شۆھرەتپەرەسلىك

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 00:42:00

ئىتالىيىلىك داڭلىق ھەيكەلتىراش مكېلانجېلو فلورېنسىيە شەھىرىگە بىر تاش ھەيكەل ياساپ بەرگەنىكەن. ئۇ ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ تاش ھەيكەلنى ئاخىر ياساپ پۈتتۈرۈپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پۈت...

        ئىتالىيىلىك داڭلىق ھەيكەلتىراش مكېلانجېلو فلورېنسىيە شەھىرىگە بىر تاش ھەيكەل ياساپ بەرگەنىكەن. ئۇ ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ تاش ھەيكەلنى ئاخىر ياساپ پۈتتۈرۈپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەجىر - مېھنىتى سىڭگەن بۇ ئەسىرىگە قاراپ، ئۆز - ئۆزىدىن چەكسىز پەخىرلىنىپتۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى غەيرىي رەسمىي كۆرگەزمە قىلىنغاندا، فلورېنسىيە شەھەر ئاھالىسى مىكىلانجىلونىڭ ئىجادىيەت ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ.
        ئەڭ ئاخىردا، فلورېنسىيە شەھىرىنىڭ باشلىقىمۇ ھەيكەلنى كۆرگىلى كەپتۇ. ئۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن ھەيكەلگە كۆز يۈگۈرتكەندىن : ھەيكەلتىراش بۇ يەردە بارمۇ؟ ــــ دەپ سوراپتۇ. مىكېلانجېلو كەلگەندىن كېيىن، شەھەر باشلىقى: تاشچى ئۇستام، مېنىڭچە بۇ تاش ھەيكەلنىڭ بۇنى پاناق ياسىلىپ قېلىپ، ھەيكەلنىڭ بىر پۈتۈن سەنئەت تۈسىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ قويۇپتۇ، ـــ دەپتۇ.
        بۇگەپنى ئاڭلىغان مىكېلانجېلو: ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقى، مەن تەلىپىڭىز بويىچە تاش ھەيكەلنىڭ قاڭشىرىنى ئېگىز لىتىپ قوياي، ـــ دەپتۇ جاۋابەن.
        ئۇ ھەيكەلنىڭ بۇرنىغا ئازراق تالك پاراشوكى سۈرتۈپ قويغاندىن كېيىن ، شەھەر باشلىقىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقى، مەن سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە ھەيكەلنىڭ قاڭشىرىنى ئېگىزلىتىپ قويدۇم، كۆرۈپ باقامسىز؟ ـــ دەپتۇ.
        شەھەر باشلىقى ھەيكەلگە قاراپ بېقىپ بېشىنى لىڭشىتقىنىچە: تاشچى ئۇستام، ئەمدى خېلى ياخشى بوپتۇ، مۇكەممەل سەنئەت دېگەن مانا مۇشۇنداق بولمامدۇ، ـــ دەپتۇ.
        شەھەر باشلىقى كەتكەندىن كېيىن، مىكېلانجېلونىڭ ياردەمچىسى ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ: سىز پەقەت ھەيكەلنىڭ بۇرنىغا ئۈچ سىقىم تالك پاراشوكىنى سۈرتۈپلا قويدىڭىز، ھەيكەلنىڭ بۇرنى ئازراقمۇ ئېگىزلىمىگەنىدىغۇ؟ ئەمما، شەھەر باشلىقىنىڭ نەزىرىدە ئېگىزلىدى، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ مىكېلانجېلو.
        ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ تاش ھەيكەل ھېلىھەم فلورېنسىيە شەھىرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ، بۇ ھەيكەلنىڭ تارىخىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يەنە مۇنداق بىر ماقال تەمسىلنىمۇ بىلىدىكەن:« ئېسىلزادە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى ـــ تاش ھەيكەلنىڭ بۇرنىدىكى ئۈچ سىقىم تالك پارشوكى.»

    -----------تەرمىلەر جورنىلىدىن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق