ئادىل: ئاپاشنى كۆرگىلى كەلدىم.

    ھاشىم: ئاپاڭ يوق كەتتى.

    ئادىل: ئالدىنقى ھەپتە بار ئىدىغۇ.

    ھاشىم: سەن كەتكەندىن كېيىنلا يوق.

    ئادىل: ھە، سەن ئاپامنى بوزەك قىلىپسەندە دەپ ھاشىمغا ھۆرپىيىدۇ.

    ھاشم: ياق، ياق بۇنداق دىسەڭ بولمايدۇ.

    ئادىل: سەن بوزەك قىلمىساڭ بىكاردىن – بىكار كىتەمدۇ.

    ھاشىم؛ بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن.

    ئادىل: ھەي قېرى ئوغرى قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ بىلمەس بولىۋالدىڭما دەپ ھاشىمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدۇ.

    ھاشىم: ھەي قولۇڭنى قويىۋەت، قويىۋەت دەپ ئادىلنىڭ قولىغا ئېسىلىدۇ.

    79- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى   ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، يۈسۈپ، ئابلەت، رىشىت

    ئۇلار ھاشىمنى ساقلايدۇ.

    ئابلەت: بىزنىڭ مەكتەپتە مۇنداق بىر ئىش بولدى. بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئوبدان ئايالىنى قويىۋىتىپ قارىتىپ تۇرۇپ ئايالىنىڭ دوسىتىنى ئېلىۋالدى دىسە، ئۇلار ھەممىسى بىر يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى دەڭلا تېخى. ئالدىنقى ئايالى بۇ ئىشتىن نومۇس قىلىپ مەكتەپتىن توختاپ قالدى.

    رىشىت: ئۇ چوكاننىمۇ خۇدايىم ئىنسابىنى بەرگەن بىرەسىگە يولۇقتۇرار بەلكىم. خۇدايىم بار دەيدۇ كۈلۈپ.

    يۈسۈپ: شۇنى دىگىنە بىچارە دەيدۇ قولىنى غەلىتە شىلىتپ. ھاشىم كېلىدۇ.

    ھاشىم: تېچلىمۇ ئاغىنىلەر دەپ كۆرۈشىدۇ.

    يۈسۈپ: ئەجەپ ساقلاتتىڭغۇ.

    ھاشىم: كەچۈرىڭلار، كەچۈرىڭلار ماشىنام يېرىم يولدا بۇزۇلۇپ قالدى. بەك خاپا قىلدى.

    رىشىت: ئۇ ماشىنىمۇ شۇ مال ئىگىسىنى دورىما بىكا جۇمۇ دەپ زاڭلىق قىلىدۇ، ھەممىسى بوش كۈلىشىدۇ.

    79- مەيدان

    ئورنى: ئارزىگۈلنىڭ ئىشخانىسى          ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ئارزىگۈل، ساقچى باشلىقى.

    ساقچى باشلىقى: يېقىندا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭلار.

    ئارزىگۈل: ئانچە ئەمەس باشلىق.

    باشلىق: بۈگۈن بىر يىغىنغا كەلگەن، بۇياققا ئۆتۈشۈم، مەن ئالايتەن سىزگە رەھمىتىمنى ئېيتقىلى كەلدىم. سىز بىزنىڭ ئورگانغا شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدىڭىز. سىزگە كەلگەن رەھمەت خەتلەر ھەم تەشەككۈرنامىلەر ھازىرغىچە ئۈزۈلمەيدۇ. بولۇپمۇ ئون تۆت بالىنى ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ قولىغا ساق –سالامەت بارغانلىقىدىن بىزمۇ بەك مىننەتدار.

    ئارزىگۈل: بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئېغىر ھەم ئۇلۇغ ۋەزىپە. بىز خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز.

    80- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى،          ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: ھاشىم، ئابلەت، رىشىت، يۈسۈپ

    يۈسۈپ: بىزنىڭ قوشنىمىزنىڭ ئىككى قىزى بار ئىدى. ھەممىسى خېلى چوڭ بولۇپ قالغان. لېكىن تېخى توي قىلمىدى. كىچىك قىزىغا ئەلچى كىرىپتىكەن 15000 قويۇپتۇ. بۇنى ئاز كۆرۈپ ئەلچىلەرنى قايتۇرۋېتىپتۇ. قېرى قىزنىڭ سېلىغى ئېغىر دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن جۇمۇ.

    رىشىت: بۇنداق ئىشنى ئاز دەمسەن، بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ ئىككى ئۈچى بار. سۈت ھەققى دەپ ئالدىغىنىچۇ تېخى. چوڭلارمۇ ياشلارنىڭ قارارىغا ھۈرمەت قىلمايلا ئۆز ئالدىغا قارار قىلغان، پالانى پۇلنى دەۋەتكەن. ئاخىرى قانداق بولىدۇ. يىگىت تەرەپ يالتىيىدۇ. خۇددىي ئادەم سودىسىدەكلا.

    يۈسۈپ: دىمىسىمۇ ئادەم سودىسىغۇ، خۇتۇن ئېلىش خۇددى بازاردىن كىرئالغۇ سېتۋالغاندەكلا ئىش.

    ئابلەت: بۇنداق دىسەڭ بەك ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق.

    ھاشىم: ئۇنداقتا مېنىڭ ئىككى ئوغۇلۇمغا خېلى ئىش بار ئوخشايدۇ ھە.

    يۈسۈپ: بۇ ئابايلا بار گەپ. ئابلەت يانچۇقىدىن بىرپارچە گېزىتىنى چىقىرىدۇ.

    ئابلەت: بولدى، بولدى مەن سىلەرگە بىر شېئىر ئوقۇپ بېرەي. مۇھەممەتجان راشىدىنىنڭ شېئىرى ئىكەن.

    بىز خۇدادىن قۇرقۇپ تۇرىمىز،

    شۇڭا نامازنى ئوقۇپ تۇرىمىز.

    سورۇنلاردا ساقىنى ئەمما،

    قۇيمامسەن دەپ نوقۇپ تۇرىمىز.

     

    كېسەل يۇقتى قاغا قۇزغۇندىن،

    كۆرۈنگەننى چوقۇپ تۇرىمىز.

    قۇلۇم – قوشنا دىمەيمىز ئەسلا،

    ئېلىنغاننى سوقۇپ تۇرىمىز.

     

    ئايرىمايمىز ھالال ھارامنى،

    يالغاننىمۇ توقۇپ تۇرىمىز.

    لېكىن يەنە قورقۇپ تۇرىمىز،

    شۇڭا ناماز ئوقۇپ تۇرىمىز.

    ھاشىم: قالتىس، قالتىس شېئىركەن جۇمۇ.

    رىشىت: راست بەك ياخشىكەن.

    81- مەيدان

    ئورنى: ھاشمنىڭ ئۆيى          ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، قەيسەر، باتۇر، ھەسەلخان، پەرھات.

    ھەممەيلەن تاماققا ئولتۇرىدۇ. ھەسەلخان بىرىنچى قاچىنى ئۈستەلگە قويۇشى بىلەن پەرھات ئالدىغا تارتىپ ھاپىلا – شاپىلا يىيشكە باشلايدۇ (لەغمەن) . ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قارايدۇ.

    قەيسەر: ھەي ئاشپاقا، ئاستراق يە گېلىڭدا تۇرۇپ قالمىسۇن يەنە. بىز تالاشمىدۇق دەيدۇ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ.

    ھاشىم: بولدى، بولدى سەن جىم ئولتۇر.

    ھەسەلخان تاماقلارنى ئۇسۇپ بولىدۇ. قەيسەرگە ئالىيىپ قارايدۇ. پەرھات تاماقنى يەپ يېرىمىغا كەلگەندە بىر ئىش يادىغا يەتكەندەك:- بىزنى بوزەك قىلىدىغان بولساڭلار، مەندىن ياخشى كۈن كۆرمەيسىلەر بىلدىڭلارمۇ دەپ كىچىك مۇشتىنى كۆرسىتىپ ھاشىمغا قارايدۇ. ھاشىم ئوغۇللىرىغا قاراپ قويىدۇ.

    قەيسەر: ھەي ئەدەپسىز.

    ھاشىم: بولدى قىلىڭلار دەيدۇ ئاچچىقىدا ۋارقىرايدۇ. ھەسەلخان ھاشىمغا قاراپ قويىدۇ.

    82- مەيدان

    ئورنى: بالىلارنىڭ ھوجۇرىسى       ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: قەيسەر، پەرھات، ھەسەلخان.

    قەيسەر قەغەز ئايرۇپىلان ئۇچۇرۇپ ئوينايدۇ، پەرھات تالىشىپ يىرتىۋېتىدۇ. قەيسەر پەرھاتنى بېسىپ ئۇرۋالىدۇ. پەرھات يىغلاپ ئۆينى بىر ئالىدۇ. ھەسەلخان ئالمان – تالمان يۈگىرەپ كىرىدۇ.

    ھەسەلخان: جېنىم بالام سېنى نېمە قىلدى.

    پەرھات: مېنى ئۇردى دەيدۇ.

    قەيسەر: ئايرۇپىلاننى يىرتىۋەتتى.

    ھەسەلخان: ئويناپ تۇرغانغا نېمە بولىدۇ دەپ قەيسەرنىڭ پىشانىسىدىن نوقۇپ پەرھات بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. قەيسەر يىرتىلغان ئايرۇپىلانغا قاراپ يىغلىۋېتىدۇ. ھەسەلخاننىڭ نوقۇشى كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ.

    83- مەيدان

    ئورنى: مەكتەپ ئالدى.          ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: پەرھات، قەيسەر، باتۇر، باشقا بالىلار.

    پەرھات بىر بالا بىلەن مۇشلىشىپ كېتىدۇ. بالىلار يىغىلىشىدۇ. ئەتراپتىكى بالىلار ھە دەپ ۋاقىرىشىدۇ« ئۇرە، ئۇرە، قۇرسىقىغا مۇشلا، تازا تىپە، ئۇرە تازا ئۇرە». بۇ ۋاقىتتا قەيسەر بىلەن باتۇر كېلىدۇ. باتۇر ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئاجىرىتىدۇ.

    باتۇر: بولدى قىلىڭلار نېمە بولدى.

    پەرھات: ئۇ مېنى ئۇرۋالدى، مەن ئۇرۋالىمەن دەيدۇ ئالدىغا يۈگۈرۈپ.

    بالا: مەن ئاپامغا دەيمەن دەيدۇ يىغلاپ.

    پەرھات: مەنمۇ ئاپامغا دەيمەن دەيدۇ. باتۇر بىلەن قەيسەر پەرھاتنى ئېلىپ كېتىدۇ.

    84-مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆي           ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: ھەسەلخان، باتۇر، قەيسەر، پەرھات

    ھەسەلخان: نېمە بولدى بالام يۈزىڭگە نېمە بولدى دەپ پەرھاتنىڭ يۈزىنى سىلاپ كېتىدۇ. يەنە: ئىككىڭلار ئۇكاڭلارنى ئۇرسا قاراپ تۇردىڭلارمۇ، يۈرۈڭلار شۇ يەرگە بارىمىز دەيدۇ سومكىلىرىنى قۇيۇپ ماڭىدۇ.

    85- مەيدان

    ئورنى: مەكتەپ ئالدى          ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: ھەسەلخان، باتۇر، قەيسەر، پەرھات، باشقا بالىلار.

    ھەسەلخان: سېنى ئۇرغان قايسى بالا.

    پەرھات: ئاۋۇ شۇ دەپ كۆرسىتىدۇ. ئالدى تەرەپتىكى بىر ئىككى بالا تاياق يىگەن بالىنىڭ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۋاتاتتى.

    ھەسەلخان:مېڭلار بېرىپ ئۇرۇڭلار مەن قاراپ تۇرىمەن.

    86- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدى            ۋاقتى: كەچ

    پرسۇناژلار: ھاشىم.

    ھاشىم ماشىنىسنى چەتكە توختىتىدۇ. ئىشىك ئالدىدىكى ساقچى ماشىنىسىنى كۆرۈپ چۆچۆپ كېتىدۇ. ئۆز –ئۆزىگە مەن قانۇنسىز ماشىنا ھەيدىمىگەندەك قىلغان، نېمىگە كەلگەندۇ بۇ ساقچىلار دەپ ئۆيگە كىرىدۇ.

    87- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۈيى              ۋاقتى: كەچ

    پرسۇناژلار: ھاشىم، ھەسەلخان، باتۇر، قەيسەر، پەرھات، ساقچىلار.

    ھاشىم كىرىدۇ.

    ھاشىم: ياخشىمۇ سىلەر دەپ كۆرىشىدۇ. يەنە: نېمە بولغان دەيدۇ. قەيسەر يەنە يىغلاپ تۇراتتى.

    ساقچى: بالىلىرىڭىز بىلەن ئايالىڭىز، بالىڭىزنىڭ ساۋاقدىشىنى قاتتىق ئۇرۇپ يارلاندۇرۇپتۇ، شۇ ئىش بىلەن كەلگەن.

    ھەسەلخان: بالامنى نىمىشقا ئۇرىدىكەن.

    ھاشىم: ھەي، كىچىك بالا دىگەن ھازىر ئۇرۇشسا بىر سائەتتىن كېيىن يەنە بىللە ئوينايدىغان تۇرسا، شۇنىڭغىمۇ ئارلىشامدۇ، ئۇغۇل بالا دىگەن مۇشلىشىپ چوڭ بولىدۇ.

    ھەسەلخان: لېكىن......

    ساقچى: بولدى، بولدى سىلەرنىڭ تالىشىشىڭلارنى كۆرگىلى كەلمىدۇق. ماڭ سىلەرنى سورايدىغان يەر بار دەپ ھەسەلخان بىلەن بالىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ.

    قەيسەر: دادا، دادا دەپ يىغلاپ چىقىپ كېتىدۇ.

    88- مەيدان

    ئورنى: ساقچىخانا ئالدى.           ۋاقتى: ئەتىگەن.

    پرسۇناژلار: ھاشىم ، قەيسەر، ھەسەلخان، پەرھات، باتۇر.

    ھاشىم باتۇر بىلەن قەيسەرنى يىتىلەپ چىقىدۇ، كەينىدىن ھەسەلخان پەرھاتنى يىتىلەپ چىقىدۇ.

    ھاشىم: بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشماڭلار بىلدىڭلارمۇ، ياخشى بالا ئۇرۇشمايدۇ.

    قەيسەر: بىلدىم دادا، دەيدۇ ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ. ھاشىم كەينىگە قاراپ: سىز بالىڭىزنى قانداق تەربىيلىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، ھازىرقى جەمئىيەتتە بالا تەربىيىلەش ئەڭ مۇھىم، سىز بالىڭىزنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. دەپ كېتىپ قالىدۇ. ھەسەلخان بالىنى يىتىلەپ ئاستا كېتىپ قالىدۇ. ئىككى تەرەپكە ماڭىدۇ.

    قەيسەر: دادا قۇرسىقىم ئېچىپ كەتتى.

    ھاشىم: يۈرۇڭلار مەن ئۆيگە بېرىپ تاماق ئېتىپ بېرەي.

    89- مەيدان

    ئورنى ھاشمنىڭ ئۆيى             ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم.

    ھاشىم كىرسلودا يېتىپ خىيال سۈرىدۇ« مەن بالىلىرىمنى ياخشىراق تەربىيىلىسەم جەمئىيەتكە بىر ياراملىق ئادەم بولسىكەن دەيمەن بۇ ھەسەلخان قاراپ تۇرۇپ ماڭا بىر زىيان سېلىۋەتتى» يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ تاماكىسىنى ئىزدەيدۇ. قۇلىغا ئىسىم كارتىسى چىقىپ قالىدۇ. كارتىغا قارايدۇ، ئارزىگۈلنىڭ گەپلىرى خىيالغا يىتىدۇ. ئارزىگۈل بۇ مېنىڭ ئىسم كارتۇچكام ئىش بولسا تېلېفون قىلىڭ. ھاشىم كۈلىدۇ.

    90- مەيدان

    ئورنى: ئارزىگۈلنىڭ ئىشخانىسى           ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ئارزىگۈل، كاتىپ، جىنايەتچى ئەر، كۆزەتچى ساقچى.

    ئارزىگۈل: ھازىر سوراق باشلايمەن، ھەرقانداق تېلېفون كەلسە ئالمايمەن دەپ يانفۇنىنى ئېتىدۇ. كاتىپ بولىدۇ دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ئارزىگۈل: ئىسمىڭ نېمە دەيدۇ دەپتىرىنى ۋاراقلاپ.

    ئەر: ئەركىن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: سەن ئۆلگىچى بىلەن قانداق مۇناسۋەتتە.

    ئەر: بۇرۇنقى لايىقىم.

    91- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۈيى                ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم

    ھاشىم تېلېفون قىلىدۇ. يانفۇنىغا ئۇرۇپ ئالالمايدۇ. ئىشخانە نۇمۇرىغا ئۇرىدۇ.

    ھاشىم: ياخشىمۇ سىز ئارزىگۈلمۇ دەيدۇ؟

    كاتىپ: ھازىر سوراقخانىدا.

    ھاشىم ئاڭقىرالماي:سوراقخانىدا نېمە ئىش قىلىدۇ.

    كاتىپ: جىنايەتچىنى سوراق قىلىدۇ.

    ھاشىم تامىقىنى بىر يۇتۇپ ھە بىلدىم بۇلىدۇ كېيىن ئۇراي دەپ تېلفۇننى قويىدۇ. ئۆز – ئۆزىگە ساقچىكەندە دەيدۇ.

    92- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنڭ مەھەللىسى             ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: ئارزىگۈل فورما كىيۋالغان، قەيسەر، باتۇر.

    باتۇر بىلەن قەيسەر بىللە كېلىدۇ.

    قەيسەر: دادام يەنە يېڭى ئاپاش ئەكەلگەنمىدۇ دەيدۇ باتۇرغا قاراپ.

    باتۇر: ساڭا قىزىق تۇيۇلۋاتامدۇ.

    قەيسەر: ھازىرغىچە بىزگە 4،5،6،8،9،11، ئەمدى كەلسە 12- ئاپاش كېلىدىكەن. ئارزىگۈل كېلىدۇ.

    ئارزىگۈل: مەكتەپتىن كەلدىڭلارمۇ، ئىككىسى شۇنداق دەپ تەڭ جاۋاپ بېرىدۇ.

    قەيسەر: ئارزىگۈل ئاپا سىز ساقچىمۇ.

    ئارزىگۈل: شۇنداق دەيدۇ كۈلۈپ.

    قەيسەر: ئوغۇرلارنى تۇتامسىلەر.

    ئارزىگۈل: ھەئە دەيدۇ.

    باتۇر: جىنايەتچىلەر كۆپمۇ.

    ئارزىگۈل: ھەئە شۇنداق.

    93- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۈيى           ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: قەيسەر، باتۇر، ھەبىبە

    قەيسەر بىلەن باتۇر كېلىدۇ. ھەبىبە غەلىتە كۈلۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىدۇ. قەيسەر بىلەن باتۇر ھۇجرىسغا كىرىپ كېتىدۇ.

    بالىلارنىڭ ھوجرىسى

    باتۇر قەيسەرگە بىرنىمە دىمەكچى بولىدۇيۇ ھېچنىمە دىمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ.

    مېھمانخانا ئۆي.

    كەچقۇرۇن. ھەممەيلەن تېلىۋىزور كۆرىدۇ. باتۇر ھۇجرىسىدىن چىقىپ كىلىپ ئولتۇرىدۇ. ھاشىم تېلىۋىزورغا قىزىپ كەتكەن ئىدى.

    باتۇر: دادا مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقايمۇ ياكى ھەربىيلىككە بارايمۇ.

    قەيسەر: ھەربىي بول مىلتىقىڭ بار بولىدۇ.

    ھاشىم: ئۆزەڭنىڭ ئىختىيارى بالام قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ، دەيدۇ تېلىۋىزورنى كۆرىۋېرىدۇ. دادىسىنىڭ غەمسىزلىكىدىن باتۇرنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ھوجرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئۆي ئىچىدە پەقەت تېلىۋىزورنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.

    بالىلار ھۇجرىسى

    باتۇر ئالدىدىكى كىتابلارنى قالايمىقان ۋاراقلايدۇ.

    داۋامى بار

    [siddiq تەستىقلىدى . 2010-11-1 8:08:23]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.