ئۆگەي ئاپا سىنارىيە 1

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-11 17:13:01

ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى كىرىش سۆزھازىرقى جەمئىيتىمىزدە بىز ئادەملەرنى سىلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى، گۈزەل ئەخلاقىنى، ناچارلىقىنى، ئەدەپسىزلىكلىكىنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ ھېس قىلالايمىز....




    ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى


    كىرىش سۆز

     

    ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە بىز ئادەملەرنى سىلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى، گۈزەل ئەخلاقىنى، ناچارلىقىنى، ئەدەپسىزلىكلىكىنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ ھېس قىلالايمىز. 

    ئۆگەي دىگەن بۇ سۆز ئەلمىساقتىن تارتىپلا بار. بىراق دەۋىر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ خاراكتېرىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. مەسىلەن ئىلگىرى كۆپ ھاللاردا چوڭلار بالىلارنى خارلايدىغان، ئۆگەيلەيدىغان ئىدى. لېكىن ھازىر بالىلارمۇ چوڭلارنى ئۆگەيلەيدىغان مۇشۇنداق ھادىسىلەرمۇ بار بولدى.

    مەن ئالدىنقى تۈردىكى چوڭلار بالىلارنى ئۆگەيلەيدىغان قىسسىنى يازدىم، ئەسەردىكى «گۆھەر»نىڭ خاراكتېرىدىكى ئەسەردە ئىپادىلىمىگەن قىسمىنى مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويدۇم، «گۆھەر»نىڭ بۇ ئۆيگە كىلىشىدىكى مەقسەتنىڭ پەقەت پۇلنى كۆزلەپلا كەلگەنلىكى كۆرۋالالايسىز، ئۇنداق يەرلەرنى كىتاپخان ۋە ئوقۇرمەن، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇردۇم .

    «گۈلنار» بولسا «گۆھەر»نىڭ ئەكسى، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى تارتقانلىقىنى، ئۇنىڭ پاك، ئاق كۆڭۈل ئىدىيىسىنى ئالاھىدە توختالمىدىم ھەم بۇنى مەن ئۇنداق تەكىتلەپ يېزىپمۇ كەتمىدىم. ئۆگەي ئانىنىڭمۇ ھەممىسى ئەسكى ئەمەس. ھەر بىر ئوقۇرمەن بۇنى سىلىشتۇرۇرۇپ  ھېس قىلالايدۇ.

    ئەسەردە تەكىتلىمەكچى بولغان ئىدىيە  ئەخلاقلىق بىلەن  ئەخلاقسىزلىقنى، ياخشى بىلەن ياماننى، ئىرادىلىك بىلەن ئىرادىسىزلىكنى سىلىشتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.

    مېنىڭ ئەسىرىمىنى غىزغىنلىق بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت، ھەممىڭلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى، يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

     

     

    ئۆگەي ئاپا

    سىنارىيە 

    گۈلجەننەت مۇھەممەت

    پىرسۇناژلار

    ئىسمايىل :- 40ياشلار چامىسىدىكى كادىر .

    گۆھەر:- 35-ياشلار چامىسىدا، كېلىشكەن چىرايلىق ئايال

    سەنەم :- 14ياش –28-ياش چىرايلىق قىز .

    رۇستەم :-9ياش – 23ياش  ئاقسېرىق كەلگەن بالا.

    مۇختەر :- 8ياش -22ياش ،بوي بەستى ئورۇق، ئىگىزرەك

    گۈلنار :- 38-ياش چامىسىدىكى ئايال

    سابىر :- 26ياش  شوپۇر

    گۈلسۈمئاي؛- 16ياش   

    دىلبەر :- 39ياش چامىسىدىكى ئايال

    دىلنۇر :- 17-ياش.

    گۈلشەن ؛- 18ياش

    رازىخان ، قاسىم، خوشنىلار. گۈلشەننىڭ دادىسى .

     

     

     

    1-               مەيدان

    ئورنى ؛- بىنانىڭ كارىدورى     ۋاقتى :- ئەتىگەن

    پىرسۇناژلار :- گۆھەر، سەنەم، رۇستەم،  گۈلسۈمئاي، سابىر

    گۆھەر:- ماڭ يۇقىلىش، چىقىش شۇملار دەپ سەنەم بىلەن رۇستەمنى ئىتتىرىپ چىقىرىدۇ. ئىشىكنى كۈچەپ يېپىپ كىرىپ كېتىدۇ .(مۇزىكىلىق كۆرىنىش )

    گۈلسۈمئاي بىلەن سابىر ئۈستىنىكى قەۋەتتىن چۈشىدۇ .

    گۈلسۈمئاي :- ئاكا مەن بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ساقلاپ تۇرغىن دەيدۇ .

    سابىر :- قارا سىنى تېزراق بولغىن دەيدۇ.

    گۈلسۈمئاي كىرىپ كېتىدۇ .

    سابىر ؛-سەنەم، مەكتەپكە ماڭدىڭلارمۇ ؟ دەپ سورايدۇ .

    سەنەم :- شۇنداق سابىر ئاكا  دەيدۇ دە سومكىلىرنى قېقىشتۇرغاچ تېزدىن چۈشىدۇ.

    سابىر:- بىزنىڭ ماشىنىغا چىقىۋېلىڭلار، مەن ئاپىرىپ قوياي .

    سەنەم :- رەھمەت سابىر ئاكا، مەن رۇستەمگە دەپتەر ئىلىپ بەرمەكچى ئىدىم، بىز ئاۋۋال كەتتۇق ھە دەيدۇ دە-چىقىپ كېتىدۇ.

    سابىر :- قاراپ مېڭىڭلار ئەمىسە دەيدۇ .

    2-               مەيدان

    ئورنى :- ماشىنا ئىچى      ۋاقتى :- ئەتىگەن

    پىرسۇناژلار :- گۈلسۈمئاي. سابىر

    گۈلسۈمئاي :- ئاكا، مېنىڭ سەنەملەرگە بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلارغا بەكمۇ ھېسداشلىق قىلىمەن.

    سابىر:- مەنمۇ شۇنداق، يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا بارسا بېشى تاشقا تىگىپتۇ دىگەن شۇ دە، كۈنلەر تېخى ئۇزۇن دەيدۇ ئالدىغا قاراپ ماشىنسىنى ھەيدەيدۇ .

    گۈلسۈمئاي :- ئاپامنىڭ تەن سالامەتلىكى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىپ بارىدۇ . بەكمۇ ئەنسىرەيمەن دەيدۇ .

    گۈلسۈمئاي سابىرغا قاراپ قويىدۇ .

    ئىككىسى بىردەم جىم بولۇپ قالىدۇ ( مۇزىكا )

    3-               مەيدان

    ئورنى :- گۈلسۈملەرنىڭ ئۆيى   ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- رازىخان ( كىسەل چىرا ي )   دىلبەر

    تىلفۇن سايرايدۇ .

    رازىخان كىلىپ تېلېفوننى ئاستا ئالىدۇ . (تېلېفوندا پاراڭلىشىشى  بىر كۆرىنىشتە ئېلىنىدۇ )

    دىلبەر :- ئاچا ياخشى تۇردىڭمۇ  دەيدۇ .

    رازىخان :- ھە دىلبەرمۇ، سەنمۇ ياخشى تۇردىڭمۇ؟ ئۇ يېڭى ئۆيگە كۈنۈپ قالدىڭمۇ ؟

    دىلبەر :- شۇنداق ئويلىغىنىمدىن ياخشى. قىزى گۈلشەن سەل يات كۆرىدۇ. باشقا ئىشلار ياخشى. ھە راست ئاچا دوختۇر نېمە دەيدۇ ؟

    رازىخان :- يەنە نېمە دەيتتى، ياخشى ئەمەس، كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىپ بارىدۇ دەيدۇ .

    دىلبە ر:- مەن سەندىن بەكمۇ ئەنسىرەپ قالدىم .

    رازىخان :- بولدى سەنمۇ كۆپ ئويلاپ كەتمە، ئۆزۈڭگە دىققەت قىل، ئۆزىڭنىڭ تۇرمۇشىمۇ يامان ئەمەس ئىدى، ئىشەكنىڭ دۈمبىسى قىچىشسا تۈگمەنگە بېرىپتۇ دېگەندەكلا ئىش قىلدىڭ، بوپتۇ، بۇمۇ تەقدىر پىشانەڭ، بالا ھامان بالا، تېخى كىچىك، كېيىنچە سېنىمۇ چۈشىنىپ قالىدۇ.

    دىلنە ر:- بىلدىم ، سەنمۇ ئۆزىڭنى ئاسرىغىن، گۈلسۈملەر مەكتەپكە كەتتىمۇ ؟

    رازىخان : - شۇنداق، مەن بولۇپمۇ شۇ گۈلسۈمئايدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن، كېيىن مەن يوق جاپا تارتىپ قالارمۇ ھە؟ دەيدۇ  كۆز يېشى قىلىپ .

    4-               مەيدان

    ئورنى :- گۈلشەننىڭ ئۆيى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- دىلبەر     گۈلشەن

    دىلبەر ئىشىكنى ئاچىدۇ .

    گۈلشەن :- ئوھوش، ئەجەپ ئۆچ بولدۇم  دەپ سىلكىشلەپ ئتتىك ماڭىدۇ.

    دىلبەر ؛- بۈگۈن  بالدۇرلا يېنىپ كەپسىزغۇ ؟

    گۈلشەن گەپ قىلماي ھوجۇرىسىنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق كۈچەپ يېپىپ كىرىپ كېتىدۇ، گۈلشەن جايىدا توختاپ قالىدۇ. تېنى شۈركىنىپ كېتىدۇ. كۆزىنى چىڭ يۇمىۋالىدۇ .

    ئۆي ئىچى جىجىت بولۇپ كېتىدۇ .

    5-               مەيدان

    ئورنى:- سەنەملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :- چۈشتىن كېيىن

    پىرسۇناژلار :- رۇستەم ، سەنەم،  مۇختەر  ، گۆھەر

    مۇختەر كىرىسلودا كېرىلىپ ئېغىناپ ياتىقاچ پېچىنە يەپ، تېلېۋىزوردىكى كارتون فىلىمىنى كۆرىدۇ. رۇستەم شېرەگە تايىنىپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ .

    سەنەم ياندىكى كرىسلودا ئولتۇرىدۇ .

    گۆھەر:- جېنىم ئوغلۇم، بۈگۈن مۇ ئەللىمىڭ بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم، ئىمتىھان نەتىجىسى چىقىپتۇ دەيدىغۇ دەپ مۇختەرنىڭ بېشىنى سىلاپ.

    مۇختەر:- ۋاي ۋۇي ئاپا مۋنى قونچاقنى كۆرگىلى قويامسەن ؟دەيدۇ ئەركىلەپ قوپال تىگىپ.

    گۆھەر:- قانچىنچى بولدۇڭ، شۇنىلا كۆرۈپ باقاي

    مۇختەر :- ئاچا سومكامنى ئېلېۋىتە دەيدۇ جايىدا يېتىپلا .

    سەنەم گەپ قىلماي سومكىسىنى ئېلىپ بېرىدۇ .

    مۇختەر ئولتۇرىدۇ، خوشياقمىغاندەك، سومكىسىنى ئاختۇرۇپ نەتىجە دەپتىرىنى ئالىدۇ. گۆھەر ئېلىپ كۆرىدۇ .

    گۆھەر:- ۋاي جېنىم بالام، ئالتۇن بالام، 11- بولدۇڭمۇ ئوماق قوزام دەپ سۆيۈپلا كېتىدۇ.

    سەنەم رۇستەمگە قاراپ قويىدۇ. گۆھەر رۇستەمگە قاپىقىنى تۈرۈپ قارايدۇ.

    گۆھەر:- ھەي دۆت، سەن قانچىنچى بولدۇڭ  دەيدۇ .

    رۇستەم گەپ قىلماي نەتىجە دەپتىرىنى ئېلىپ كۆرسىتىدۇ. گۆھەر كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ .

    گۆھەر:- سەن بىرىنچى بولدۇڭمۇ تېخى، قايسى مۇئەللىم ئۇ،  سېنى بىرىنچى قىلىپ قويغان، سەن دۆت بىرىنچى بولالامسەن دەپ نەتىجە دەپتىرىنى تاشلاپ بېرىدۇ .

    مۇختەر :- ئاپا  رۇستەمگە بىزنىڭ مۇئەللىم بەك ئامراق  دەيدۇ .

    سەنەم نېمە قىلارنى بىلمەي ئولتۇرۇپ كېتىدۇ .

    گۆھەر:- يۈر ئوغلۇم، سېنى بۈگۈن ئوينىتىپ كىلەي. ياخشى نەتىجە ئالغىنىڭنى تەبرىكلەپ كىلەيلى دەيدۇ دە مېڭىشقا تەييارلىنىدۇ .

    مۇختەر- ھېلىقى يەرگە بارامدۇق ئالدىنقى قېتىم تويغىدەك يېيەلمىگەن ئىدىم،

    گۆھەر:- بۈگۈن راسا يەۋال، بالام، نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىپ بېرىمەن دەپ چىقىپ كېتىدۇ .

    سەنەم جىم ئولتۇرۇپ قالغان رۇستەمگە قارايدۇ .

    ئاندىن يانچۇقىدىن ئاختۇرۇپ، تۆت كويغا يېقىن پارچە پۇللارنى چىقىرىپ رۇستەمگە بېرىدۇ .

    سەنەم:- بىرىنچى بولغىنىڭنى تەبرىكلەيمەن، بۇنى ئال، ياخشى كۆرگەن نەرسەڭنى ئالغىن، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىن.

    تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگىن  دەيدۇ .

    6-               مەيدان

    ئورنى :- جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيى       ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- گۈلسۈمئاي  قاسىم، سابىر، دوختۇر، رازىخان

    دوختۇر :- بىزدە ئامال قالمىدى. بىزمۇ كۆپ تىرىشتۇق دەپ چىقىپ كېتىدۇ. رازىخان كارۋاتتا ھوشسىز ياتىدۇ.

    گۈلسۈمئاي :- دادا، قانداق قىلىمىز دەپ قاسىمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    سابىر سۈكۈت ئىچىدە غەمكىن بولۇپ قالىدۇ، كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ .

    7-               مەيدان .

    ئورنى :- دۇكان ،  ۋاقتى ؛- چۈشتىن كىيىن 

    پىرسۇناژلار :- رۇستەم ، دۇكاندار

    رۇستەم دۇكان ئىچىدىكى نەرسىلەرگە قارايدۇ. بىر خىل كەمپۈتنى ئالماقچى بولىدۇ.

    رۇستەم :- بۇ قانچە پۇل ؟ بىرنى ئالاي دەيدۇ .

    دۇكاندار :- ئىككى يېرىم كوي دەيدۇ. رۇستەم قولىدىكى پۇلنى سانايدۇ. ئىچىدە:- كىم بىزگە پۇل بېرىدۇ. بۇنى يېمىگەنگە نېمە بولىدۇ، يېمەيمەن، يېمەيمەن، يېمەيمەن دەپ كەينىگە ئۆرىلىپ چىقىپ كېتىدۇ .

    دۇكاندار  قاراپ ھەيران قالىدۇ:- بۇ بالىنىزە  دەيدۇ بوش ئاۋازدا .

    8-               مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ھوجۇرىسى   ۋاقتى :- چۈشتىن كېيىن

    پىرسۇناژلار :-سەنەم . رۇستەم

    سەنەم :-قارا، بۇ يەردىكى مىسالنى مۇنداق ئىشلەيمىز. باشتىكى فورمىلاغا چۈشۈرسەڭلا بولىدۇ، ئاندىن توغرا بولىدۇ دەپ دەپتەرگە يازىدۇ .

    رۇستەم:- ئاچا دادام قاچان كىلەر ھە، بەكمۇ سېغىندىم .ھازىر دادام نېمە قىلىۋاتقاندۇ ھە.؟

    سەنەم :- شۇنى دېگىنا، مەنمۇ بەكلا دادامنى كۆرگۈم كەلدى. ھازىر دادام نېمە قىلىۋاتقاندۇ ھە دەيدۇ ئويلىنىپ.

    9-               مەيدان

    ئورنى :- ئىشخانا ئىچى    ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- ئىسمايىل .

    ئىسمايىل ئالدىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بولۇپ تۇرۇشى تېلېفون كىلىدۇ .

    ئىسمايىل :- ھە، بىلدىم، سىلەر قايتىڭلار، مەن ئازىراق ئىشىمنى تۈگىتىپ ئىشتىن چۈشىمەن، ھە كاتىپ قىزمۇ ئىشتىن چۈشتى. بىلدىم، ئۇ ئىشنى ھاۋالە قىلىپ قويدۇم. خاتىرجەم بولۇڭ دەپ  تېلېفوننى قويىدۇ، سۇدىن بىر ئىستاكان قويۇپ كىلىپ ئورنىدا ئولتۇرىدۇ .

    تېلېفون ئۇرىدۇ. (تېلېفوندىكى پاراڭلىشىش بىر كۆرىنىشتە ئېلىنىدۇ ).

    ئىسمايىل :- ھە تېچلىقمۇ ؟

    گۆھەر:- ھە  ھە،  ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟ تېچلىقمۇ ؟دەيدۇ تەمتىرەپ  دۇدۇقلاپ.

    ئىسمايىل :- ھە، تېچلىق، بالىلارچۇ ؟ مەكتەپتە ياخشى  ئوقۇۋاتامدۇ ؟

    گۆھەر:-بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى  چىقىپ بولدى رۇستەم ئون بىرىنچى  بولۇپتۇ، مۇختەر بىرنچى بولۇپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنى ئوينىتىپ كەلدىم.

    ئىسمايىل :- شۇنداقمۇ، بۇ قېتىم بارغاندا مۇختەرگە ياخشى نەرسە ئالغاچ بارىمەن، رۇستەم ياخشى ئوقىسۇن. ئۇنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولماپتۇ. بۇندىن كېيىن مۇنداق ئىش يۈز بەرمىسۇن . سەنەممۇ ياخشى تۇرۋاتامدۇ، قىزىمنى بەك سېغىندىم.

    گۆھەر:- قىزىممۇ ئوبدان، خاتىرجەم بولۇڭ، بىلدىم،بىلدىم  دەيدۇ يالغان ھىجاراپ كۆزىنى تەستە ئالايتىپ .

    ئىسمايىل:-قولۇمدىكى ئىشلار بىرەرقۇر تۈگىگەندە قايتىمەن، خوش ئەمىسە ، بالىلارغا مىنى تېلېفون قىلدى دەپ قويغىن دەيدۇ.

    گۆھەر:- بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ .

    10-          مەيدان

    ئورنى ؛- گۈلسۈملەرنىڭ ئۆيى      ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سابىر

    سابىر كارۋاتتا يېتىپ خىيال سۈرىدۇ. ئاستا ئۆرىلىپ تۇرىدۇ، ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىنى ئىچىپ ئائىلىۋىي سۈرەتنى كۆرىدۇ:-ئاپا  مانا ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم، ئۆيگە بىر ئاپاش كەلدى، بىزگە خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆزىمۇ مۇلايىم، كەمسۆز ئايال ئىكەن، لېكىن سىڭلىم گۈلسۈمئاينىڭ  سىزگە بولغان سېغىنىشى تۈپەيلى ئۇنىڭغا مۇئامىلىسىنى ياخشى قىلمىدى. تا ھازىرغا قەدەر  ئېچىلىپ بىر كۈلگىننى كۆرمىدىم ئاپا، ئۇنىڭغا قارىسام مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدىكەن، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم ئاپا  ئاپا  دەپ ئۈنسىز يىغلاپ كېتىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆگەي ئاپا سىنارىيە