ئۆگەي ئاپا- سىنارىيە 3

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-15 01:19:05

ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى ئۆگەي ئاپا 32-مەيدان ئورنى:-گۈلشەنلەرنى ھوجرىسى ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن پىرسۇناژلار:-گۈلشەن گۈلشەن ھوجۇرىسىغا كىرىپ ئوتتۇرىغا تاشلانغان كىيىملەرنى كۆرۈپ ئاچچىقىنى باسالماي د...

     

     

    ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى

    ئۆگەي ئاپا

     

    32-مەيدان

    ئورنى:-گۈلشەنلەرنى ھوجرىسى    ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-گۈلشەن

    گۈلشەن ھوجۇرىسىغا كىرىپ ئوتتۇرىغا تاشلانغان كىيىملەرنى كۆرۈپ ئاچچىقىنى باسالماي دەرھال كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كىتىدۇ.

    33-مەيدان

    ئورنى:-دىلبەرنىڭ ھوجۇرىسى    ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-گۈلشەن

    دىلبەرنىڭ كىيىم ئىشكابىنى ئىچىپ بارلىق كىيىملەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ، دەسسەپ مالمان  قىلىپ چىقىپ كىتىدۇ.

    34- مەيدان

    ئورنى:-گۈلسۈملەرنىڭ  ئۆيى    ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-سابىر ، گۈلنار، گۈلسۈمئاي

    سابىر بىلەن گۈلنار بىللە تاماق يەيدۇ. گۈلسۈمئاي كىلىپلا ئۇدۇل ھوجۇرىسىغا كىرىپ كىتىدۇ.

    گۈلنار:-سىز تامىقىڭىزنى يەپ بولۇپ گۈلسۈمئايغا تاماقنى ئەكىرىپ بېرىڭ دەيدۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كىتىدۇ.

    سابىر:-ھە،  ماقول دەيدۇ.

    گۈلنار پولونى ئۈسۈپ سابىرنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىرىدۇ.

    سابىر پولونى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ.

    سابىر:-پولو ئەتتىڭىزمۇ؟ جاپا تارتىپسىز.

    گۈلنار:-پولوغا ئامراق ئەمەسمىدى دەيدۇ سەمىمى كۈلۈپ.

    34- مەيدان

    ئورنى:-گۈلشەنلەرنىڭ ئۆيى  ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-گۈلشەن

    گۈلشەن ئاچچىقىدا كارۋىتىدا ئولتۇرىدۇ. كىيىملىرىگە قاراپ ئالىيىدۇ.

    35- مەيدان

    ئورنى:-گۈلسۈمئاينىڭ  ھوجرىسى    ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-گۈلسۈمئاي   سابىر

    گۈلسۈم سومكىسىدىن بىر نەرسە ئىزدەيدۇ.

    ئىشىك چىكىلىدۇ. گۈلسۈم ئاپىسىنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرغان، ئىشىك يەنە چېكىلىدۇ.

    گۈلسۈمئاي:-ۋاي،  مەن تاماق يېمەيمەن دەيدۇ.

    سابىر كىرىدۇ.

    سابىر:-نېمە بولدى ساڭا  دەيدۇ پولونى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيىدۇ.

    گۈلسۈمئاي:-نىمە قىلغىلى كىردىڭ، دەيدۇ ئەركىلەپ ئالىيىپ، پولوغا  بىلىندۈرمەي قارىغاچ.

    سابىر:-تاماق يېمەمسەن، بولمىسا مەن يەۋالىمەن جۇمۇ، بەك ئوخشىغاندەك قىلىدۇ دەيدۇ كۈلۈپ.

    گۈلسۈمئاي:-سەن يە ئەمىسە.

    سابىر:- مەن لەغمەن يىدىم. گۈلنار ئاچام سىنى دەپ پولومۇ ئىتىپتۇ، مەنمۇ بىلمەپتىمەن. يېمىسەڭ بولماس، سەنمۇ تەتۈرلۈك قىلما، مۇشۇنچىلىك قىلىدۇ، بىلەمسەن؟ ھە؟

    گۈلسۈمئاي:- ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ دەيدۇ.

    سابىر:-نىمە ئىشەنمەيۋاتامسەن؟ سەنەملەرگە قاراپ باقە، ئۇلار ئاتا-ئانا خورلىقىنى كۆردىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتىڭ، ئاپىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ماڭغىلى بولمايدۇ، ئۆز ئاپىمىزغا ئوخشىتالمايمىز. لېكىن تەقدىرگە تەن بەرمەي ئامال يوق. ئامال قانچە؟ دەيدۇ بېشىنى سىلاپ.

    يەنە:- مەن چىقاي، تامىقىڭنى ئىسىىقىدا يەۋال دەپ چىقىپ كىتىدۇ. گۈلسۈمئاي پولونى ئاستا ئىلەشتۈرىدۇ.

    37-مەيدان

    ئورنى:- سىنىپ ئىچى      ۋاقتى:-كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:-سەنەم، باشقا ساۋاقداشلار

    سەنەمنىڭ پارتىدىشى:-سەنەم قولىڭىزغا نىمە بولدى دەيدۇ قولىنى كۆرسىتىپ.

    سەنەم:-ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ كەتتىم دەيدۇ.

    ئوغۇل ساۋاقداش:-يالغان. ئۇنىڭ ئاپىسى ئۇردى، ئاپىسى بەك ئەسكى.

    پارتىدىشى:-سەن قانداق بىلىسەن دەيدۇ كەينىگە قاراپ.

    ئوغۇل ساۋاقدىشى:-ئاپاملار دائىم ئۆيدە شۇنداق دىيىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆگەي دەيدۇ.

    سەنەم:-ياق ياق، ئۇنداق ئەمەس دەپ يىغلاپ چىقىپ كىتىدۇ.

    ساۋاقداشلار جىم بولۇپ قالىدۇ.

    38- مەيدان

    ئورنى:-گۈلسۈملەرنىڭ  ئۆيى    ۋاقتى:-كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:-گۈلنار

    گۈلنار كىر يۇيىدۇ. قۇرۇتۇپ كىرىپ دەزماللايدۇ، گۈلسۈمئاينىڭ ئىككى جۈپ پايپىقىنىمۇ دەزماللايدۇ. ئاندىن بارلىق كىيىملەرنى رەتلىك قىلىپ ئىشكاپقا سىلىپ قۇيىدۇ.

    39- مەيدان

    ئورنى:-سەنەملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-سەنەم، رۇستەم

    ئۇلار مەكتەپتىن كىلىدۇ. رۇستەم سومكىسىنى تاشلاپ قويۇپلا چىقىپ كىتىدۇ. سەنەم سومكىلارنى بىر چەتكە ئالماقچى بولۇپ سومكىنى ئالغىنىدا رۇستەمنى سومكىسىدىكى ماتېرىياللار تۈكىلىپ كېتىدۇ.

    سەنەم چىرايلىق بىر خاتىرىنى كۆرىدۇ، قولىغا ئىلىپ خالىغان بىر بەتنى ئىچىپ ئوقۇپ باقىدۇ.

    رۇستەمنىڭ ئاۋازى بىلەن  ئوقىلىدۇ. « مەن ئاپامنى ئىنىق بىلمەيمەن، پەقەت سۈرەتتىنلا مۇشۇ ئاپامكەن دەپ بىلمەن ئۆز ئانا مىھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيمەن. ھازىرقى ئاپامنى باشقىلارغا قەتئىي ئەسكى دىگۈم كەلمەيدۇ، لېكىن بىزگە بىرەر قىتىم ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسىدى، نەقەدەر ياخشى بولۇپ كەتكەن بولاتتى ھە؟ بىز ئۇنىڭدىن نەقەدەر سۈيۈنگەن بولاتتۇق، ئاشۇ ئاچامنىڭ غەمكىن كۆزىگە قارىغىنىمدا كاللامغا ھەرخىل خىياللار كىرىپ قالىدۇ، قاچانمۇ چوڭ ئادەم بولارمەن. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا......مەن چوقۇم ياراملىق ئادەم بولىمەن.»

    سەنەمنىڭ كۆزىدىن ياش سېرغىپ چۈشىدۇ. رۇستەمنىڭ كىرگەن تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالىدۇ دە دەرھال يىغىتۈرۋىتىدۇ، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرۋالىدۇ.

    رۇستەم:-ئاچا ئاچا، مەن گىزىت ئوقۇپ بېرەي ھە؟

    سەنەم كۈلۈپ  قويۇپ ئىشىنى قىلغاچ:-ئوقۇپ بەرگىن دەيدۇ.

    جۇمۇلاڭغا چوققىسى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالدى.

    1950-يىلى4-ئايدىن باشلاپ 2004-يىلى9-ئايغىچە جۇمۇلاڭغا چوققىسىغا70دۆلەتتىن 20 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەركەتچى چىقتى. مۇشۇ تۈپەيلى، جۇمۇلاڭغا چوققىسى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالغىلى تاسلا قالدى.

    40-مەيدان

    ئورنى:- گۈلشەنلەرنىڭ ھوجرىسى     ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-گۈلشەن، دىلنۇر، دىلبەر

    گۈلشەن مۇزاكىرە قىلىپ بولۇپ سىرتقا چىقىشقا تەمشىلىدۇ.

    كىيىم ئىشكابىنى ئاختۇرىدۇ. بىر قۇر كىيىمىنى ئالىدۇ. مەينەت، يەنە بىرنى ئالىدۇ، ئۇمۇ مەينەت دەرھال غەزەپلىنىپ سىرتقا مېڭىشى بىلەن، دىلنۇر قولىدا بىر قانچە قۇر كىيمنى ئىلىپ كىرىدۇ.

    دىلنۇر:-ئالە، سېنىڭ كىيىملىرىڭ خېلى چىرايلىقكەن، كىيىپ تۇرغان ئىدىم، دەپ كارۋاتنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇپلا كەينىگە ئۆرىلىپ ماڭىدۇ.

    گۈلشەن:-سەن نېمە دەپ مېنىڭ كىيمىمنى كىيىسەن دەپ دىلنۇرنىڭ مۇرىسىدىن ئىتىتىرىدۇ.

    دىلنۇر:-كىمگە قول تەككۈزگىنىڭنى بىلمەي قالدىڭمۇ قانداق، كىيمىڭنى كىيىپ تۇرغانغا نېمە بولىدۇ؟ ھە؟! توختا مەن بىر ئامال كۆرسىتپ بېرەي، مۇنداق قىلساق ئەڭ ياخشى دەپ ئۈستەل ئۈستىدىكى سىياھنى ئىلىپ كارۋاتتىكى كىيىملەرگە چىچىۋىتىدۇ.

    گۈلشەن:- نىمە  قىلىۋاتىسەن، نىمە قىلۋاتىسەن دەپ ئىككىسى چىلىشپ كىتىدۇ.

    دىلبەر ئالمان تالمان يۈگۈرۈپ كىرىدۇ.

    دىلبەر:-نىمە بولدى، بۇ ئىككىسىنى قانداق قىلاي، بولدى قىلىڭلار دەپ ئاجىرىتىدۇ.

    گۈلشەن يىغلايدۇ.

    دىلنۇر:- سەندەك ھالى چوڭ مەلىكىلەرنى مەن ئوبدان بىلىمەن،  ماڭا خاتا ۋارقىراپ سالدىڭىز، مەن سىزنىڭ قانداقتۇر  نايناق ئاچىلىرىڭىز ئەمەس.

    دىلبەر:-ئاغزىڭنى يۇم،  نېمە قىلدىڭ، كىم قىلدى؟

    دىلنۇر:-مەن دەيدۇ. دىلبەر كىلىشتۈرۈپ دىلنۇرنى بىر كاچات سالىدۇ.

    دىلنۇر :- ئاپا  سەن؟

    دىلنۇر ئۆرىلىپ گۈلشەننى بىر كاچات سىلىپ يۈزىنى تۇتقان پىتى چىقىپ كىتىدۇ.

    گۈلشەن يۈزىنى تۇتۇپ يىغلاپ  ئولتۇرۇپلا قالىدۇ.

    دىلبەر:-بۇلارنى مەن يۇيۇپ بېرەي دەپ يىغىششتۇرۇپ ئالىدۇ.

    گۈلشەن كىيىملەرنى تارتىپ ئېلىۋالىدۇ.

    گۈلشەن:-سىزمۇ چىقىپ كېتىڭ سىلەرنى كۆرە كۆزۈم يوق.

    دىلبەر ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كىتىدۇ، ( مۇزىكا)

    41-مەيدان

    ئورنى:-سەنەملەرنىڭ ئۆيى   ۋاقتى:-كەچ

    پىرسۇناژلار:-رۇستەم ،سەنەم، مۇختەر

    سەنەم:-پۇلىمىز خېلى جىق بولۇپ قالدى، ئەتە ئاياق ئالايلى ھە؟دەيدۇ.

    رۇستەم:-بەك قىممەت ئاياق ئالمايلى، دادام كەلگەندە ياخشىراقنى ئالايلى دەيدۇ.

    ياندىكى ئۆيدە مۇختەر ئاڭلاپ تۇرىدۇ.

    42-مەيدان

    ئورنى:-گۈلسۈملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى:-كەچ

    پىرسۇناژلار:-گۈلسۈمئاي

    گۈلسۈمئاي كىيىم ئىشكابىنى ئاچىدۇ. رەتلىك تۇرغان كىيىملەرگە قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ.

    ياندىن بايان«سابىر:-ھېلىمۇ ياخشى تۇرمامدۇ، سىنى دەپ ئىككى خىل تاماق ئىتىپتۇ، پەقەت مۇشۇنچىلىكلا قىلالايدۇ.»

    ئىشكاپنى ياپىدۇ، كىلىپ ئاستا ئولتۇرىدۇ.

    44- مەيدان

    ئورنى:-مەكتەپنىڭ ئالدى ، ۋاقتى چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-مۇختەر، بىرقانچە لۈكچەك بالىلار

    ئۇلار مۇختەرنى ساقلاپ تۇرىدۇ. مۇختەر مەكتەپتىن چىقىدۇ.

    بالا:-ھەي ئۇكا، بۈگۈن ئەجەپ ساقلاتتىڭغۇ؟

    مۇختەر:-دەرس خوشياقمىغانسېرى مۇئەللىم مېنى ئىلىپ قالدى، ئاران قۇتۇلدۇم.

    بالا:-بۈگۈن بىر كىچىك ماگىزىنغا كىرىشىنى كۆزلەپ قويدۇق.

    مۇختەر:-شۇنداقمۇ؟ تۇتۇلۇپ قالساق قانداق قىلىمىز؟

    بالا:-ئەنسىرمە بىز بار.

    مۇختەر:-بۈگۈن مەندە ئازىراق پۇل بار شۇنى خەجلەيلى، بۇگۈنكى پىلان ئەتە بولسۇن قانداق؟

    بالا:-نەدىن تاپتىڭ؟

    مۇختەر:-ئۆيدىن ئالدىم، ئاپامنىڭ پۇل قاپچۇقىدىن ئازىراق ئالدىم، رۇستەملەر ئازىراق پۇل يىغىپتىكەن شۇلارنى ئالدىم.

    بالا:-پاھ، ئەمدى خېلى قاملاشتۇرۇپسەن جۇمۇ؟

    44-مەيدان

    ئورنى:-سەنەملەرنىڭ ئۆيى   ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-سەنەم، رۇستەم

    سەنەم ئاغرىپ يىتىپ قالىدۇ. رۇستەم سۇ قاينىتىدۇ، دورا تاپالمايدۇ.

    قايناقسۇغا ناۋات سىلىپ ئىلىپ كىرىدۇ.

    رۇستەم:- ئاچا بۇ ناۋات سۈيىنى ئىچىپ باققىن دەيدۇ.

    سەنەم:-ياق، ياق، ئىچكىم يوق دەيدۇ تەسلىكتە.

    رۇستەم قاچىنى قويۇپ چىقىپ كىتىدۇ.

    45-مەيدان

    ئورنى:-بىنانىڭ كارىدورى   ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-رۇستەم، گۈلنار

    رۇستەم سابىرلارنىڭ ئىشىكىنى چىكىدۇ. گۈلنار ئىشىكنى ئاچىدۇ.

    گۈلنار:- بالام، نىمە بولدى دەيدۇ.

    رۇستەم:- ئاچام، ئاچام، ئاچام ئاغرىپ قالدى، ئۆيدە دورا قالماپتۇ. ئۆيدە باشقىلار يوق ئىدى.

    گۈلنار:-يۈر بالام، مەن كىرىپ باقاي

    46-مەيدان

    ئورنى:-سەنەملارنىڭ ھوجۇرىسى    ۋاقتى چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-گۈلنار، سەنەم، رۇستەم

    گۈلنار بىلەن رۇستەم كىرىدۇ.

    رۇستەم:-ئاچا، گۈلنار ئاپاش كىردى.

    گۈلنار سەنەمنى كۆرۈپ چۆچۆپ كىتىدۇ دە:-دوختۇرغا بارايلى دەيدۇ.

    47-مەيدان

    ئورنى:-دوختۇرخانا     ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-سەنەم، گۈلنار، دوختۇر، سېستىرالار، رۇستەم

    سەنەمگە ئاسما ئۇرىدۇ، سەنەم ھالسىزلىنىپ ياتىدۇ.

    دوختۇر:-سىز ئاپىسىمۇ ؟

    گۈلنار ياق دىيىشىگە مۇختەر:-بۇ ئاپاش بىزنىڭ خوشنىمىز، بىزنىڭ ئاپىمىز يوق. ئاپىمىز ئۆگەي، ئۇ ئوينىغىلى كەتتى.

    دوختۇر سېستىرالار بىر-بىرىگە قارىشىپ قويىدۇ. گۈلنارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالىدۇ.

    رۇستەم سەنەمنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    رۇستەم:-ئاچا تىزراق ساقايغىن( مۇزىكا)

     

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆگەي ئاپا سىنارىيە