‹ئا› ماركىلىق چىش پاستىسى

يوللىغۇچى : xjtxn يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-22 10:17:55

ياخشىمۇ سىلەر دوستلار !تۇرمۇش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئېلان سىنارىيىسىمۇ تەرەققىي قىلىپ بارماقتا ، بولۇپمۇ چەتئەل ئېلان سىنارىيىسىنىڭ ۋەقەلىكى ، سۈرەت ئىلىش بۇلۇڭ گىرادۇسى ، ئاۋاز ئۆل...



    ياخشىمۇ سىلەر دوستلار !

    تۇرمۇش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئېلان سىنارىيىسىمۇ تەرەققىي قىلىپ بارماقتا ، بولۇپمۇ چەتئەل ئېلان سىنارىيىسىنىڭ ۋەقەلىكى ، سۈرەت ئىلىش بۇلۇڭ گىرادۇسى ، ئاۋاز ئۆلچىمى ناھايتى ياخشى بولۇپ، بىر كۆرگەن كىشى يەنە بىر قېتىم كۆرگۈس كىلىدۇ .
    بىز ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزدا مەھسۇلاتنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بولۇپ كىتىپ ، ئىشلىمەكچى بولغان ئېلاننى ھىچقانداق قىزىقتۇرۇش كۈچى يوق بىر مەنىسىز ئېلانغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق .
    تەسەۋۇر ئۆلچىمىدە بىزنىڭمۇ باشقىلارنى بېسىپ چۈشكىدەك ئالاھىيدىلىكىمىز بارلىقىنى بىز تېخى ھېس قىلىپ يىتەلمىدۇق .

    ئېلان سىنارىيىسى : ‹ ئا › چىش پاستىسى
    ۋاقتى : 30 سىكۇنىت
    ئورنى : مەلۇم شىركەتكە چىقىش لىفىت ئىچى
     

    1- كۆرۈنىش : 1- كۈنى ئىشقا ئالدىرغان ھەسەن يۇگۈرگەن ھالەتتە لىفىتىغا ئاران ئۈلگۈرىدۇ. لىفىت ئىشكى يېپىلىدۇ .
    2-كۆرۈنىش : ھېرىپ كەتكەن ھەسەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالىدۇ. تۇيۇقسىز ئەتراپدىكىلەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىرخىل بىئاراملىق تۇيغۇسىدا لىفىت تۇنجى توختىغان قەۋەتتە چۈشۈپ قالىدۇ.(ھەسەن ئۆزى يالغۇز لىفىت ئىچىدە قالىدۇ )
    3-كۆرۈنىش : 2-كۈنى ئىشقا يەنە ئالدىرغان ھەسەن لىفىتقا قاراپ يۇگىرەيدۇ . لىكىن بۇ قېتىم باشقىلار ئۇ كېلىپ بولغۇچە لىفىت ئىشكىنى يىپىۋىتىدۇ .
    4-كۆرۈنۈش : مەھسۇلات ئېلانى
    شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان مۇسۇلمانچە ‹ئا› ماركىلىق چىش پاستىسى ئېغىزىڭىزدىكى غەيرى پۇراقنى يوقۇتۇپ تۇرمۇشىڭىزغا پاكىزلىق ئاتا قىلىدۇ .
    5-كۆرۈنىش :3 -كۈنى باشقىلارنىڭ لىفىتقا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ھەسەننىڭ كۆرۈنىشى ، لىفىت تاقىلىدۇ ، ھەسەن قەستەن 3-4 نى چوڭقۇر نەپەس ئىلىپ باقىدۇ ، كىشىلەر پەرۋاسىز لىفىت چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىۋاتقان سانغا قاراپ ئېلان تامام بولىدۇ .
    بۇ ئېلانغا سىنارىيىسىدىكى ھەسەن چوقۇم چىراي ئىپادىلىرىنى ھەرخىل ئۆزگەرتەلەيدىغان سەنئەت تۇيغۇسىغا باي بولۇشى كېرەك .(ماڭا ئوخشاش)

    http://v.yahxi.com/index.php/playlist/view/323
     

    مەن يەنە ‹ ئۈمىد يۇلتۇزى › ۋە ‹ ئالىي مەكتەپ › ناملىق ئىككى ۋەقەلىكى قىزىقارلىق ، ئاچچىق كۈلكە ئارقىلىق جەميىتىمىزدىكى ئۆسۈپ يىتىۋتقان ياش ئۆسمۇرلەنىڭ بالدۇر مۇھەببەت قوينىغا كىرىپ كەتمەسلىكى ، بىلىم ئىگەللىشى توغرىسىدا كىنو سىنارىيىسىنى يېزىۋاتىمەن ، قىزىقىدىغان فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرىنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمەن .

    ئۆزۈم ھەققىدە
     

    ئىسمىم :دىلشات ئەرشى 

    خىزمىتىم : كىپ ئاپراتلىرىنى ئاسىراش رېمۇنت قىلىش ( كومپىيۇتېر ئارقىلىق كونتىرول قىلىنىدىغان زاۋۇت قۇرۇلمىلىرىنى تەڭشەش ، قوراشتۇرۇش ،رېمونت قىلىش)

    قىزىقىشىم :كارتون ئىشلەش، سەنئەت ، كومىدىيە

    ئالاھىيدىلىكىم : مول تەسەۋۇر ، بازار ئېچىش ، رول ئېلىش

    تېلفون نۇمۇرىم :13201055200  چ چ : 1310313 

     

    ئەسكەرتىش :

    مەن سىز ئۈچۈن ھەرقانداق كىنو -ئېلان سىنارىيىلىرىنى يېزىپ بېرىمەن ، خىزمەت ئورنۇم مۇقىم بولغاچقا ،توردا ‹خىزمەت توختامى› تۈزسەك بولىدۇ . 
    سز مەن بىلەن ‹خىزمەت توختامى› تۈزمەكچى بولغان بولسىڭىز بۇرۇن ئىشلىگەن كىنو ياكى تىلۋىزىيە ئېلانلىڭىزنى ماڭا چوقۇم كۆرسىتىشىڭىز كېرەك ، چۈنكى ھازىر نامدا بار ئەمەلدە يوق ئۈن - سىن شىركەتلىرى كۆپىيىپ كەتتى ، مەن يازغان كىنو ياكى ئېلان سىنارىيىسىنىڭ سۈپەتسىز سىنارىيىگە ئايلىنىپ كىتىشىنى خالىمايمەن .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.