دىپلوماتلارنىڭ « مەخپىي قورالى »

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-22 22:10:00

يالغانچىلىق قىلىش دىپلوماتلارنىڭ يالغانچىلىق قىلىشى كىشىنى ھەقىقەتنمۇ شۈركەندۈرىدۇ. ئەمما، غەربنىڭ « ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيىسى» دە يالغانچىلىق قىلىش ئورۇنلۇق ئىش دەپ قارىلىدۇ. 17- ئەسىردە ئەنگل...

    يالغانچىلىق قىلىش 

        دىپلوماتلارنىڭ يالغانچىلىق قىلىشى كىشىنى ھەقىقەتنمۇ شۈركەندۈرىدۇ. ئەمما، غەربنىڭ « ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيىسى» دە يالغانچىلىق قىلىش ئورۇنلۇق ئىش دەپ قارىلىدۇ. 17- ئەسىردە ئەنگلىيىنىڭ باش ئەلچىسى ھېنرى ۋاتتون ئاشكارا ھالدا:« باش ئەلچى دەل مەنپەئىتى ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىدىغان سەمىمىي كىشىلەردۇر» دېگەن. 19- ئەسىردە ئاۋسترىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى مېتتېرنى ھەتتا قىلچە ئۇيالماستىن:« مېنىڭ تاكتىكامدىن ئېيتقاندا راست سۆزلەش ئۆز دۆلىتىگە بولغان ساداقەتسىزلىكتۇر» دېگەن.
    19- ئەسىرنىڭ بېشىدا ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر فرانسىيىگە قارشى 2- قېتىملىق ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن. دەسلەپكى تۇتۇشۇشتا ناپولېئون قوماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى ۋيېنانى ئىگىلىگەندىن كېيىن شىمالىغا ئىلگىرىلەپ، رۇسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قوغلاپ زەربە بەرگەن. فرانسىيە ئارمىيىسى موراۋىيىگە(ھازىرقى چېخىيىدىكى بىر نانىڭ ئەتراپىدىكى سالافكوف ) كىرگەندە، فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئاۋستېرلتىزنىڭ غەربىدە ئۇلارغا زەربە بېرىشنى ھەم پلاسسىن ئېگىزلىكىنى ئىگىلەشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پرۇسسىيە پادىشاھى ئالاھىدە ئەلچى خاۋتىرسنى ناپولېئونغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئەۋەتكەن.
        ۋەھالەنكى، ناپولېئون بۇ قېتىمقى جەڭدە قەستەن ئېگىزلىكتىن چېكىنىش ئارقىلىق ئىتتىپاقداش ئارمىيىنى قارماققا ئىلىندۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، 40 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي قانىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋېناغا چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغان. ئەمما ، ئىتتىپاقداش ئارمىيە دەل فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي قانىتىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ناپولېئون مارشال سورتېرنى 20 مىڭ كىشىلىك پىيادە قوشۇننى باشلاپ پلاسسىن ئېگىزلىكىنى ئېلىشقا بۇيرۇپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ قىلىپ، تولۇق غەلبىگە ئېرىشكەن.
        ھالبۇكى، پرۇسسىيە پادىشاھىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى خاۋترىس ئاۋستېرلتىز جېڭى ئاخىرلاشقاندىلا، ئاندىن ناپولېئوننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ زېرەك ئەلچى دەرھال ئۇلتىماتۇمنى تىقىۋېتىپ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن ناپولېئوننىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن. ناپولېئون دەرۋەقە بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا ئىززەت - ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى دۆلىتىگىچە ئاپىرىپ قويغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق