ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا (2)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-01 21:46:34

11- مەيدان ئورنى- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى ۋاقتى- چۈشتىن كىيىن پىرسۇناژلار-رازىخان موماي، شىرزات رازىخان ئىككىسى بىللە ياتىدۇ. رازىخان- مەن ھىكايە ئېيتىپ بېرەي ئۇخلىغىن ھە دەيدۇ. دە ھىكايىسىنى باشلاي...

    11-        مەيدان

    ئورنى- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى     ۋاقتى- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار-رازىخان موماي، شىرزات

    رازىخان ئىككىسى بىللە ياتىدۇ.                                                         

    رازىخان- مەن ھىكايە ئېيتىپ بېرەي  ئۇخلىغىن ھە دەيدۇ.

    دە ھىكايىسىنى باشلايدۇ، شىرزات مومايغا قاراپ ياتىدۇ.

    موماي- بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، بىر تۆگە بولغان  ئىكەن. پىل پادىشاھ ئىكەن، تۈلكە يالاقچى، مۈشۈك ماراقچى، خوراز ئىشىك باقار ئىكەن. تۆگە بىر كۈنى قۇملۇقتا ئايلىنىپ كېتىپ بارغان ئىكەن. تۆگە ئالدىدا بىر دۆۋە پارقىراپ تۇرغان نەرسىنى كۆرۈپتۇ دەرھال بېرىپ قارىغانكەن بۇ يەتتە تال گۆھەر ئىكەن. تۆگە ناھايتتى خوشال بولۇپ كېتىدىكەن، ھەم بۇ گۆھەرلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلايدىكەن. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ بۇ گۆھەرلەرنى پادىشاھقا ھەدىيە قىلىشنى ئويلاپتۇ دە گۆھەرلەرنى چىرايلىق يۆگەپ ئىلىپ ماڭىدىكەن.

    ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ ئۇخلاپ قالاي دېگەن خوراز يىراقتىن بىر نېمە يۈدۈپ كېلىۋاتقان تۆگىنى كۆرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى رۇسلاپ تۇرىدىكەن.

    تۆگە مىڭ تەسلىكتە  ئوردىغا كەپتۇ. دەيدۇ موماي شىرزاتنىڭ كۆزىنى يۇمغىنىنى كۆرۈپ ھىكايىسىنى توختىتىدۇ.

    شىرزات- خوراز قانداق قىلىدىكەن دەيدۇ كۆزىنى ئېچىپ.

    موماي داۋاملاشتۇرىدۇ- تۆگە خورازنىڭ يېنىغا كىلىپ گۆھەرلەرنى سەل كەينىگە تىقىپ تۇرۇپ- تىنىچ ئامان تۇرۇپسىزمۇ خوراز جاناپلىرى، مەن پىل ئالىلىرى بىلەن كۆرىشەي دېگەن دەپتۇ. خوراز- نېمە ئىشىڭ بار، ماڭا دە، مەن يەتكۈزۈپ قۇيىمەن  دەپتۇ. تۆگە- ئالىلىرىغا بىر نەرسىنى بېرىپ قويساملا بولاتتى دەپتۇ. خوراز- ئوردىغا قالايمىقان ئادەملەر كىرسە بومايدۇ. سەن بۇنى بىلمەمسەن، ئۇ نەرسەڭنى ماڭا بەر، مەن يەتكۈزۈپ قۇياي دەپتۇ. تۆگە ئامالسىز قۇلىدىكى نەرسىنى خورازغا بېرىپتۇ دە- بۇ يەتتە تال گۆھەر، بۇنى ئالىلىرىغا  ھەدىيە قىلىمەن دەپتۇ.

    خوراز گۆھەرلەرنى كۆرۈپ كۆزلىرى ئالا چەكمەن بولۇپ كېتىپتۇ. خوراز- سەن چوقۇم پادىشاھىمىزنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىسەن، مەن چوقۇم يەتكۈزۈپ قويىمەن دەپتۇ دە تۆگىنى يولغا سىلىپ قويۇپتۇ، تۆگىمۇ كۆزى قىيمىغان ھالدا كېتىپ قاپتۇ. خوراز گۆھەرلەرگە قارىغانسېرى قانماپتۇ، ئۆز-ئۆزىگە- بۇنى ئۆزۈمنىڭ نامىدا بەرسەم بولمامدۇ، ياق ياق، تۆگە سۈرۈشتە قىلىپ  كىلىپ قالسا، بۇ  دەرۋازىغا قارايدىغان ئىشىمدىنمۇ ئايرىلىپ قالماي يەنە. مۇنداقلا قىلاي، ئىككىنى مەن ئىلىپ قالغىنىنى پادىشاھقا يەتكۈزەي دەپتۇ دە يولغا چىقىپتۇ. يولدا غىڭشىپ كېتىۋاتقاندا يول بويىدا چارلاۋاتقان چاشقان چىقىپ قاپتۇ. چاشقان- ھەي خوراز نەگە ماڭىدىڭ بۇنچە خۇشال، قولۇڭدىكى نېمە ئۇ  دەپتۇ. خوراز:-5تال گۆھەر، پادىشاھقا  تۆگە ھەدىيە قىپتۇ، ئوردىغا كېتىۋاتىمەن دەپتۇ.

    چاشقان كىچىك كاللىسىنى بىر ئىشلىتىپ- مەن ئوردا تەرەپكە ماڭغان، مەن ئالغاچ كېتەي سەن ئىشىڭنى قىلىۋەرگىن  دەپتۇ. خورازمۇ بىر دەم ئويلىنىۋىتىپ ھېلىقى ئىككى تال گۆھەردىن ئەنسىرەپ قولىدىكى گۆھەرلەرنى چاشقانغا تۇتقۇزۇپتۇ دە- ساڭا ئامانەت قالدى ئەمىسە، مەن كەتتىم دەپ كېتىپ قاپتۇ. چاشقان ئۆز –ئۆزىگە- تۆگىدەك دۆت نېمە بارمۇ ھە؟ مەن ئورنىدا بولغان بولسام ئۆزۈم يېتىپ خەجلەيتتىم. قانداق قىلاي، بىرنى ئۆزۈم ئېلىپ قىلىپ قالغىنىنى ئوردىغا ئېلىپ كىرەي دەپتۇ دە بىر تالنى ئايرىپ يېنىغا سېلىپتۇ، ئوردىغا يول ئاپتۇ. چاشقان ناھايتتى تېز مېڭىپتۇ، تام ئۈستىدە كېتىپ بارغان مۈشۈك تاق قىلىپ چاشقاننىڭ ئالدىغا چۈشۈپتۇ. مۈشۈك- نېمە ئۇ، نەگە ماڭدىڭ دەپتۇ، چاشقان قورققىنىدىن تىتىرەپ كېتىپتۇ دە-ئو.. ئو.. ئور..دىغا..ماڭ... ما..ڭد.ىم، بۇ گۆھەر دەپ مۈشۈككە سۇنۇپتۇ. مۈشۈك- نېمە گۆھەر  بۇ دەپتۇ. چاشقان- تۆگە پادىشاھقا ھەدىيە قىپتۇ دەپتۇ. مۈشۈك- ئەكەل مەن بىرنى ئالىمەن دەپ بىرنى ئېلىۋاپتۇ. چاشقان- بۇ...بۇ ... بۇ قانداق بولىدۇ دەپتۇ. مۈشۈك- ھە دەپ ھەيۋىسىنى چىقىرىپتىكەن چاشقان بەدەر ئوردا تەرەپكە قېچىپتۇ. ئوردىغا يېقىنلىشاي دېگەندە تۈلكىگە ئۇچراپ قاپتۇ. تۈلكە- ھەي بۇرادەر نەگە ماڭدىڭ ئالدىراش دەپتۇ. چاشقان- ھە تۈلكە، ئوردىغا ماڭدىم دەپتۇ. تۈلكە-قولۇڭدىكى نېمە ئۇ دەپتۇ ھىجاراپ كەپتۇ. چاشقان- تۆگىنىڭ پادىشاھىمىزغا قىلغان سوۋغىسى ئىكەن يەتكۈزگىلى كېتىپ بارىمەن دەپتۇ. تۈلكە- مەنلا ئالغاچ بارمايمۇ دەپتۇ. چاشقان- ساڭا ئىشەنگىلى بولامدۇ دەپتۇ. تۈلكە- ھەي نېمە دېگىنىڭ ئۇكا بۇ، ئامانەت نەرسىنى ئىلىۋالسا خۇدامۇ راۋا كۆرمەيدۇ دەپتۇ. چاشقان شۇنىڭ بىلەن ئۈچ گۆھەرنى تۈلكىگە بېرىپتۇ. چاشقان كېتىپ قاپتۇ، تۈلكە ئوردا تەرەپكە يول ئاپتۇ. تۈلكە دەرھال بىر تال گۆھەرنى يېنىغا تىقىپتۇ. ئوردا ئالدىغا كېلىپ گۆھەرنى ئىشەككە تاپشۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن كۆزى قىزارغان ئىشەك بىر تال گۆھەرنى تىقىۋىلىپ بىر تال گۆھەرنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپتۇ دە- ئالىلىرى، بۇنى قۇملۇقتا ياشاۋاتقان تۆگە سىلىگە ھەدىيە قىپتۇ  دەپ پادىشاھقا سۇنۇپتۇ. پىل پادىشاھ بۇنىڭدىن بەكمۇ خوشال بوپتۇ دە يۈز سەر ئالتۇن كۈمۈش بىلەن تۆگىنى تارتۇقلاپتۇ. بۇ يۈز سەر ئالتۇن كۈمۈش، ئىشەك، تۈلكە، چشقان، مۈشۈك، خورازلارنىڭ قۇلىدىن ئۈتۈپ تۆگىگە ھىچنېمە تەگمەپتۇ. بىچارە تۆگە خورازدىن خېلى ۋاخ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ لىكىن پادىشاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن تۆگە بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇملۇقتىن يەنە گۆھەر ئىزدەپ ئۆز قۇلى بىلەن پادىشاھقا يەتكۈزۈش نىيىتىگە كەپتۇ. قۇملۇقنى يىل ئايلىنىپتۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر قۇمۇقتىن كىلەلمەپتۇ. تۆگە شۇڭا ھازىرغا قەدەر قۇملۇقتا ياشايدىكەن دەپتۇ. موماي ھېكايىسىنى تۈگىتىدۇ، شىرزاتمۇ ئۇخلايدۇ.

    12-        مەيدان

    ئورنى- مەھەلە ئىچى    ۋاقتى- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار- رازىخان موماي، پاتەمخان موماي، شىرزات، زۇلخۇمار.

    رازىخان بىلەن پاتەمخان پاراڭلىشىپ  ئولتۇرىدۇ، ئىككى بالا نېرىسىدا ئوينايدۇ.

    رازىخان موماي- بۇ ئىككىسى تەڭمۇ نېمە  دەيدۇ.

    پاتەمخان- تېخى بەشكە كىرمىدى دەيدۇ.

    رازىخان ھە بىزنىڭ شىرزاتتىن كىچىككەن ئەمىسە، ئوغۇلنىڭ بالىسمۇ قىزنىڭمۇ ؟

    پاتەمخان- قىزنىڭ دەيدۇ قاتىتىق بىر ئۇھسىنىدۇ دە گىپىنى باشلايدۇ.

    پاتەمخان- مېنىڭ بىر تاللا قىزىم بار، لىكىن بىزنىڭ ئائىلىمىز ئارانلاكۈن ئۆتكۈۋاتقان ئادەملەر بىز. شۇنداق بولسىمۇ خېلى قول ئىلكىدە بار قۇدىلارغا يۇلۇقتۇق. بىزمۇ ئۇلاردىن ئارتۇق نېمە تەلەپ قىلمىدۇق. پەقەت قىزىمىزنى ئۆز كۆرسىلا بولدى دەپ ئويلىدۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي نەۋرىلىك بولدۇق، بىز بالىلارنى بېقىپ بولدۇق دەپ ئويلاپتىمەن. بۇ  بالىنى بىزگە تۇغۇپ بەرگەندەك ئىش بولدى.

    ئەسلىمە

    13-        مەيدان 

    ئورنى- پاتەمخان موماينىڭ ئۆيى   ۋاقتى- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار- گۈلمىرە پاتەمخان موماي، نۇراخۇن بوۋاي.

    گۈلمىرە يۆگەكتىكى بالىنى كارۋات ئۈسىتگە  سىلكىپ  قۇيىدۇ.

    گۈلمىرە- ئاپا مەن بۇ بالىنى تۇغمىسام بوپتىكەن، نېمە ئەمدى ماڭا ئۆي خۇتىنى بولۇپ. كۈچنىڭ بارىدا پۇل تاپقىنىم ياخشى. بۇ بالىنى ساڭا بېرەي، سەن بالا قىلىۋالغىن. ئىشقىلىپ مەن باقمايمەن، ئويلىشىپ بولدۇم. بۈگۈن ئەكىلىپ بەردىم ئەمدى كېلىپمۇ يۈرمەيمەن دەيدۇ. بالىغا ئالىيىپ قاراپ قويىدۇ. بوۋاي ھەيرانلىق بىلەن غەزەپ بىلەن ئولتۇرىدۇ.

    پاتەمخان- نېمە دەۋاتىسەن. سېنىڭ باغرىڭنى يېرىپ چۈشكەن بالىغۇ بۇ، بالىدا نېمە گۇناھ ئەمدى. توۋا خۇدايىم توۋا خۇدايىم، ھازىرغۇ پۇل ئەسقاتار كېيىن مۇشۇ بالاڭ ساڭا ئەسقاتىدۇ. ئۇنداق دەپ كەتمە بالام، بۇ جاھان ئۇزۇن جاھان دەيدۇ يىغلامسىراپ.

    گۈلشەن- ئاپا، ماڭا قارا، سەن جىق گەپ قىلما بولدى،گەپنى ئوچۇق قىل، باقىمەن دېسەڭ قالسۇن، باقمىساڭ خەققە بېرىۋىتىمەن ھېچ بولمىغاندا يېتىملارنى يىغىۋىلىش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىمەن دەيدۇ. پاتەمخان ئاغزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قالىدۇ.

    پاتەمخان- مەن بالا باقماپتىمەن دادىسى مەن بالا باقماپتىمەن، ئۇ ئادەم ئەمەسكەن دەيدۇ بوش ئاۋازدا.

    بوۋاي،- ماڭ كەت، ئاغزىڭدىن شۇ گەپلەر قانداق چىقتى مەن سېنى مۇشۇنداق دېسۇن دەپ چوڭ قىلغانمۇ ؟

    دەيدۇ غەزىۋىنى باسالماي.

    گۈلمىرە- ئوھوش ئاپا، دادا مەن سىلەرنىڭ قۇرۇق گېپىڭلارنى ئاڭلىغىلى كەلمىدىم، ھەم سىلەر بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرىغان ۋاقتىممۇ يوق  بولدى بولدى ئۇنىمىساڭلار مەن كېتەي دەپ بالىنى ئېلىپ ماڭىدۇ، يولدا دەپ ماڭساممۇ بالىنى باقىدىغان بىرەرسى چىقىپ قالىدۇ دەپ بالىنى ئېلىپ ماڭىدۇ.

    بوۋاي-بالىنى  نەگە  ئېلىپ ماڭدىڭ ؟

    گۈلمىرە- ئىشقىلىپ ئۆزۇم باقمايمەن دەپ ماڭىدۇ.

     بوۋاي- ھۇي نائەھلى، قوي بالىنى دەپ بالىنى ئېلىۋالىدۇ.

    پاتەمخان بالىنى قولىغا ئالىدۇ- بىچارە بالام.

    گۈلمىرە- بولىدۇ ئەمىسە مەن كەتتىم دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    (ئەسلىمە تۈگەيدۇ).

    14-        مەيدان

    ئورنى:- مەھەلە ئىچى    ۋاقتى - چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار- پاتەمخان  ، رازىخان   شىرزات، زۇلخۇمار

    پاتەمخان قاتتىىق بىر ئۇھسىنىدۇ.

    پاتەمخان- شۇنداق قىلىپ بۇ بالا بىزنىڭ بالىمىز بولۇپ قالدى. ئاپىسى تۇرۇپ مۇشۇ ۋاققىچە بىرەر بىر كىلىپمۇ قويمىدى. ئانا كىشى تۇرۇپ شۇنداقمۇ باغرى قاتتىق بولامدىغاندۇ؟ كۆزىدىكى ياشنى يېنىك سۈرتىدۇ.

    رازىخان- ھازىرغىچە كەلمىدىمۇ، دەيدۇ ھەيرانلىق بىلەن سوراپ.

    پاتەمخان- كېلىپ باقمىدى  دەيدۇ  زۇلخۇمارغا قارايدۇ.

    رازىخان نەۋرە بېقىشنى بىزنىڭ ئىشىمىز دىسەك يۈك بولۇپ قالىدۇ، ھازىر بالىلارغۇ ئاپام دادام بار تاشلاپ بېرىدىغان بولۇپ قالدى، بىز پەقەت بىزنىڭ بارىمىزدا  تۇرمۇشىنى ئوڭشىۋالارمۇ ، ئىشىنالىسا ئۆي سېتىۋالامدىكىن، خىزمەتلىرىدە ياخشىراق نەتىجىلەرگە ئېرىشۋالامدىكىن  دېگەن مەقسەتتە قاراپ بېرىمىز، بىزنىڭ بالا باقىدىغان ۋاقتىمىز ئۈتۈپ كەتتى، ھازىرقى ۋاقتىمىز تىنىچ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋاقتىمىز. لېكىن بۇ بالىلار نېمە ئويلايدىكىن تاڭ دەيدۇ.

    پاتەمخان- نېمىلا دېگەن بىلەن بالا دېگەننىڭ ئىنسابىنى بەرسە بالىكەن، بولمىسا قۇيىڭە  ئۇنداق بالىنى دەيدۇ.

    15-        مەيدان

    ئورنى- پاتەمخاننىڭ ئۆيى    ۋاقتى- كەچ

    پىرسۇناژلار-  پاتەمخان، زۇلخۇمار، نۇراخۇن بوۋاي

    پاتەمخان  زۇلخۇمارنى يېتىلەپ كىرىدۇ.

    بوۋاي- كەلدىڭلارمۇ ؟ بالام، بۈگۈن نەگە بادىڭلار ؟

    زۇلخۇمار چۇچۇك تىللىرى بىلەن- ھېلىقى چىرايلىق يەرگە باردۇق، ھېلىقى ئاداش بىلەن  ئوينىدىم، بۇ ئويۇنچۇقنى ئۇ ئاداش بەردى دەپ قولىدىكى بىر كىچىك ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ.

    زۇلخۇمار ماشىنا ئويناش بىلەن كىرىشىپ  كېتىدۇ.

    بوۋاي- بۇ پۇلنى ئالە، بۈگۈن مائاش چىقىپتۇ. ئازىراق گۆش ئەكىلىپ قويدۇم، بۇنى يەنە بانكىغا سېلىپ قوي مۇشۇنداق ئاز-ئازدىن يىغمىساق زۇلخۇمارنىڭ كېينىكى ئوقۇشىغا تەسىرى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ساقالنى سۆرەپ پۇل سورىغىلى بولماس، ئازىراق جاپا ھېچنېمە بولمايدۇ، جاپا تارتقانغا ئۆلمەيدۇ كىشى دەيدۇ.

    پاتەمخان- بىلدىم دادىسى، بىلدىم، مەن ئادەم باقماپتىمەن، قاراڭە مۇشۇ ۋاققىچە بىرەر قېتىممۇ كەلمىگىنىنى. بالىمۇ بەشكە كىرەي دىدى، نېمانچە باغرى قاتتىقتۇ  دەيدۇ كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ.

    بوۋاي:- بولدى بولدى، ئېلىپ كېتىمەن دېسىمۇ سەن چىدامسەن  بولدى بولدى  چاي ئەكەلگىن چاي ئىچەي دەيدۇ.

    زۇلخۇمار ئويۇنچۇق ئويناۋىتىپ قوۇلىنى قىسۋالىدۇ. موماي چىقىپ زۇلخۇمارنى بەزلەيدۇ.

    16-        مەيدان

    ئورنى- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار- قادىر بوۋاي، رازىخان موماي، مىھراي، مەردان، شىرزات 

    ھەممەيلەن بىللە تاماقتا ئولتۇرىدۇ.

    شىرزات تاماقنى يېمەي چېچىپ ئولتۇرىدۇ. ھەممەيلەن تاماقنى يەپ بولىدۇ شىرزات يەنە چېچىپ ئولتۇرىدۇ.

    مەردان- سەن نېمە قىلىۋاتىسەن، ئاشنى تۈزۈك يېمەي. ئۇنداق قىلما بىلدىڭمۇ دەيدۇ قاپىقىنى تۈرۈپ. شىرزات ئاغزىنى ئۆمچەيتىپ بوۋاينىڭ ئالدىغا كىلىدۇ.

    بوۋاي- ئاشنى چاچقانغا نېمە بولىدۇ. كىچىك تۇرسا، ھازىر نېمنى بىلىدۇ. مەيلى ئاشنى چاچسا، بىز ھېچنېمە دىمەيمىز دەيدۇ ئاچچىقى كىلىپ.

    مەردان- دادا بالا  بۇنداق بولسا يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ.

    بوۋاي- بىز تەربىيلىگەن بالا يامان ئۆگەنمەيدۇ دەيدۇ. ھەممەيلەن بىر- بىرىگە قاراپ قۇيىدۇ.

    كەچقۇرۇن،

    مىھراي- بالام مىنى سۆيۈپ قۇيە بالام دەپ ئىڭىشىدۇ.

    شىرزات ياق دەپ بىر شاپلاق سالىدۇ. ئايىقىنى كىيىۋاتقان مەردان شىرزاتنىڭ قۇلىدىن قاتتىق تۇتىدۇ.

    مەردان- ئاپاڭنى ئۇرغۇدەك بولدۇڭمۇ ؟

    شىرزات يىغلاپ كېتىدۇ، مىھرايمۇ كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ.

    رازىخان بالىنى بەزلەيدۇ، ياندىكى ئۆيدىن بوۋاي چىقىپ قايناپ كېتىدۇ.

    بوۋاي- بالىنى مەن بېقۋاتىمەن، مەن چېغىمدا يىغلاتمايمەن، سىلەرنىڭ بۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغىرتىدىغانغا ھىچقانداق ھوقوقىڭلار يوق دەپ بالىنى ئىلىپ ئىچكىرىكى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ.

    مىھراي- ئاپا   بىز ماڭدۇق، دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    بوۋاي:- قارا بۇلارنى مېنىڭ ئالدىمدا بالىنى يىغلىتىپ. مېنىڭ نەۋرەم بۇ ئۆينى ئۆرۋەتسىمۇ مەيلى دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.

    رازىخان بالىنى ئۇخلىتىپ چىقىدۇ.

    رازىخان- بۇنداق دىمىسىلە دادىسى، بالا يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ. ھازىرقى بالىلارمۇ يامان بولۇپ كېتىپتۇ، چىرايىغا قاراپ ئىش قىلىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بالا دېگەن سەل چوڭلاردىن قورقمىسىمۇ بولمايدۇ.

    بوۋاي- ئاپىسى سىلى بۇ ئىشقا ئارلاشمىسىلا، دادىسى بولغاندىكىن چىرايلىق گەپ قىلمامدۇ، قارا قوپاللىقىنى، نېمىلا دېگەن بالا ئۇ

    18-مەيدان

    ئورنى- ماشىنا ئىچى    ۋاقتى- كەچ

    پىرسۇناژلار- مىھراي    مەردان

    مەردان:- بىز بالىنى ئەكىلىۋالايلى، بىز ئۆزىمىز باقمىساق بالا بەك ئەركە بولۇپ قاپتۇ. بۇنداق بولىۋەرسە ئوغۇل بالا يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ. داداملارغىمۇ جاپا سىلىپ يۈرمەيلى، ئاندىن تەييارلىق سىنىپقا بېرەيلى دەيدۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ.

    مىھراي- بولىدۇ. دەيدۇ ئالدىغا قاراپ خىيال سۈرىدۇ.

    19-مەيدان

    ئورنى- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى- كىچە

    پىرسۇناژلار- رازىخان، بوۋاي، شىرزات

    رازىخان ئالدىراش چىقىدۇ- دادىسى  دادىسى، شىرزات بەك قىزىپ كېتىپتۇ.

    بوۋاي:- تىز. تىز   دەپ كۈتىرىپلا ماڭىدۇ.

    رازىخان كەينىدىن چاپىنىنى تۈزۇك كىيمەيلا ماڭىدۇ.

    20- مەيدان

    ئورنى- ماشىنا ئىچى    ۋاقتى- كىچە 

    پىرسۇناژلار- مىھراي، مەردان

    ئىككىسى يۈگۈرۈپ ماشىنىغا چىقىدۇ، مىھراي چاچلىرىنى تۈزەشتۈرىدۇ.

    مىھراي- نېمە بولغاندۇ، تېزراق تېزراق، ھە راست ھازىر بالىنى ئەكىۋېلىشنى دىمەيلى بالا ساقايسۇن دەيدۇ.

    مەردا ن- ئىشقىلىپ تېزراق بولسۇن مىھراي بىلدىڭىزمۇ  دەيدۇ.

    21- مەيدان

    ئورنى- دوختۇرخانا    ۋاقتى- كىچە

    پىرسۇناژلار- بوۋاي، رازىخان، دوختۇرلار  مىھراي

    بالىنى جىددى قۇتقۇزىدۇ. بوۋاي تىتىلداپ ئۇياق-بۇياققا ماڭىدۇ. دوختۇر چىقىدۇ.

    دوختۇر- بالىغا قىزىل چىقىپتۇ، ئەنسىرمەڭلار، ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

     ئا كۆرىنىش

    بوۋاي  بىلەن رازىخان بالىنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. سېستىرا قىز ئۇكۇل ئۇرۇش ئالدىدا ئىدى.

    بوۋاي- ھەي ھەي خانقىز، ئاستىراق ئۇرۇڭ، نەۋرەمنىڭ قوۇلى ئاغرىپ كېتىدۇ دەيدۇ. سېستىرا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويىدۇ. ياندىكى رازىخانمۇ  سەل ھەيران قالىدۇ.

    مىھراي بىلەن مەردان  يۈگۈرۈپ  كىلىدۇ.

    مىھراي- ئاپا شىرزات قانداقراق؟ دوختۇر نېمە دەيدۇ ؟دەپ شىرزاتنىڭ يىنىغا كىلىدۇ.

    رازىخان- قىزىل چىقىپتۇ، ھازىر بۇ بوتۇلكىنى ئالماشتۇرۇپ  قويدى دەيدۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ.

    سېستىرا قىز كىرىدۇ.

    سېستىرا قىز- بۇ يەردە بىر ئادەم قالسۇن،

    بوۋاي- مەن بالىغا قاراي  سىلەر قايتىپ كېتڭلار دەيدۇ.

    مىھراي- دادا ،سىز قايتىڭ مەن قاراي، چارچاپ قالىسىز بولمىسا دەيدۇ.

    رازىخان- شۇ ئەمەسمۇ سىز قېرى جىنىڭىزغا بۇ يەردە قانداق تۇرۇپ بوۇلىسىز ؟ ئەتە  ئەتىگەندە كىلىڭ، ھازىر مىھراي قارىسۇن دەيدۇ.

    بوۋاي ئارتۇق گەپ قىلماي، كۆزى قىيمىغان ھالدا كېتىپ قالىدۇ.

    مەردان- مەن سىلەرنى ئاپىرىپ قوياي دەپ بىللە ماڭىدۇ.

    22-مەيدان

    ئورنى- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى كەچ

    پىرسۇناژلار- رازىخان موماي، قادىر بوۋاي

    قادىر بوۋاي ئۇخلىيالماي ئۇياق-بۇياققا ماڭىدۇ.

    رازىخان موماي چىقىدۇ.

    موماي- سىلى ئۇخلماملا ؟

    بوۋاي- شىرزات بالام بەك قىيلىنىپ كېتىپ بارامدىغاندۇ، ھەممىنى قىلغان مەردان، ۋاقىرمىغان بولسا ئاغرىپ قالمايتتى.

    موماي- قىزىل چىقتى دېدىغۇ، سىلىمۇ ئۇنداق تەتۈرلۇك قىلمىسىلا.

    23- مەيدان

    ئورنى- بالنىس ئۆيى   ۋاقتى- ئەتگەن

    پىرسۇناژلار-بوۋاي، شىرزات  رازىخان

    بوۋاي سۈت، نان، بولكا ئىلىپ كىلىدۇ.

    بوۋاي- يېڭى نان ساقلايمەن دەپ ھايال قالدىم، مىھراي خىزمەتكە كەتتىمۇ ؟

    رازىخان- شۇنداق. شىرزاتنىڭ قىزىتمىسى يېنىپتۇ.

    بوۋاي- شۇنداقمۇ ؟ بۇنى بالىغا چىلاپ بېرىڭلا دەپ قويۇپ  چىقىپ كېتىدۇ.

    رازىخان شىرزاتقا ناننى چىلاپ يىگۈزۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ.

    بوۋاي كىرىدۇ.

    بوۋاي- نېمە بولكىنى چىلىمدۇقما؟ ناننى يەپ نەۋرەمنىڭ ئاغزى ئاغرىپ كەتسە قانداق بولىدۇ دەيدۇ رەنجىپ.

    موماي- چىلىسا يۇمشايدىغۇ  ئۆزىمۇ ئىسسىق نانكەن تېخى دەيدۇ.

    شىرزات- مەن بولكا يەيمەن دەيدۇ،

    رازىخان سەل خاپا بولغاندەك قىلىپ چىنىنى قاتتىق قۇيىدۇ.

    24- مەيدان

    ئورنى- مىھراينىڭ ئۆيى    ۋاقتى- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار- مىھراي  

    مىھراي  تېلېفوندا  پاراڭلىشىدۇ. مىھراي- شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەمدۇ، سىزمۇ دىققەت قىلىڭ، پەخەس بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، مەن ھازىر شىرزاتقا  تاماق ئىلىپ ماڭدىم بولىدۇ خوش  دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    25- مەيدان

    ئورنى؛- ساقچىخانا    ۋاقتى- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار- مەردان   خىزمەتداشلار

    مەردان يۈگۈرۈپ كىلىدۇ، تەييارلىق  پۇتتىمۇ، ئاتلىنايلى  دەپ ھەممسى ماشىنىلارغا چىقىپ ماڭىدۇ.

    26- مەيدان

    ئورنى:- مەھەلە ئىچى    ۋاقتى- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار- پاتەمخان    زۇلخۇمار 

    پاتەمخان بىلەن زۇلخۇمار ئىككىسى مەھەللە ئىچىنى بىردەم ئايلىنىدۇ. زۇلخۇمار- بۈگۈن شىرزات چىقمايدىكەن ھە  دەيدۇ.

    پاتەمخان- شۇنداق. ئۇلار بازارغا كەتكەن ئوخشايدۇ، بىز ئەتە كىلەيلى ھە  دەيدۇ.

    ئىككىسى ئالدىرىماي كېتىپ  قالىدۇ زۇلخۇمار نەچچە كەينىگە قاراپ ماڭىدۇ.

    27- مەيدان

    ئورنى- پاتەمخاننىڭ ئۆيى   ۋاقتى- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار- نۇراخۇن بوۋاي      زۇلخۇمار، پاتەمخان موماي

    بوۋاي قولىدا كىچىك بالا قونچاقنى كۆتىرىپ كىرىدۇ.

     بوۋاي- بۇنى زۇلخۇمارغا سېتىۋالدىم دەيدۇ، زۇلخۇمار ياندىكى ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىدۇ.

    زۇلخۇمار- بۇنى ماڭا ئەكەلدىڭىزمۇ چوڭ دادا دەيدۇ كۈلكىسىنى باسالماي.

    پاتەمخان- قارىسىلا بۇ بالىنىڭ خوشال بولۇپ كەتكىنىنى دەيدۇ چاي راسلايدۇ.

    بوۋاي قوللىرىنى يۇيۇپ داستىخانغا كىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    بوۋاي- بالىنى ئەسلىدە تەييارلىق سىنىپقا بەرسەك بولاتتى. لېكىن مېنىڭ ئۇ ئاز 300 كوي مائاشىم  ھەي  دەيدۇ ئۇھسىنىپ بىر يۇتۇم چاي ئىچىدۇ.

    زۇلخۇمار- چوڭ دادا، مەن چوڭ بولغاندا سىلەرنى باقىمەن، مەن مەكتەپكە بارسام چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن. 

    بوۋاي بىلەن موماي بىر - بىرىگە  قاراپ قويىدۇ.

    موماي- بالام شىكەر سېلىپ بېرەيمۇ ؟دەيدۇ گەپنى باشقا يەرگە بۇراپ.

    زۇلخۇمار- نېمىشقا دادام ئاپاملار كېلىپ مېنى كۆرمەيدۇ ؟

    موماي- بالام چىيىڭىزنى ئېچىڭ بالام ھە  دەيدۇ.

    زۇلخۇمار- ئۇلار قاچانلىققا كېلىدۇ ؟

    موماي كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ.

    زۇلخۇمار گەپ قىلماي جىم بولىۋالىدۇ، موماي ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كېتىدۇ.

    ئا  كۆرىنىش

    پاتەمخان زۇلخۇمارنى  ئۇخلىتىپ قويىدۇ. پاتەمخان زۇلخۇمارغا قاراپ خىيال سۈرىدۇ.

    ئەسلىمە

    زۇلخۇمار قاتتىق ئاغرىپ قالىدۇ. بوۋاي بىلەن پاتەمخان پاي پىتەك بولۇپ كېتىدۇ. بوۋاي-يىنىمدا مۇشۇلا پۇل باركەن. يەتمىسە بانكىدىكى پۇلنى ئالايلى دەيدۇ.

    پاتەمخان- ئۇ بالىنىڭ ئوقۇش پۇلى، ئۇنى ئالساق قانداق بولىدۇ.ئاۋۋال 30 كويغا دورا ئەكىلەيلى پەقەت بولمىغاندا ئالارمىز دەيدۇ دە ئۆيدىن چىقىدۇ.

    28- مەيدان

    ئورنى- دورىخانا    ۋاقتى- كۈندۈز 

    پىرسۇناژلار- گۈلشەن، پاتەمخان، باشقىلار 

    دورىخانىدا گۈلشەنمۇ  دورا ئىلىۋاتقان ئىدى. پاتەمخان قايسى دورىنى ئىلىشنى بىلمەي ئايلىنىپ يۈرەتتى. گۈلشەن بىلەن يانمۇ-يان بولۇپ دورا كۆرىدۇ، گۈلشەنگە قارىمايلا-خانقىز، قايسىسى قىزىتما قايتۇردىغان دورا دەپ سورايدۇ. گۈلشەنمۇ ناھايتتى چاققانلىق بىلەن پاتەمخانغا قارىمايلا دورىنى ئىلىپ بېرىدۇ.

    پاتەمخان- رەھمەت خانقىز دەپ گۈلشەنگە قارايدۇ. ئىككىسى بىر-بىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىدۇ.

    گۈلشەن- سەن  دەيدۇ قوپاللىق بىلەن.

    پاتەمخان- سەن، جىنىم بالام، قىزىڭ چوپ –چوڭلا بولۇپ كەتتى، بېرىپ كۆرۈپ كەلگىن، سىزنى تۇنىۋالسۇن  تۈنۆگۈندىن بېرى قىزىپ كەتتى. دەيدۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ.

    گۈلشەن- نېمىلەرنى دەۋاتىسەن مېنىڭ نەدىمۇ قىزىم بولسۇن، دورا ئالىدىغان پۇلۇڭ بولمىسا ئېنىق دېگىن، بۇنداق يوق گەپلەرنى قىلماي  ئالە دەپ 100 كوينى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ. پاتەمخان جايىدا قېتىپ تۇرۇپلا قالىدۇ.

    29- مەيدان

    ئورنى- پاتەمخاننىڭ ئۆيى   ۋاقتى- كۈۈندۈز

    پىرسۇناژلار- نۇراخۇن، پاتەمخان   زۇلخۇمار

    پاتەمخان بىرمۇنچە دورىلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. زۇلخۇمارغا ئىچكۈزىدۇ. زۇلخۇمار ئۇخلاپ قالىدۇ.

    نۇراخۇن- ئەجەپ جىق دورىلارنى ئەكەپسەنغۇ ؟

    پاتەمخان- ھازىرقى بالىلارنىڭ ئىنسابى بارمىدۇ ؟ گۈلشەن ئۇچىردى شۇ بەردى.

    ئا  كۆرىنىش

    زۇلخۇمار چاي ئىچمەكچى بولۇپ تۇرىدۇ دە ئاستا كىلىپ گەپكە قۇلاق سىلىپ قالىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    پاتەمخان- زۇلخۇمارنىڭ گىپىنى قىلسام، مېنىڭ بالام يوق دەپ مېنى قارلاپ كەتتى، ئۆزنىڭ باغرىنى يېرىپ چۈشكەن بالىغۇ. ھەي.. زۇلخۇمارنىڭ ئەقىللىقلىقى، كىشنى سۈيۈندۈرىدۇ. بۇ بالىنى خۇدايىم بىزگە بۇيرىغان ئوخشايدۇ.

    س كۆرىنىش

    زۇلخۇمار جايىدا قېتىپ تۇرۇپلا قالىدۇ. كەينىگە ئۆرىلمەكچى بولۇپ ئورۇندۇقنى ئۆرۋىتىدۇ، پاتەمخان يۈگۈرۈپ كىرىدۇ.

    زۇلخۇمار- قۇرسىقىم ئىچىپ كەتتى دەپ يىغلىۋىتىدۇ.   ئەسلىمە تۈگۈيدۇ. 

    د كۆرىنىش

     پاتەمخان زۇلخۇمارنى پەپىلىگەچ بىللە ئۇلاپ قالىدۇ.

     

    30- مەيدان

    ئورنى- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى     ۋاقتى- كەچ

    پىرسۇناژلار- بوۋاي، رازىخان

     بوۋاي ئىشىكىنى ئاستا يېپىپ چىقىدۇ.

     بوۋاي- بالىنى ئېلىپ كېتىپ باقىمىز دەيدۇ تېخى...ئۆزىمۇ بالىغا ئوخشاش تۇرسا قانداقمۇ بالا باقىدۇ.خىزمەتلىرنى ياخشى ئىشلىسىلا بولمىدىمۇ.

    رازىخان- سىلىغۇ ئۇنداق دەيلا. بالىنى ئاتا-ئاناسى ئۆزى باقسا ياخشىراق. بولمىسا ئاتا-ئانىنىڭ گىپىنى  ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    بوۋاي- بولدى، بولدى، بالا بېقىش ئېغىر كەلگەن بولسا ئۆزۇم باقىمەن دەپ كىرىپ كېتىدۇ.

    موماي- بۇ ئادەمگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ  ھەي دەيدۇ ياغلىقىنى ئوڭشىغاچ كەينىدىن كىرىپ كېتىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.