ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا - 6

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-10 14:05:54

ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا - 6ئاپتورى گۈلجەننەت مۇھەممەت 78-مەيدان ئورنى:- يولدا ۋاقتى كۈندۈز پىرسۇناژلا ر؛- شىرزات شىرزات يولدا ھاڭۋىقىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ ماڭىدۇ، قۇرساقلىرى ئېچىپ ك...

    ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا - 6
    ئاپتورى گۈلجەننەت مۇھەممەت

     

    78- مەيدان

    ئورنى:- يولدا   ۋاقتى  كۈندۈز

    پىرسۇناژلا ر؛- شىرزات

    شىرزات يولدا  ھاڭۋىقىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ ماڭىدۇ، قۇرساقلىرى ئېچىپ كەتكەن. دەلدەڭلشىپ كىلىپ، بىر يەردە ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىدۇ:- مەن كەتسەم. دادام مېنى چوقۇم بوش قويىۋەتمەيدۇ. كەتمىسەم قۇرساق ئىچىپ كەتتى، قانداق قىلارمەن. زۇلخۇمار سەن ھازىر قەيەردىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىسەن؟-.سەن بولغان بولساڭمۇ ھە-؟ قۇرسۇقۇم ئەجەپ ئاشتى -.دەپ ئالدىدىكى ئاشخانىغا قارايدۇ.

    79- مەيدان

    ئورنى:- ئاشخانا  ئىچى،  ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- شىرزات، ناتۇنۇش قىز، ئاشخانا خوجايىنى

    شىرزات ئاشخانىغا كىرىدۇ.

    بىردەمدىلا بىر ناھايتى رەڭگارەڭ ياسىنۋالغان بىر قىز كىرىدۇ. شىرزاتنىڭ كەينى تەرەپتىكى ئورۇندا ئولتۇرىدۇ. شىرزات تاماق بۇيرىتىپ تاماقنى يەپ بولىدۇ.

    شىرزات:- خوجايىن، مېنىڭ پۇلۇم يوق، سەل تۇرۇپ بوۋام ئەكىلىپ  بەرسۇن بولامدۇ؟- دەيدۇ.

    ناتۇنۇش قىز گەپكە قۇلاق سېلىپ كۆزىنىڭ  قۇيرىقىدا  قاراپ قويىدۇ .

    خوجايىن:- ھەي ئۇكام، كېمەڭنى ئەخمەق قىلىسەن؟ ياق، پۇل بەر، پۇل بەرمىسەڭ مەن سېنى كەتكۈزمەيمەن......

    ناتۇنۇش قىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىدۇ.

    قىز:- بىراق ھېسابلاڭ، دەپ پۇلنى تەڭلەيدۇ.

    خوجايىن قىزغا قاراپ قويىدۇ دە پۇلنى ئالىدۇ.

    80- مەيدان

    ئورنى:- يول،   ۋاقتى كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- ناتۇنۇش قىز، شىرزات

    شىرزات قىزنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ يېتىشىۋالىدۇ.

    شىرزات:- دادام مېنى مەجبۇرى ھەربىيلىككە ئەۋەتكەن، ئۇ يەر بەك جاپالىق ئىكەن، شۇڭا قىچىپ كەلدىم، شۇڭا ھازىرچە داداملار بۇ ئىشلىرىمنى قۇبۇل قىلغىچە تۇردىغان يېرىم يوق دەيدۇ.

    قىز توختايدۇ.

    قىز:- نېمە ؟ مېنى تۇرىدىغا جاي تېپىپ بەر دىمەكچىمۇ؟ نېمانداق يۈزۈڭ قىلىن دەيدۇ.

    شىرزات:- مۇشۇ نەچچە كۈن...، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن سىزگە  ياردەم قىلىمەن. مېنىڭ بوۋامنىڭ پۇلى جىق، بۈگۈن قىلغىنىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمەن دەيدۇ.

    قىز شىرزات قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي ماڭىدۇ، شىرزاتمۇ كەينىدىن بىللە  ماڭىدۇ.

    81- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى   ۋاقتى:-كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، مىھراي، رازىخان موماي

    بوۋاي:- بۇ بالام نەدە يۈرۇيدىغاندۇ؟ مەرداندىن قورقۇپ كىلەلمەيۋاتىدۇ. ھەربىيلىككىمۇ مەجبۇى ئەۋەتىپ، شىرزات بالامنى قىيناپ نېمە قىلاتتى مانا ئەمدى بالىمۇ يوق  دەيدۇ سەل ئاچىقلىنىپ.

    رازىخان بىلەن مىھراي گەپ قىلمايدۇ، بىر- بىرگە قاراپ قويىدۇ.

    82-مەيدان

    ئورنى:-ناتۇنۇش قىزنىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلا ر:- قىز(مەرھابا )، شىرزات، لۈكچەك(مەۋلان ).

    ئۇلار كىلىدۇ. ئۆينىڭ ئىچى ناھايتى قالايمىقان ھاراق بوتولكىلىرى تىزىپلىپ كەتكەن، كۈلدانلار تۇشۇپ كەتكەن، مەۋلان:- بۇ كىم ؟ نېمە قىلغىلى كەلدى؟دەيدۇ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ.

    مەرھابا چاپىنىنى سالىدۇ. كىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    مەرھابا:- كىلە بۇ يەردە ئولتۇر دەيدۇ.

    شىرزات گەپ قىلماي كىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    مەرھابا:- ياتىدىغان يېرى يوقكەن، بۈگۈن بىر كۈنلۈك دەيدۇ تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرىدۇ. شىرزات ھەيران قالىدۇ.

    مەۋلان:- ئۆيىڭ نەدە ؟ ئاتا-ئاناڭ يوقمۇ؟

    شىرزات:- بار. دادام ساقچى باشلىقى، ئاپام بانكا خادىمى دەيدۇ.

    مەۋلان دەرھال شىرزاتقا بىر قۇر قارايدۇ. مەرھابامۇ شىرزاتقا، بىرخىل قاراپ قويىدۇ.

    مەۋلان:- نېمىشقا ئۆيىڭگە بارمايسەن ؟ دەيدۇ.

    83- مەيدان

    ئورنى:-زۇلخۇمارلارنىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- پاتەمخان  نۇراخۇن موماي

    بوۋاي چاي ئىچىپ ئولتۇرىدۇ.

    موماي:- قارىسىلا، زۇلخۇماردىن يەنە خەت كەپتۇ، بىراقلا ئىككى پارچە كەلدىمۇ نېمە دەپ قارايدۇ. بىر پارچە خەتنى ئىچىپ ئوقۇيدۇ. زۇلخۇمار تىلىدا بايان قىلىنىدۇ.

    زۇلخۇمار:- چوڭ دادا، چوڭ ئاپا، ياخشى تۇردۇڭلارمۇ، تەنلىرىڭلار سالامەتمۇ، مەندىن سورىساڭلار مەنمۇ ياخشى تۇردۇم، بۇ مەۋسۈمدىمۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىمەن، شۇڭا مەندىن ئەنسىرمەڭلار، بۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرىممۇ شۇنداق تىرىشچان، شۇنداق ياخشى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بىزگە بەك كۆيىنىدۇ. مەن سىلەرنى  بەكمۇ سېغىندىم مەن سىلەرنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇرىمەن، ھە راست، مەن سىلەرنى ئۆمۈرۋايەت باقىمەن، ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىمەن، ئاپامنىڭ يېنىغا كەتمەيمەن، سىلەر بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار. بولدى مەن ھازىر يەنە دەرسكە چىقىمەن، يەن خەت يازىمەن. ئۆزۈڭلارنى ئوبدان كۈتۈڭلار، بەك چارچاپ كەتمەڭلار....

    موماي يىغلاپ كېتىدۇ.

    موماي:- جىنىم بالام، ماۋۇ خەتىنى ئوقۇيلى دەپ قارايدۇ.

    موماي:- نېمە خەت بۇ، چاقىرىقكەن، سوتنىڭ چاقىرىقىكەنغۇ دەرھال گۈلشەننىڭ سۆزى يادىغا يېتىدۇ.

    گۈلشەن:- چىرايلىق گەپنى قوبۇل قىلمىدىڭلار، سىلەر ئۆزۇڭلار مىنى مەجبۇرلىدىڭلار دەيدۇ.

    موماي:- بىزنى ئەرز قىلىپتۇ. دادىسى، بۇ چاقرىقكەن، بالىنى ئېلىۋالىمەن دەپ سوتقا بېرىپتۇ. دەپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.

    نۇراخۇن بوۋاي:- ئۇ  پۇلۇم بار دەپ نوچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ھەر ئادەمنىڭ ئىنسابىنى بەرسۇن، ئىچىڭنى پۇشۇرما، باشقا كەلگەندە كۆرىمىز، شۇ ۋاقتى كەلسۇن دەيدۇ.

    84-مەيدان

    ئورنى:- مەرھابانىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- مەرھابا، شىرزات، مەۋلان

    مەۋلان:- مۇنداق دېگىن....، -سەن بىر تاللا ئەتىۋارلىق نەۋرە دەپ قوي....، -ئىسىل ئائىلىلەرنىڭ بەگزادىسى  دېگىنە.؟..بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرماقچى بولۇپ يەنە:- سەن چىكەمسەن دەيدۇ.

    شىرزات:- رەھمەت  دەپ ئالىدۇ دە چىكىدۇ.

    مەرھابا:- نېمىلا بولغىن پەقەت بۈگۈن بىر كۈنلا تۇرىسەن جۇمۇ ؟بىلدىڭمۇ؟- دەيدۇ.

    مەۋلان:- قانچىلىك تۇرساڭ تۇرغىن بىلدىڭمۇ دەيدۇ.

    مەرھابا:- بۇ نېمە دېگىنىڭ ؟

    مەۋلان:-.ساڭا كېيىن دەپ بېرەي، سەن تۇرىۋەر بىلدىڭمۇ، بۇ ئۆي بەك مالمان، لېكىن ھەممە نەرسە بار  دەيدۇ.

    مەرھابا ؛- سەن.- دەپ توختاپ قالىدۇ. تاماكىسىنى پۇقىرىتىپ تارتىدۇ.

    85- مەيدان

    ئورنى :-مىھراينىڭ ئۆيى  ۋاقتى:- كىچە

    پىرسۇناژلا ر:- مىھراي

    مىھراي ئۇخلىيالماي ئۇياق-بۇياققا ئۆرىلىدۇ.

    86- مەيدان

    ئورنى:- مەرھابا نىڭ ئۆيى، ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەرھابا، مەۋلان، شىرزات

    مەۋلان بىلەن مەرھابا  بىلە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ.

    مەۋلان:- نېمە ئۈچۈن بۇنى تۇرۇپ قال دېمەكچى بولغىنىمنى ساڭا دەپ بېرەي. گىپىدىن قارىسام يالغان ئېيتقاندەك ئەمەس، بۇنىڭدىن پايدىلنايلى. ئاكامنى تۈرمىدىن چىقىردىغانغا يولى بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ، قالغان ئامالىنى مەن قىلاي دەيدۇ.

    مەرھابا:- بۇ شۇمتەكنىڭ قولىدىن نېمە كىلىدۇ دەيسەن ؟

    مەۋلان:- پايدىسى تەگسە تەگدى، تەگمىسە، بالىلارغا قوشۇلۇپ كەتسۇن،- قانداق دېدىم دەيدۇ.

    مەرھابا سەل نىيىتنى بۇزغاندەك خىيال سۈرۈپ قالىدۇ.

    شىرزات ئويغىنىپ چىقىدۇ.

    مەۋلان:- ھە تۇردۇڭمۇ؟- ئۇيقۇڭمۇ ئېغىركەن جۇمۇ؟ چۈش بولدى. كىلە، ئولتۇرە. سەندىن بىر ئىشنى سوراي.

    شىرزات:- سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم مەن ھازىر كېتەي دەيدۇ.

    مەۋلان:- نەگە كېتىسەن؟- ھازىر بارساڭ داداڭ سېنى بوش قۇيىۋېتەرمۇ؟ -بولدى مۇشۇ يەردە تۇرغىن، بىز بار، داداڭنىڭ ئاچچىقى يانغاندا قايتساڭمۇ بولىدۇ.- قانداق دىدىم مەرھابا -. دەيدۇ.

    مەرھابا:- بولدى سەن تۇرۇپ قالغىن، لېكىن بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلايسەن بىلدىڭمۇ؟  بىزنىڭ قائىدىمىزگە خىلاپلىق قىلساڭ جازا بېرىمىز دەيدۇ.

    مەۋلان:- سەن داداڭ بىلەن كۆرىشەلەمسەن. نەچچە كۈندىن كېيىن؟...

    شىرزات:- ياق، دادام بىلەن كۆرشەلمەيمەن، بوۋام بىلەن كۆرىشەلەيمەن دەيدۇ.

    مەۋلان،:- چوڭ داداڭمۇ بىرەرە ئىشلارنى ھەل قىلالايدىغۇ دەيمەن -دەيدۇ.

    شىرزات:- شۇنداق دەيدۇ.

    مەۋلان:-  بىلدىم دەيدۇ.........

     

    87- مەيدان

    ئورنى:- مەيخانا    ۋاقتى:- كىچە

    پىرسۇناژلار:- شىرزات، مەرھابا، مەۋلان، يەنە بىر قانچە بالىلار، باشقىلار

    شىرزاتلار ئىچىپ چىكىپ  بىللە  ئويناپ كەيىپ قىلىدۇ.

    ئۇلار ناھايتى خوشال ئوينايدۇ.(قىيا-چىيا)

    بىرقانچە  قىزلار كىلىدۇ.

     بىر قىز:- ئاچا ئاۋۇ قىزنىڭ بۈگۈن تۇردىغا يېرى يوقكەن، قانداق قلىمىز ؟

    مەرھابا:- بولدى مەن بىلەن كەتسۇن قالغان ئىشنى ئەتە ئورۇنلاشتۇرايلى.دەيدۇ.

    شىرزات بۇ گەپلەرگە قۇلاق سالماي ئويۇننى ئويناۋېرىدۇ.

    88- مەيدان

    ئورنى:- تۇرمە، ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەرھابا، لايىقى

     ئوغۇل:- سىلەر ئۇ ناتۇنۇش بالىغا پۇلنى بېرىپ قويۇپ. ئۇمۇ يوق بۇمۇ يوق بولمىسۇن، ھەر ئىشتا پەخەس بولۇڭلار، -بىلدىڭلارمۇ؟

    مەرھابا:- بىز دىققەت قىلىمىز، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، بىلدىڭىزمۇ، مەن ئامال بار سىنى يېنىمغا قايتۇرۇپ كىلىمەن، -.دەيدۇ. كۆزىگە ياش ئىلىپ.

    89- مەيدان

    ئورنى:- مەرھابانىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- كۈندۈزى 

    پىرسۇناژلار:- مەرھابا، مەۋلان، باشقا لۈكھەك بالىلار

    بىر ى:- بىز ئۇنى تاپالمايۋاتىمىز، دەيدۇ.

    مەرھابا:- نېمىشقا تاپالمايسىلەر، مەن ئۇنىڭغا ئاز پۇل بەرمىدىم، ئەگەر تاپالمىساڭلار سىلەرنىمۇ بوش قويىۋەتمەيمەن  بىلدىڭلارمۇ ؟

    بىرى:- ئەمىسە ئۆيىگە بارايلىمۇ ؟

    مەرھابا:- ياق  ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس دەيدۇ.

    ئۇلار:- بىز ماڭدۇق ئەمىسە.- كېتىپ قالىدۇ.

    مەرھابا  جايىدا مىدىرلىماي تۇرۇپ خىيال سۈرىدۇ.

    90- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋايلارنىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلاار:-شىرزات، بوۋاي، رازىخان

    شىرزات ئۈستى بېشى قان دەلدەڭلشىپ ئۆيگە كىرىدۇ.

    بوۋاي:- ۋاي بالام نېمە بولدۇڭ، كىم بىلەن ئۇرۇشتۇڭ، نېمە ئۇرۇشقانسەن دەيدۇ.

    شىرزات:- ئۆتە، جىق گەپ قىلماي، ئانا بېشىمنى تىڭىپ قوي دەپ ئۆزىنى كىرىسلوغا تاشلايدۇ.(بوۋاي، ئۆزىگە ۋارقىرىغان شىرزاتقا قاراپ كۆڭلى يېرىم بولغاندەك، بېشىنى  ئاستا لىڭشىتىپ قويىدۇ. سېلكىنگەن قولىغا ئاستا قاراپ قويىدۇ.)

    رازىخان ھىچقانداق ئارتۇقگەپ قىلماي شىرزاتنىڭ يارىسىنى تازلاپ تاڭىدۇ.

    شىرزات:- ئاستىراق. ئاستىراق، ئاغىرىپ كەتتى دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.

     

    - داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.