ئۆگەي ئاپا سىنارىيە 2

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-13 05:23:22

ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى 11- مەيدان ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى ۋاقتى :- كۈندۈز پىرسۇناژلار :- گۆھەرگۆھەر رەتلىك تۇرغان ئۆينى ئۆرۈپ چۆرۈپ مالمان-تالمان قىلىۋىتىدۇ، بىر نەرسىنى ئىزدەيدۇ. گۆھەر:- چو...




    ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى


    11-     مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :-  كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- گۆھەر

    گۆھەر رەتلىك تۇرغان ئۆينى ئۆرۈپ چۆرۈپ  مالمان-تالمان قىلىۋىتىدۇ، بىر نەرسىنى ئىزدەيدۇ.

    گۆھەر:- چوقۇم شۇ ئالدى، كەلگەندە سۆزلىشىمەن تېخى. ئالىيىپ يامان نىيەتتە قاراپ.

    ئۆيدە ئۇياق-بۇياققا ماڭىدۇ.

    12-     مەيدان

    ئورنى :- مىھمانخانا ئۆي   ۋاقتى :- چۈشتىن كېيىن

    پىرسۇناژلار :- گۆھەر      مۇختەر

    مۇختەر يېىپ كىلىدۇ.  

    مۇختەر :- مەن كەلدىم دەپ كىرىدۇ.

    گۆھەر :- جىنىم بالام،  يېنىپ كەلدىڭمۇ ؟ ھاردىڭمۇ دەپ سومكىسىنى ئالىدۇ.  

    مۇختەر:- ئاپا،  قۇرسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى دەيدۇ.

    گۆھەر:- ماڭ، بۈگۈن تاماق ئەتمىدىم، سىرىتقا چىقىپ يەپ كىرگىن دەپ20 كوينى بېرىدۇ.

    مۇختەر  پۇلنى ئىلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

    13-     مەيدان

    ئورنى :- مەكتەپتىن قايتقان يول.    ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- سەنە م،  رۇستەم،   باشقىلار

    سەنەم بىلەن رۇستەم مەكتەپتىن بىرگە قايتىدۇ.

    رۇستەم بىر تار كوچىدىن كىرىپ 3-4 تال مىنرال قۇتىسى قاچىلانغان بىر خالتىنى ئېلىپ چىقىدۇ.

    ئىككسى بىللە ماڭىدۇ، يانلىرىدىن ئۈتىشىپ كېتىپ بارغان ساۋاقداشلارنى ئۇلارنى زاڭلىق قىلىشىدۇ. :- ھەي قاراڭلار،  ئۇلارنى،  قاراڭلار، . ....

    ئىككىسى بۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ.

    سەنەم :- بۈگۈن تاپشۇرقىڭلار كۆپمۇ ؟

    رۇستەم :- ئىشلەپ بولدۇم، ئۆيگە بېرىپ ئازىراق مۇزاكىرا قىلساملا بولىدۇ.  

    سەنەم :- بوپتۇ،  بىزمۇ بۈگۈن ئىشىمىزنى تىزراق تۈگىتەيلى دەيدۇ كۈلۈپ.

    ئۇلار يوللاردىن، ئەخلەت ساندۇقلىرىدىن بوتولكىلارنى تېرىپ ماڭىدۇ. يەنە بەزى دۇكانلار ئالدىدىكى ساندۇقلارنى يىغىدۇ، بەزى دۇكاندارلار بەرمەيدۇ، ئۇلار نەرسىلىرنى سېتىپ بولۇپ قايتىدۇ. (مۇزىكىلىك كۆرىنىش )

    رۇستەم :- ئاچا،  بۈگۈن نەچچە پۇل بولدى ؟

    سەنەم :- 7كوي،  بوپتۇ باشقا كۈنگە  قارغاندا  خېلى ياخشى.

    رۇستەم :- ئۆيگە بارغىچە يەنە بىرقانچىنى تېرۋالساق بەك ياخشى بولاتتى.

    سەنەم ؛- شۇنداق.

    14-     مەيدان

    ئورنى :- ماشىنا ئىچى     ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- گۈلسۈمئاي،  سابىر

    گۈلسۈمئاي :- بۈگۈن  ئەجەپ بۇ ياققا ئۈتۈپ قاپسەنغۇ ئاكا ؟

    سابىر :-  ھە بولماپتۇمۇ ؟ بۈگۈن بالدۇراق ئىشتىن چۈشكەن، ئۆيدە ئولتۇرسام بەك ئىچىم سىقىلىپ كېتىدىكەن،  شۇڭا كەلدىم.

    گۈلسۈمئاي :- ھە بىلدىم ئاكا، بۈگۈن بىزنىڭ تاپشۇرۇقلار بەك كۆپ. سىنىپتا ئولتۇرۇپ ساۋاقداشلار بىلەن ئازىراق ئىشلەپتىمەن، بەك چارچارپ  كەتتىم دەيدۇ ئەسنەپ.

    15-     مەيدان

    ئورنى :- چوڭ يول    ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن،

    پىرسۇناژلار :- سەنەم رۇستەم   باشقىلار

    سەنەم بىلەن رۇستەم بوتولكىلارنى  تەرگەچ ماڭىدۇ.

    رۇستەم :- ھە راست  ئاچا  ئايغىم يىرتىلىپ كەتتى دەيدۇ كۆرسىتىپ.

    سەنەم، :- بۈگۈنچە تىكتەرتىپ بېرەي، ئەتە ئۆگۈن ئىچىدە پۇلمىز جىقايسا ئاياق ئىلىپ بېرەيمۇ ؟ دەيدۇ خىيال سۈرۈپ قالىدۇ. "ئىچىدە :- بىزنىڭ ئۆيدە نېمە يوق،  نېمىشقا بۇنداق يىرتىق ئاياقلارنى كىيىمىز، دادا سىز قاچانمۇ كىلەرسىز ؟ سىزنى بەكمۇ سېغىندۇق،  رۇستەم ئىككىمىزگە قاراڭ، ...."

    رۇستەم :- ئاچا، ئاچا،  نېمە ئويلاۋاتىسەن؟ بۇ پۇلنى ئالغىنە، ئاياق ئالىدىغانغا بۇنىمۇ قېتىۋال، مېنىڭ يېنىمدا تۇرسىمۇ تۇرىدۇ. ھېلىقى سەن بەرگەن پۇل  شۇ.

    سەنە م :- جىنىم ئۇكام دەپ كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ.

    سابىرنىڭ ماشىنىسى ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتىدۇ. گۈلسۈمئاي بوتولكىنى تاشلايدۇ. رۇستەم :- ئاچا  قارا يەنە بىر بوتولكا دەپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئالىدۇ.

    16 مەيدان

    ئورنى :- ماشىنا ئىچى     ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- سابىر،  گۈلسۈمئاي،  سەنەم،  رۇستەم

    سابىر ماشىنا ئەينىكىدىن رۇستەمنى كۆرۈپ ماشىنىنى قاتتىق تورمۇزلايدۇ.

    گۈلسۈمئاي :-  ئاكا،  نېمە قىلىۋاتىسەن ؟ دەيدۇ قاپىقىنى تۈرۈپ.

    سابىر سىرتنى كۆرسىتىپ :- قارا ئۇلارغا  دەيدۇ تەڭ سىرتقا قارايدۇ،

    سەنەم بىلەن رۇستەم ئۆز پارىڭىنى مېڭىۋېرىدۇ.

    رۇستەم :- يەنە بىرى بولدى، بۇ خالتىنى تىقىپ قويايلى دەيدۇ سەنەمنىڭ قولىدىكى خالتىنى ئالىدۇ، رۇستەم خالتىنى بىر چوڭ تاشنىڭ كەينىگە  تىقىپ قويىدۇ. سەنەم ئىككىسى كىرىپ كېتىدۇ.

    گۈلسۈمئاي:- ئۇلار نېمە قىلىۋاتىدۇ ؟ دەيدۇ ھەيرا ن قىلىپ.

    سابىر :- نېمە قىلاتتى، ئۇلار پۇل تېپىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا پىششىقلىقنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار شۇ پۇللارغا دەپتەر قەلەم سېتىۋالىدۇ، ئۇلارغا كىم پۇل بېرىدۇ ؟ ھەي. ...

    گۈلسۈمئاي:- سەن مېنى شۇلارغا ئوخشاش بوتولكا تېرىپ سېتىپ پۇل تاپ دىمەكچىمۇ دەيدۇ ئالىيىپ ماشىنىدىن چۈشىدۇ.  سابىر كۈلۈپ بېشنى لىڭشىتىدۇ.

    17- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :-  چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- سەنەم،  رۇستەم،   گۆھەر

    سەنەم سومكىسىنى بىر چەتكە قويىدۇ، ئۆيدىكى مالمانچىلىقنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالىدۇ.

    يىغىشتۇرۇشقا  باشلايدۇ.

    رۇستەم كىرىدۇ.

    رۇستەم :- نېمانداق مالمان ئاچا،  بۈگۈن ئاپامنى ئەلپازى بەك يامانمۇ قانداق دەيدۇ، سەنەم ئارتۇق  گەپ قىلمايدۇ.

    رۇستەم :- مەنمۇ يىغىشتۇرۇپ بېرەي  دەيدۇ.

    سەنەم :- بولدى سەن مۇزاكىرەڭنى قىل، مەن ئۆزۈم قىلىمەن.

    گۆھەر كىرىدۇ.

    گۆھەر:- ياخشىلىقچە نەرسىنى چىقار، بولمىسا كۆرگىلىكىڭنى كۆرىسەن، جۇۋاينىمەك دەيدۇ،  قولىنى شىلتىپ.

    سەنەم ھەيران قالىدۇ،

    نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

    سەنەم :- نېمىنى دەيسىز ئاپا  دەيدۇ.

    گۆھەر:- ھالقامنى نەگە يۇوقاتتىڭ، چىقار دەيدۇ ھومىيىپ كىلىپ.

    رۇستەم قورققىنىدىن بۇلۇڭ تەرەپكە كىرىپ ېتىدۇ.  

    سەنەم :- ئاپا، مەن كۆرمىدىم. بەلكىم بىر يەگە قويۇپ قويۇپ، ئېسىڭىزدىن كۆتىرىلىپ قالغاندۇ دەيدۇ ئىشىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ.

    گۆھەر:- شۇنداقمۇ تېخى، سەن مىنى قويغان تۇتقىنىنى بىلمەيدىغان ساراڭ  دەپ قالدىڭمۇ  ماڭا  ئۆگىتۋاتامسەن تېخى. ئۆگەتكەن مۇنداق بولىدۇ دەپ ئۇرۇپلا كېتىدۇ.

    سەنەم :- ئاپا   ئاپا،  مەن ئالمىدىم دەپ ۋارقىرايدۇ،  يىغلايدۇ.

    18-مەيدان

    ئورنى :- بىنانىڭ كارىدورى     ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- خوشنىلار ( ئىككى ئايال)

    يۇقىرىقى قەۋەتتىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىككى ئايال بۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭلارنى ئاڭلايدۇ.  قەدىمىنى ئاستىلىتىدۇ.

    ئا   ئايال :- كىرەيلىمۇ ؟ قانداق قىلايلى  دەيدۇ.

    ب ئايال ؛- گۆھەر بىر تەرسا خۇتۇن،  بىز كىرسەك  بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز ئاغرىپ قالىدۇ. بۇ بالىلارغا تەس بولدى،  گۆھەر ھامان  بۇ بالىلارنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ قالىدۇ جۇمۇ ؟

    ئا ئايال :- شۇنى دەڭا،  خۇدايىمنىڭ  ئىچى ئاغرىسۇن بۇ بالىلارغا ھەي،  يۈرۈڭ   دەپ كېتىدۇ.

     19- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى     ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- سەنەم،  گۆھەر ،   رۇستەم

    قورقىنىدىن بۇلۇڭغا كىرىپ كەتكەن رۇستەم يۈگۈرۈپ كىلىپ كىچىك قوللىرى بىلەن،  تاياقنى تۇسۇيدۇ.

    رۇستەم :- ئاپا،  ئاپا،  ئاچامنى ئۇرماڭ، ئاچامنى ئۇرماڭ دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    گۆھەر:- سەنمۇ تاياق يەي دىدڭمۇ،  مانا ئەمسە دەپ تەڭ ئۇرۇپ كېتىدۇ. (مۇزىكا )

    بىر ھازادىن كېيىن

    گۆھەر:- ئەگەر ھالقامنى چىقارمايدىغان بولساڭلار، مەندىن ياخشى كۈن كۆرمەيسىلار،  شۇملار  دەپ چىقىپ كېتىدۇ،

    سەنەم بىلەن رۇستەم ئۈنسىز يىغلاپ كېتىدۇ. رۇستەم كىچىك قوللىرى بىلەن سەنەمنىڭ يىشىنى سۈرتىدۇ. ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ يىغلايدۇ.

    20- مەيدان

    ئورنى :- گۆھەرلەرنىڭ ھوجۇرىسى     ۋاقتى :-  چۈشتىن  كىيىن

    پىرسۇناژلار :- گۆھەر

    گۆھەر  ھوجۇرىغا كىرىدۇ.  ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلايدۇ، بىردەم يېتىۋىلىپ،  خىيال سۈرىدۇ.

    كارۋاتنىڭ ئايغىدىكى گىلەمنى بۇرجىكىدە پارقىراپ تۇرغان بىر تال ھالقىنى كۆرىدۇ، دەرھال بېرىپ ئالىدۇ. رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويىدۇ.

    21- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنى ھوجۇرىسى     ۋاقتى :- كەچ

    پىرسۇناژلار :- سەنەم،  رۇستەم

    سەنەم بىلگىدىكى يارلارنى كۆرۈپ تېخىمۇ بەك يىغلاپ كېتىدۇ، رۇستەمگە قارايدۇ. رۇستەم كۆزلىرى نەم ئۇخلاپ قالغان ئىدى. سەنەم  ئەتراپقا قاراپ دادا،  ئاپا دەپ چاقىرىغۇسى كەلدىيۇ چاقىرالمايدۇ.

    22- مەيدان

    ئورنى :- ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانا     ۋاقتى :- كەچ

    پىرسۇناژلار:- مۇختەر   باشقىلار

    مۇختەر بىر تەرەپتىن ئىچىملىك ئىچكەچ،  بىر قولىدا بىر تال تاماكىنى چىكىپ غەمسىز ئولتۇرۇپ ئويۇن ئوينايدۇ.

    ياندىمۇ بىر قانچە بالىلار ئوينايدۇ، 15-16ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل  مۇختەرنىڭ يېنىغا كىلىدۇ.

    ئوغۇل :- ھەي ئۇكا،  دەيدۇ قوپال چاقىرىپ.

    مۇختەر :- ھە نېمە بولدى دەيدۇ بىر قاراپ قويۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ.

    ئوغۇل ؛- بۇ يەرگە پات – پات كىلىدىغان بولۇپ قالدىڭ بىزنىڭ بىلەن  بىللە ئوينىساڭ بولمامدۇ؟ ئاكا –ئىنى بولۇپ قالىمىز.

    مۇختەر :- راستما ،  بولىدىغۇ  دەيدۇ.

    23- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ  ئۆيى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- سەنەم   گۆھەر

    سەنەم كىرئالغۇنى ئېچىپ كىر يۇيۇشقا باشلايدۇ. گۆھەر ياندىكى ئۆيدىن بىرمۇنچە كىر كىيىملەرنى ئىلىپ چىقىپ تاشلاپ بېرىدۇ.

    گۆھەر:- ئالە،  پاكىز يۇي، بۇلارنى كىرئالغۇدا يۇيساڭ بولمايدىغان كىيىملەر،  بىلدىڭمۇ ؟دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    تاياق يېگەن قوللىرى قىزىپ  قىزىرىپ كېتىدۇ.

    سەنەم چىداپ يۇيدۇ.

    23-مەيدان

    ئورنى :- گۈلسۈملەرنىڭ  ئۆيى   ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سابىر   گۈلسۈم    گۈلنار

    ھەممەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ تىلۋىزور كۆرىدۇ.

    گۈلسۈمئاي :- ئاكا، بۈگۈن شەنبە،  بازار غا بېرىپ كىلەيلى بولامدۇ دەيدۇ ئەركىلەپ.

    سابىر ؛- مەن بارمايمەن،  ئاران بىر دەم ئالغاندا ئۆيدە ئارام ئالايلى،  بولمىسا گۈلنار ئاچام بىلەن بىللە بارغىن دەيدۇ.

    گۈلسۈمئاي :- ياق بولدى،  ئۆزۈم بارىمەن،  دەيدۇ قوپال ۋارقىراپ ھوجۇرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ،  بىللە ئولتۇرغان گۈلنار قورۇنۇپ ئولتۇرالماي كېتىدۇ،  قوللىرى تىترەپ كېتىدۇ. سابىر سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالىدۇ.

    ئارلىق ئۆي

    گۈلسۈمئاي كىيىملىرىنى  كىيىپ مېڭىشقا تەيار بولۇپ  ئايقىنى كىيىدۇ. گۈلنار كەينىدىن چىقىدۇ.

    گۈلنار :- قىزىم  سىز كەلگىچە نېمە  تاماق قىلىپ تۇراي،  نېمىگە كۆڭلىڭىز تارتىدىكىن دەيدۇ.

    گۈلسۈمئاي:- ھەي، كىمنى قىزىم دەۋاتىسىز، ئۇنداق تامىقىڭىزنى ئاۋۇ باشقا باللىرىڭىزغا قىلىپ بېرىڭ دەيدۇ. ئىشىكنى ئىچىپ چىقىپ كېتىدۇ.

    سابىر :- نېمە بولدى نېمە ئىش، ئاچا خاپا بولماڭ،  كەلگەندە مەن گەپ قىلىپ قۇياي،   دەيدۇ

    گۈلنار:- ھىچ ئىش، كىچىك ئەمەسمۇ   دەپ،  چاندۇرماي كىرىپ كېتىدۇ.

    24- مەيدان

    ئورنى ؛- ھوجۇرا ئۆي     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- گۈلنار،  

    گۈلنار   كىرىپ ئاستا ئولتۇرىدۇ.

    گۈلسۈمئاينىڭ گىپىنى ئويلايدۇ. "گۈلسۈمئاي؛- ئۇنداق ئېشىڭىزنى بېرىپ باشقا باللىرىڭىزغا ئېتىپ بېرىڭ. "

    كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ. ياش مەڭزىنى سېرغىپ چۇشىدۇ.

    ئەسلىمە

    25- مەيدان

    ئورنى :- چوڭ يول     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- گۈلنار    باشقىلار

    گۈلنار ئەتراپقا ئالدىراش قارايدۇ، بىرسىنى ئىزدەيدۇ.

    گۈلنار:- قىزىم،  قىزىم،  دەپ يۈگىرەيدۇ.

    باشقىلار :- قاراڭلار،  بىر كىچىك بالىنى ماشىنا ئۇرۋىتىپتۇ. ئۇ بالا ئۈلۈپ قالغان ئوخشايدۇ. دىيىشىدۇ،  بىرمۇنچە ئادەملەر توپىغا گۈلنار قىستىلىپ كىرىدۇ. گۈلنار  ھوشىدىن كېتىدۇ.

    ياندىن بايان :- دوختۇر   :- كىچىكىپ قاپسىلەر،  ئامال قىلالمىدۇق، دەيدۇ.

    ئەسلىمە تۈگەيدۇ.

    26- مەيدان

     ئورنى :-  ھوجۇرا ئۆي       ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- گۈلنار 

    گۈلنار ئۈنسىز يىغلاپ كېتىدۇ.

    27- مەيدان

    ئورنى :- سەنەمنىڭ ھوجۇرىسى     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- رۇستەم

    رۇستەم مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرىدۇ. خىيال سۈرىدۇ.

    خىيالى :

    28- مەيدان

    ئورنى :- مىھمانخانا ئۆي    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- رۇستەم،  سەنەم،  ئىسمايىل،  گۆھەر

    ئىسمايىل سىرتتىن كىرىدۇ.

    ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرىدۇ،  رۇستەم يۈگۈرۈپ كىلىدۇ.

    رۇستەم :- دادا تۇيۇقسىز كەپسەنغۇ ؟ سىنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى، دەيدۇ ئېسىلىپ.

    ئىسمايىل :-  شۇنداقمۇ ؟ تۇيۇقسىزلا پۇرسەت چىقىپ قالدى، دەيدۇ كۈلۈپ،  كىلىپ كىرىسلودا ئولتۇرىدۇ.

    گۆھەر:- شۇ ئەمەسمۇ ؟ خەۋەرلەندۈرۈپ قويماي دەيدۇ.

    سەنەم ؛- دادا ياخشى تۇردىڭىزمۇ سىزنى بەكمۇ سېغىندۇق،  

    گۆھەر:- ئاتا بالا ياخشى مۇڭدىشىۋىلىڭلار،  مەن كىرىپ تاماق قىلاي. دەپ كىرىپ كېتىدۇ.

    مۇختەر:- دادا   دادا  ماڭا نېمە ئەكەلدىڭ، ؟

    سەنەم ؛- ئاپا مەن سىزگە ياردەملىشەي  دەپ كىرىپ كېتىدۇ.

    ئىسمايىل:-،  مېڭلار  ئاۋۇ سومكامنى ئىلىپ كىلىڭلار.

    مۇختەر بىلەن رۇستەم سومكىنى كۈتىرىپ كىلىدۇ.

    ئىسمايىل :- بۇنى مۇختەر ساڭا ئەكەلدىم،  ياخشى ئوقىغىن دەپ بىر سومكا بىلەن سائەتنى بېرىدۇ.  

    مۇختەر:- ۋاھ نېمە دىگەن چىرايلىق دەيدۇ كۈلكىسىنى باسالمايدۇ.

    ئىسمايىل :- بۇنى ساڭا ئەكەلدىم، تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقىغىن. ھە بىرىنچى  بولالامسەن،  دەيدۇ سومكا بىلەن لوغەتنى بېرىدۇ.

    رۇستەم :- چوقۇم بىرىنچى بولىمەن دەيدۇ كۈلۈپ.

    خىيالى تۈگەيدۇ.

    29مەيدان

    ئورنى :- سەنەمنىڭ ھۇجۇرىسى  ۋاقتى ؛- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سەنەم   رۇستەم

    رۇستەم كۈلىدۇ. سەنەم ئاستا كىرىپ رۇستەمنىڭ مۆرىسىگە بىرنى قويىدۇ.

    سەنەم ؛- ھەي  مۇزاكىرە قىلماي نېمىنى  خىيال سۈرۈپ كەتتىڭ.

    رۇستەم :- ھە  ھېچنىمە،  ھېچنىمە  ئاچا ئىشىڭ تۈگىدىمۇ ؟بەك ھارغانسەن ھە ؟

    سەنەم :- ھەئە  تۈگىدى، ئانچە ھارمىدىم دەيدۇ مىيقىدا كۈلۈپ،  كىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    30- مەيدان

    ئورنى :- گۈلشەنلەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- دىلنۇر

    دىلنۇر گىرىم قىلىپ ئولتۇرىدۇ، بىر ئىش خىيالىغا يەتكەندەك دەرھال كىيىملىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئىچىدە:- كىيىپ تۇرغانغا نېمە بولىدۇ. بۈگۈن قاتتۇرۇپ كىيىۋالمىسام،  دەپ ئىشكاپتىكى كىيىملەرنى بىردىن- بىردىن ئېلىپ كۆرىدۇ.

    :- ھە بۇ بولىدىكەن،  بولمايدىكەن،  بۇمۇ بوپ قالىدىكەن،  ئاخىرى ئۆزىگە يارىغان بىرنى كىيىپ كىيىملەرنى شۇ پىتى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ.

    31- مەيدان

    ئورنى:- گۈلسۈملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- گۈلنار

    گۈلنار گۈلسۈمئاينىڭ رەتسىز ئۆيىنى يىغىشتۇرىدۇ، كىر  كىيىملىرىنى ئىلىپ چىقىپ  كېتىدۇ.

    سابىر :- ئاچا بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭ.

    گۈلنار:- مەن ھارمىدىم  دەپ قولىدىكى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

    بىر ھازادىن كېيىن

    گۈلنار:- بۈگۈن نېمە تاماق قىلاي دەيدۇ كۈلۈپ.

    سابىر :- نېمە بولسا بولىۋېرىدۇ. دادام ئىككىمىزگە ئۈچ  ۋاخ لەغمەن بولسىمۇ زېرىكمەيمىز،   بۈگۈن بولمىسا گۈلسۈمئاينىڭ ياخشى كۆردىغىنىنى يەيلى.

    گۈلنار باشقا گەپ قىلماي ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ.

    ئاشخانا ئۆي

    گۈلنار تاماق ئىتىشكە تەمشىلىدۇ،  پەشتەمبەلنى تاقايدۇ. قولىنى يۇيۇپ بولۇپ تەلەڭگىگە ئۇن ئالىدۇ.  خىمىر يۇغىرىدۇ، كۆكتات ئادالايدۇ،  خىمىرنى جىزا قىلىدۇ.  سەينى توغرايدۇ.

    سەۋزىنى ئادالايدۇ،  قەلەمچە قىلىدۇ، پىيازنى توغرايدۇ،  گۆشنى توغرايدۇ،  قازانغا ماينى قويىدۇ. گۆشنى پىشىشق قورۇيدۇ، تۇز سالىدۇ، پىيازنى سالىدۇ،  ئاندىن سەل قورۇۋالىدۇ،  ئاندىن سەۋزىنى سالىدۇ. سەۋزىنى بىردەم قورىغاندىن كېيىن قايناقسۇ قويىدۇ،  قاينىغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سالىدۇ. ئاستا قاينىتىدۇ. يەنە ئازىراق سۇ قويۇپ  دۈملەپ قويىدۇ،  ئاندىن لەغمەننىڭ سېيىنى قورۇيدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆگەي ئاپا سىن