ياش شائىر(پەرھات تۇرسۇن )

يوللىغۇچى : parhattursun يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-27 22:05:00

ياش شائىرپەرھات تۇرسۇن A: ئەسسالامۇئەلەيكۇمB : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ.A: ئۇزاق بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، مەن تېخى سېنى ئىزدەي دەپ تۇرغان.B : (ئۆز-ئۆزىگە) بۇ ئاداش ئۇزۇن يىل بولغ...

      ياش شائىر
    پەرھات تۇرسۇن

      A: ئەسسالامۇئەلەيكۇم
     B : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئۇلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ.
    A: ئۇزاق بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، مەن تېخى سېنى ئىزدەي دەپ تۇرغان.
    B : (ئۆز-ئۆزىگە) بۇ ئاداش ئۇزۇن يىل بولغان بىز بىلەن زادىلا ئارىلاشماس بولۇپ كەتكەن. ناتونۇشتەكلا. ئەمدى نېمىشقا مېنى ئىزدەيدىغان بوپ قالغاندۇ. چوقۇم بىرەر ھاجىتى بار.
    A: ئاداش ئوبراز يېزىپ تۇرىۋاتامسەن؟
    B: ئوبراز؟
    A: ھېلىقى...ھېلىقىدەك، باشقىلارغا باھا بېرىپچۇ؟
    A : ئوبراز ئەمەس،ئوبزور دېگىنە.
    B : ئىككىسى ئوخشىمامدۇ؟ ئوخشاشتۇ. پەرقى بار بولسىمۇ كىچىككىنە بار دېگىنە، خۇددى ئۆچكە قويدەك. شۇڭا ئۇلارنى ئايرىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن.
    B ھە، سەن ئۈچۈن ئوخشاش. قارىغۇ ئادەم ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرق قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاندەك. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بەرىبىر سەن بىلەن بىلەن ئالاقىسى يوق.
    A : ئاداش بۇ گېپىڭ قاملاشمىدى. مەن ھازىر سەن بىلەن كەسىپداش بولۇپ قالدىم.
     B: نىمە؟ سەن...
    A: ئەلبەتتە. مەن ئەسەر يازسام بولمامدىكەن.
    B: سەن ئۆزەڭ كىتاب ئوقۇماقتا يوق، باشقىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغىنىنى كۆرسەڭمۇ نېرۋاڭ چېچىلىپ ئۆزەڭنى باسالماي قالاتتىڭ. كىتابغا سەن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزەڭنى نۇرغۇن ئۇپرىتىپ ئۆچمەنلىك قىلاتتىڭ، ئەمدى نېمە بولدى ؟
    A: ئاداش ھازىرمۇ شۇنداق. مەن كىتاب ئوقۇمايمەن. چۈنكى مەن ئۆز تالانتىمغا ئىشىنىمەن. كىتاب ئوقۇسام باشقا ئەدىبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالىمەن. نەزەرىيىۋى كىتابلار بولسا كاللامدا رامكا پەيدا قىلىپ تەپەككۇرۇمنى بوغۇپ قويىدۇ.
    B: دېمەك سەن تېخىچە ئىلىم-بىلىم دېگەنلەردە ئاناڭنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن پېتى ئىكەنسەن-دە!
    A : توغرا شۇقەدەر پاكمەن!
    B: مۇشۇ ھالىتىڭنى ساقلا. ھەرگىزمۇ بىلىم سېنى بۇلغاپ قويمىسۇن. 
    A: سەن كىتاب خالتىسى، كىتابلارنى تولا ئوقۇپ كاللاڭ زەھەر بىلەن تولۇپ كەتكەن. ئىككىمىز بۇ جەھەتتە ئوخشىمىساقمۇ لېكىن مەن مۇشۇ يولغا كىرىپ قالدىم دېگىنە ئاداش. گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بىر مۇنچە شېئىر يازغانىدىم، شۇنى سەن بىر ئاڭلاپ باق، ئاندىن باھا بېرىپ بىر نەرسە يېزىپ قويارسەن. دۇنيادا غەلبە قازانغان كارخانىچىنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا يۆلەكچى بولغان بىر ئايال بولغاندەك، ئۇتۇق قازانغان شائىرنىڭ كەينىدە ئۇنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغان بىر ئوبروزچى بولمىسا بولمايدۇ دېگىنە ئاداش.
    B: ئوقۇپ باقە قېنى ئاڭلاي.
    Aيانچۇقىدىن قەغەزنى چىقىرىپ ئوقۇيدۇ: ۋەتىترىۋەت، ۋەتىترىۋەت، گومىنداڭنى ئۆلتۈرىۋەت. سۇ ئاستىغا چۆكتۈرىۋەت، ئىناۋىتىنى تۆكتۈرىۋەت!
    B: پاھ، ماۋۇنى!
    A: تالانتىمغا قايىل بولماي تۇرالمىدىڭغۇ دەيمەن. مەن بۇ تالانتىمنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆرەلمەي قېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. چۈنكى كۆرەلمەسلەر قانچە كۆپ بولسا تالانتىڭنىڭ شۇنچىلىك يۇقىرىلىقى بىلىنىدۇ.
    B : ۋەتىترىۋەت دېگەن نىمە دېگەن گەپ؟
    A: پاھ، ھەقىقىي ئوبروزچى دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. (B نىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ) ئاداش بۇ دېگەن تالانت. كەينىدىكى ئۆتتۈرىۋەت دېگەنگە قاپىيە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياسىغان سۆز. ئۇيغۇرلارغا مەنىسىز بولسىمۇ ۋەتىترىۋەت دەپ بىر سۆز ياساپ بەردىم. بۇ مېنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپەم. سەن بىر پىشقان ئوبروزچى بولغاچقا شېئىرنى ئوقۇشۇم بىلەنلا بۇنى بايقىۋالدىڭ.
    B: گومىنداڭنى ئۆلتۈرىۋەت دېگىنىڭ نېمىسى؟ گومىنداڭ دېگەن بىر ئادەم ئەمەس،پارتىيە. بۇ پارتىيەنى ئۆلتۈرىۋەت دېمەيمىز ئۇيغۇرچىدا، يوقىتايلى دەيمىز.
    A: يوقىتايلى؟ ھە بوپتۇ، ئەمىسە ئۆزگەرتەي. بالىلىرىمىزنى ئوقۇتايلى، گومىنداڭنى يوقىتايلى. ھە بۇمۇ قاملاشتى، لېكىن ۋەتىترىۋەتنى قانداق قىلىمەن؟
    B: گومىنداڭ ئاللىقاچان يوقۇتۇلدى.
    A: ياق،تەيۋەندە بارغۇ؟
    B: قاملاشماپتۇ.
    A: ھىم، مەن ئۇقتۇم. سېنىڭ ئىدىيەڭدە چاتاق بار ئىكەن!
    B: ماڭا قالپاق كەيدۈرەلمەيسەن. ئالدىنقى يىلى گومىنداڭنىڭ رەئىسى لىيەن جەن چۇڭ قۇرۇقلۇققا كەلدى…
    A: سەن مېنى ماختاپ ئوبزور يېزىپ چىقمىساڭ سەن بىلەن ئىدىيىۋى ساھەدە تۇتۇشۇپ قالماي يەنە. بوپتۇ دوستلىقىمىز ئۈچۈن بۇنى سۈرۈشتە قىلماي. يەنە بىرى بار ئاڭلاپ باق. (ئوقۇيدۇ:) ئايالىم بىلەن ئاجراشقىنىمنىڭ 10 يىللىقىغا مەن سىزنى سۆيەتتىم،تېخى قەلبىمدىن __ ئۆچمىدى پۈتۈنلەي سۆيگۈ ئېھتىمال.
    B: (داۋاملاشتۇرىدۇ:) بۇ مېنىڭ سۆيگۈمدىن چەكمەڭ يەنە دەرت، ئىستەيمەن ئۇ سىزنى قىلمىسۇن مالال.
    A: ئاخىرىنى قانداق بىلدىڭ؟ بۇ ياقتىن يېزىشىمغىلا ئۇ ياقتىن داڭلىق ئەسەر بولۇپ، تىللاردا كۆچۈپ يۈرۈپتۇ __دە! ئەمدى ئاداش، ئۆزەمنىڭ قانچىلىك تالانتلىق ئىكەنلىكىمنى ئۆزەممۇ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن.
    B: بۇ شېئىر، روسىيىلىك مەشھۇر شائىر پۇشكىننىڭ. بىز بۇنى ئىجادىيەت ئوغرىسى دەيمىز.
    A: ئوغرى؟
    B: شۇنداق.
    A: سەنمۇ ئۇيغۇردە! ھەممە ئۇيغۇرغا ئوخشاش كۆرەلمەسلىك سەندىمۇ بار. بۇ قانداقمۇ پۇشكىننىڭ بولىدۇ؟ پۇشكىن مېنىڭ ئايالىمنى قانداق تونۇيدىكەن. بۇندىن ئىككى يۈز يىل ئىلگىرى ياشىغان بىر ئورۇس مېنى ئايالىمدىن ئاجراشتۇرۇپتۇما؟ ئۇ ئورۇس بىزنىڭ بۇ ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدە ئىشلىمەيدىغاندۇ؟ ئاغزىمنى بۇزغىلى تاس قالدىم. ھەي، مەن ساڭا دەي، بۇ شېئىر ئاجراشقىنىمنىڭ 10 يىللىقىغا بېغىشلانغان تۇرسا، پۇشكىن 200 يىل ئىلگىرى مېنىڭ ئاجرىشىدىغىنىمنى بىلىپ، بۇ شېئىرنى يېزىپ قويامدۇ؟
    B: ئايالىم بىلەن ئاجراشقىنىمنىڭ 10 يىلىغا دېگەن ئاشۇ ماۋزۇنىلا سەن يازساڭ سېنىڭ بولۇپ قالامدۇ؟ قالغان ھەممىسى كۆچۈرۈلگەن.
    A: نېمانداق نېرۋامنى ئۆرلىتىدۇ ماۋۇ ئاداش! ئوبزورچى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى كۆرەلمەس دېگەن گەپ ئەمەستۇ؟  «مەن » دېگەن سۆزنى ھەر قانداق ئۇيغۇر ئىشلىتىدۇ، «سىزنى» دېگەن سۆزنىمۇ شۇنداق. «سۆيەتتىم» دېگەن سۆزنى قايسى بىر شائىر ئىشلەتمەيدۇ؟ مۇشۇنداق سۆزلەر بولسا كۆچۈرمىچى بولسا ھەممە شائىرنىڭ شېئىرىدىن بۇ سۆزلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. ھەممە شائىر كۆچۈرمىچىما؟ سەن مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقۇمغىمۇ ئۆكتە قوپماقچىما؟
    B: ۋاي خۇدايىم، بولدى، قانداق يازساڭ ياز. مەن كەتتىم، ساڭا گەپ قىلغىلى بولمايدىكەن.
    A: توختا، ئېيتە، مەن نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىمەن.
    B: يازالمىغانلىقىڭ ئۈچۈن.
    A: ھەي ئاخماق! مىللەت ئۈچۈن يازىمەن، بىلەمسەن! مىللەت ئۈچۈن! مەن مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن شېئىر يازسام، سەن مېنى ئوغرى دەپ ھۇجۇم قىلساڭ، مۇناپىق بولمامسەن؟ سېنىڭ مەقسىتىڭنى بىلدىم! مىللەت ئۈچۈن شېئىر يازغانلارنى ئىنكار قىلىش مىللەتنى ئىنكار قىلىش . بۇ سېنىڭ مۇناپىق ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلىمامدۇ. مەن سېنى مۇناپىق دەپ ھەممە يەردە سېسىتىمەن! بايا ھەتتا گومىنداڭنى يوقىتىش ھەققىدىكى ئىنقىلابىي شوئارىمغىمۇ قارشى چىقتىڭ. دېمەك سېنىڭ ئىدىيەڭ زەھەر بىلەن تولغان. سېنىڭ يازغان ئوبزورلىرىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەيدىز.
    (B قاچىدۇ. A قوغلاپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ)
    A: ئۇيغۇرلارنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن سەندەك ئادەملەرنى يوقىتىش كېرەك. سەن كاپىر! سەن گومىنداڭ پەرەس! سەن تېرورچى! سەن فاشست، سەن غەرپنىڭ غالچىسى! سەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ غالچىسى. سەن مىللەتنىڭ خائىنى، سەن پارتىيىگە قارشى! سەن مىللەتكە قارشى. سەن مىللىي بۆلگۈنچى! سېنى ھەرقانداق نام بىلەن تىللىسام بولۇۋېرىدۇ. سېنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ياشىغىنىڭنى كۆرەي!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرھات تۇرسۇن