ھاشىمنىڭ 18-خوتۇنى (3)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-27 09:50:16

18- مەيدانئورنى:- ھاشىمنىڭ ئۆيى. ۋاقتى: كۈندۈزپېرسۇناژلار:- ھاشىم.ھاشىم ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا تېلېفون سايرايدۇ. ھاشىم ئاستا كىلىپ تېلېفوننى ئالىدۇ.ئايال:- ياخشىمۇ سىز دەيدۇ.ھاشىم:- ياخشىمۇ سىز دەيدۇ...

    18- مەيدان

    ئورنى:- ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم.

    ھاشىم ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا تېلېفون سايرايدۇ. ھاشىم ئاستا كىلىپ تېلېفوننى ئالىدۇ.

    ئايال:- ياخشىمۇ سىز دەيدۇ.

    ھاشىم:- ياخشىمۇ سىز دەيدۇ.

    ئايال:- مەن بۇ نومۇرنى لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنىدىن بىلگەن ئىدىم. مەن ھاشىمنى ئىزدەيمەن دەيدۇ.

    ھاشىم:- ھە، شۇنداقمۇ، مەن شۇ، مەن.

    ھاشىم غىڭشىپ ئۆيلەرنى ئالمان – تالمان يىغىشتۇرىدۇ.

    19- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.  ۋاقتى:- كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، ئابلەت، رىشىت، يۈسۈپ.

    4 سى يىغىلىشىپ كورت ئوينايدۇ.

    رىشىت:- توي قىلۋالغىنىڭ ياخشى بولدى جۇمۇ. ئازىراق بولسىمۇ غېمىڭ ئازلايدۇ دەيدۇ. كورتتىن بىرنى تاشلاپ.

    ھاشم: راست دەيسەن دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- بۇ ئايالىڭ قانداقراقكەن. بولامدىكەن دەيدۇ.

    ھاشىم: بولمامدىغان، ئوتتۇرا بارماقتەك دىگىنا دەيدۇ كۈلۈپ.

    ئابلەت:- ئەجەپ تېزلا ماختىۋەتتىڭغۇ، ياخشى ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلىدۇ دېگەن گەپ بار. ھازىر ماختاشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ، دەيدۇ.

    رىشىت:- شۇنداق، شۇنداق، خۇتۇن كىشىنىڭ بىر يېنىغا قارىسا تۇققان، بىر يېنى يات دەيدىغان گەپ بار. ئايال كىشىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ. ئايالىڭغا كۆڭلۈڭنى بەرمە چىرايىڭنى بەر دىگەن گەپمۇ بار دەيدۇ.

    ھاشىم:- يەنە مۇنداق گەپمۇ بارمۇ. بالىلىرىمنىڭ ئاپىسىغا ئۇنداق قىلمايتتىم دەيدۇ.

    رىشىت:- ئۇ دىگەن بالىلىرىڭنىڭ ئاپسى، ساڭا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، بۇندىن كېيىنكىسى ئوخشىمايدۇ دەيدۇ. ئابلەت كورتلارنى يىغىشتۇرىدۇ.

    20- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار:- قەمبەرگۈل

    قەمبەرگۈل ھۆل قولىنى كىيىمىگە مۇنداقلا سۈرۈشتۈرۈپ تېلېفوننىڭ يېنىغا ئولتۇرىدۇ. تېلېفون ئۇرىدۇ.

    قەمبەرگۈل: ۋاي، ۋۇي خېنىم، ياخشى تۇردىڭمۇ، ئېرىڭچۇ، تېچلىقمۇ؟ بالىلىرىڭچۇ؟ ھە، مېنى دەمسەن. مەنمۇ ياخشى، ھە شۇنداق. قارا ئاداش، ھاشىم دەپ بىرەيلەنگە تېگىۋالدىم قارا، قايسى كۈندىكى ئولتۇرۇش راسا قىزىغاندۇ ھە؟ سەن كۆپ ئىچۋاپسەنما شۇنداقمۇ بۇلىدۇ. بۇلىدۇ. تېلېفونلىشىپ تۇرايلى ئەمىسە، تېلېفوننى قويىدۇ، يەنە ئۇرىدۇ.

    قەمبەرگۈل:- ھەي خېنىم دوستەك، يوقاپلا كەتتىڭ. نىمىلەرنى قىلىپ يۈرىيسەن. ئەتە ئۆگۈن ئىچىدە بىر يىغىلىش قىلىپ ئولتۇرساق بولمامدۇ. ھەئە، ماۋۇ گېپىڭ جايىدا شۇنداق بولسۇن. باشقىلارمۇ بالدۇراق خەۋەر تېپىۋالسۇن دەيدۇ. يەنە ئۇرىدۇ.

    قەمبەرگۈل:- خېنىم قەدىنىسىم بارمۇسىز، سىزگە نۇمىرىمنى دەپ بېرەي دەپ تېلېفون قىلغان. ئۆزىڭىزچۇ؟ تىجارىتىڭىزچۇ ياخشىمۇ؟ ھە بولىدۇ.

    بۇ ۋاقىتتا، قەيسەر بىلەن باتۇر مەكتەپتىن كېلىدۇ، قەمبەر بۇلارغا قارىماي سۆزىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. باتۇر بىلەن قەيسەر بىر – بىرىگە قارىشىپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلماي كىرىپ كېتىدۇ.

    يەنە ئۇرىدۇ.

    قەمبەر:- تېچلىقمۇ، ئادىشىم، مەنمۇ ياخشى قارا، يەنە بىرسىگە تېگىۋالدىم، مۇشۇنداق ئەردىن ئەرگە چىقىپلا يۈرىيدىغان ئوخشايمەن. دەيدۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ.

    يەنە:- بولىدۇ، تېلېفون قىلارسەن دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    يەنە ئۇرىدۇ.

    قەمبەر:- تېچلىقمۇ ئاچاممۇ مەن قەمبەر، ياخشى تۇردۇڭمۇ دەيدۇ.

    قارشى تەرەپ: ھە، قەمبەرمۇ؟ يەنە نېمە يوقىلاڭ تېلېفون قىلىپ يۈرىيسەن، سەن تۇلا كەلسە، كەلمەس تېلېفون قىلىپ يۈرمە، قايسى بىر ئېرىڭ سېنىڭ مۇشۇ ئىشىڭ توغرۇلۇق سەندىن ئاجراشقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ، بۇنى بولسىمۇ چىڭراق تۇت، ئايال كىشىگە سەت، ئەر كىشىگە كۆپ خوتۇن ئېلىشنى ياراشقان قىلىپ ياراتقان. ئايال كىشى ئاجىزمىز، ئۇيات بولىدۇ ئۇيات.

    قەمبەر:- ئاچا دەيدۇ.

    قارشى تەرەپ:- مەن ياخشى تۇرۋاتىمەن، ئىش بولسا مەن ساڭا تېلېفون قىلىمەن خوش دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    قەمبەر ئۈزۈلگەن تېلېفونگە قاراپ ئالىيىپ قويىدۇ.

    كەچقۇرۇن

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، قەمبەر.

    تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ. تېلېفون سايرايدۇ.

    قەمبەر:- مەن ئالاي دەپ يۈگۈرۈپ بېرىپ تېلېفوننى ئالىدۇ.

    قەمبەر:- تېچلىقمۇ دەيدۇ.

    قارشى تەرەپ: تېچلىقمۇ مەن روشەن دەيدۇ.

    قەمبەر:- ۋاي روشەنمۇ؟ قانداق ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ دەيدۇ كۈلۈپ.

    روشەن:- سەن بىلەن مۇڭداشقىم كېلىپ تېلېفون قىلغان، قاچان ۋاقتىڭ باركىن دەيدۇ.

    قەمبەر: شۇنداقمۇ ياخشى بوپتۇ، ئەتە ئۆيگىلا كېلەمسەن يە دەيدۇ.

    ھاشىم بىر قاراپ قويىدۇ يەنە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.

    قەمبەر: ئۇنداق بولسا ئەتە يولۇڭغا قارايمەن. دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

     

    ئورنى؛ ھاشىمنىڭ ئۆيى. (مېھمانخانا ئۆي)

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، قەمبەر، روشەن.

    قەمبەر بىلەن روشەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىشىدۇ. ئۈستەلدە ھەرخىل نازۇ نىمەتلەر تىزىلغان، 3-4 خىل قورۇمىلار بىردىن كۆرسىتىلىدۇ. قەمبەرنىڭ ئالدىدا ھاراق ھەم رومكىلار بار. روشەن ئىچىپ خېلى تەڭشىلىپ قالغان ئىدى.

    قەمبەر:- بىر پەدە چېلىپ بەرمەمسەن دوستەك دەپ ئورندىن تۇرۇپ دوتتارنى ئالىدۇ. روشەنگە سۇنىدۇ.

    روشەن دوتتارنى ئېلىپ سازلاپ خالىغان مۇزىكىغا چالىدۇ. ئالدىدىكى ھاراقنى گۈپپىدە ئىچۋېتىدۇ.

    قەمبەرمۇ:- خوشە دەپ نوۋىتىنى ئىچۋېتىدۇ.

    قەمبەر؛- بۇ ئېرىڭنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدىڭ. مەنمۇ ئەرنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدىم. خېى كۆرگىلىكىمىز بار ئوخشايدۇ. بۇ ئۆيگە كېلىپ بىر راھەت كۆرەرمەن دىسەم، بۇنىڭمۇ بىر كۈنى بىر كۈنىگە ئاران ئۇلىشىدىكەن دەيدۇ.

    روشەن:- شۇنى دىگىنە، ھەممىسى ئەرنىڭ دەردى. ئۆي تۇتساڭ بالادا قالدىڭ. تۇتمىساڭ تالادا دەپ، بىز خوتۇن خەق ئەر كىشىنىڭ دەردىنى تارتىش ئۈچۈن يارالغان ئوخشايمىز دەيدۇ.

    قەمبەر:- راست دەيسەن، بىز خوتۇن خەق ناھايىتى كەلسە ئەر كىشى تاشلاپ ئوينايدىغان ئوشۇق دەيدۇ.

    روشەن؛- مەن ھازىر ئاجراشتىم. يەنە ئەرگە تەگمىسەم بالامنى يالغۇز باقالمايمەن. ياخشىراقىغا ئۇچرىسام بەختىم، مۇنداقرالىرىغا ئۇچرىغىنىم تۈگەشكىنىم دىگىنە. ۋاي دەردىم دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    قەمبەر:- بولدى يىغلىما، خۇدايىم بىزنىمۇ بەخىتسىز قىلىپ قويماس دەيدۇ.

    روشەن:- يىلدىن يىلغا بەتەر دىگەن گەپنى بىلەمسەن، ناچىرى چىقسا چىقىدىكىن، ھەرگىز ياخشىسى چىقمايدۇ. بىلدىڭمۇ، دەپ يېشىنى سۈرتىدۇ.

    21- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ مەھەللىسى.    ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم

    ھاشىم يېنىپ كېلىدۇ. ھاشىم ئىشىكنى ئۇرىدۇ.:- كۈندۈزدىمۇ ئىشىكنى تاقىۋالامدۇ دەيدۇ ئۆز – ئۆزىگە.

    ئىشكنى ئۇرىدۇ:- قەمبەر، قەمبەر دەپ چاقىرىدۇ.

    قەمبەر؛- ھە، مانا، مانا دەپ چىقىدۇ.

    22- مەيدان

    ئورنى: ھاشمنىڭ ئۆيى.  ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، قەمبەر، روشەن.

    روشەن ئىچىپ خېلى تەڭشىلىپ قالغان ئىدى. ھاراقلار يىغىشتۇرۋېتىلگەن. ھاشىم بىلەن قەمبەر كىرىدۇ. ھاشىم كۈپكۈندۈزدە ئىشىك تاقىۋالسىڭىز قانداق بولىدۇ. قوشنىلار كىرمەمدۇ ئۆي دىگەنگە دەيدۇ. روشەن ئورندىن تۇرۇپ كۆرىشمەكچى بولىدۇ.

    روشەن:- تېچلىقمۇ دەيدۇ دەلدەڭشىپ چاينى تۈكۋېتىدۇ.

    ھاشىم:- ھوي، ھوي، كۆپ ئىچۋالدۇقمۇ نىمە دەيدۇ چاقچاق قىلىپ.

    روشەن:- ئانچە ئەمەس دەيدۇ ئارانلا ئولتۇرۋالىدۇ.

    ھاشىم:- بۇ نېمە گەپ دەيدۇ قەمبەرگە قاراپ.

    قەمبەر نېمە قىلارىنى بىلمەي تەمتىرەپ كېتىدۇ. ھاشىم چىقىپ كېتىدۇ.

    قەمبەر:- بۇ... بۇ ....دەيدۇ كىكەچلەپ.

    23- مەيدان

    ئورنى:- قاسىم ھاراقكەشنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، مەريەمخان، قاسىم.

    كارۋاتتا يىغىقسىز ئورۇن بار ئىدى. مەريەمخان بىلەن ھاشىم دەرقەمدە ئولتۇرىدۇ.

    ھاشىم: دوختۇرغا كۆرۈنۈپ خېلى كۆپ چىقىم تارتتىلا، ئېشىنغان بولسام مەن داۋالىتىپ قويسام بولار ئىدى دەيدۇ.

    مەريەمخان:- بولدى بالام، بولدى، ھېلىمۇ سەن داۋاملىق يوقلاپ تۇرىسەن، مېنىڭ بالامغا قارىغىنە، بالا دىگەننىڭ ئىنسابىنى بەرسە بالاكەن، ئىنسابىنى بەرمىسە نېمە ئۇ. خۇتۇن ئەپ بەرسە ئوڭشاپ ئۆيمۇ تۇتالمىسا خوتۇنىغۇ يامانلاپ كەتتى، ئىككى كۈندە بىر ئىچىۋېلىپ خاپا سېلىۋاتسا، سەن مېنىڭ ھېچنىمەم ئەمەس، دەيدۇ.

    ھاشىم:- ئۇنداق دىمىسىلە، مەريەمخانئاچا، مەھەلىمىزدىكى چوڭلىرى، ئاپىمىز ئورنىدا بولۇپ قالدىلا، شۇنچە ئۇزۇن بىر يەردە ياشىدۇق، بىزنىڭ سىلىگە قارىمىقىمىز ھەقتۇر. دەيدۇ. مەريەمخان يىغلاپ يېشىنى سۈرتىدۇ.

    مەريەمخان:- بۇ ئايالىڭنى ئەكەلگىلى قانچىلىك بولدى، دەيدۇ.

    ھاشىم:- ئۈچ ئاي بولاي دىدى دەيدۇ.

    مەريەمخان:- بالىلارنىڭ ئاپسىغا يەتمەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ كۆپ ئىشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتكۈزۋەت، بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلامدۇ؟

    ھاشىم:- ھەرھالدا ياخشى دەيدۇ.

    مەريەمخان:- ئاتا – ئانا تەربىيىسى مۇھىم. بولۇپمۇ ئانا تەربىيىسى. مانا، بىز بىر ئوغۇل دەپ بېشىمىزدا كۆتۈرۋېدۇق نېمە بولدى قاراپ باقە دەيدۇ.

    ھاشىم:- بەك ئىچىلىرىگە ئېلىپ كەتمىسىلە، سالامەتلىكلىرىگە ياخشى بولمايدۇ. ئۇمۇ ياخشى بولۇپ كېتەر بىر كۈنى، ياشلىق ئەمەسمۇ.... مەن ئۆيگە چىقاي، دوختۇرغا بارىدىغان ئىش بولسا، خەۋەر قىلسا، مەن ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ قويىمەن دەپ ماڭىدۇ.

    مەريەمخان:- تاماق ئىتىمەن دىسەم ئۇنىمىدىڭ بالام، دەي ئۇزىتىدىغانغا ئورنىدىن تۇرىدۇ.

    قاسىم دەلدەڭشىپ كىرىپ كېلىدۇ.

    قاسىم:- مەن كەلدىم دەپ ئۆيگە كىرىپلا يىقىلىدۇ.

    ھاشىم:- ھوي، ھوي، قارا. يەنە ئىچىۋاپسەنغۇ، دەپ يۆلەشتۈرىدۇ.

    مەريەمخان:- ھەي ھايۋان يەن ئىچىپسەنغۇ، دەيدۇ يىغلامسىراپ.

    قاسىم:- ئاپا، قاقشىما سېنى بارغۇ مەن ھەرەمگە ئاپىرىمەن، ھەرەمگە دەيدۇ جۆيلۈپ.

    ھاشىم:- بولدى، بولدى دەپ ياتقۇزۇپ قويىدۇ.

    قاسىم:- ئاپا سېنى مەن ھەرەمگە ئاپىرىمەن ھەرەمگە دەيدۇ.

    مەريەمخان:- ھاشىم بالام، قارىغىنا بۇنىڭغا ھايۋاندىن نېمە پەرقى دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    ھاشىم:- كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا، ئۇخلاپ قوپسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ مەن چىقاي دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    24-مەيدان

    ئورنى:- ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى:- كەچ

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، قەمبەر، قەيسەر، باتۇر.

    ھەممەيلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ.

    ھاشىم:- قەيسەر تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلەپ بولدۇڭمۇ دەيدۇ.

    قەيسەر:- ھەئە، دەيدۇ.

    ھاشىم: - باتۇر سەنچۇ  دەرسلەرگە يىتىشىۋالدىڭمۇ، تەسمۇ دەيدۇ.

    باتۇر:- ھەئە، ئانچە تەس ئەمەس دەيدۇ.

    ھاشىم:- ھە، راست، ھېلىقى كۈندىكى دوستىڭىز بىلەن بېرىش – كېلىش قىلمىغانسىز دەيدۇ قەمبەرگە قاراپ.

    قەمبەر:- ھە، ياق، دەيدۇ سەل كىكەچلەپ.

    ھاشىم:- ئاغىنەمدىن ئاڭلىشىمچە بۇ گەپ بىر ئۇلۇغ زاتنىڭ قالدۇرغان سۆزىكەن. سىلەر ھەممىڭلار ئاڭلاپ قويۇڭلار. يۈز ئابرۇيىڭنى ساقلايمەن دىسەڭ پەزىلەتلىك ئادەملەرگە يېقىنلاشقىن. يامان توپقا كىرگەندىن يالغۇز يۈرگەن ئەۋزەل دىگەن دەيدۇ.

    قەيسەر بىلەن باتۇر بىر – بىرىگە قاراپ قويىدۇ. قەمبەر چاندۇرماي ھاشىمغا قاراپ قويىدۇ.

    25- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى  (مېھمانخانا ئۆي)،  ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پېرسۇناژلار: - ھاشىم، قەمبەر.

    ھاشىم تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ. قەمبەر ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قولىنى سۈرتكەچ كىرىدۇ.

    قەمبەر:- بۈگۈن ساۋاقداشلار يىغىلىش چېيى قىلغان ئىدى. بېرىپ كەلسەم بولامدۇ، دەيدۇ بوش ئاۋازدا.

    ھاشىم:- نەدە دەيدۇ.

    قەمبەر:- بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆيىدىكەن دەيدۇ.

    ھاشىم:- بەك كەچ قالمايلى ئەمىسە دەيدۇ.

    قەمبەر:- بولىدۇ، دەيدۇ كۈلۈپ قويۇپ ھوجۇرا تەرەپكە ماڭىدۇ.

    قەمبەر جابدۇنۇپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. ھاشىم بىردەم تېلىۋىزور كۆرىدۇ. بىر ھازادىن كېيىن ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ كېتىدۇ.

    26- مەيدان

    ئورنى:- بازار ئىچى.   ۋاقتى:- چۈشتىن كېيىن

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، مال ساتقۇچى، باشقىلار.

    ھاشىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ بازار ئىچىگە كىرىدۇ. ماشىنىسىنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇياق – بۇياققا قارايدۇ، ناھايىتى كاتتا بېزەلگەن ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويىدۇ دەپ پوچتىخانا تەرەپكە ماڭىدۇ.

    ئوتتۇرا ياش بىر ئەر ۋارقىراپ سودىسىنى قىلىدۇ.

    ئەر:- ئورۇقلىتىش دورىسى، ئورۇقلىتىش دورىسى، پايدا قىلمىسا ھەسسىلەپ قايتۇرۇلىدۇ. دەيدۇ.

    بىر قانچە ئاياللار كېلىپ كۆرىدۇ. ھاشىممۇ قىزىقىپ كېلىپ كۆرىدۇ.

    ئەر:- ئاكا ئايالىڭىز سېمىزمۇ، بۇ دورا بەكمۇ پايدا قىلىدۇ. بۇ دورىنى يىگەندە پەرھىز تۇتۇش كېرەك 3 كۈن تاماق يېمەسلىك، بىر ھەپتە ئۇن تامىقى يېمەسلىك، بىر ئاي مايلىق تاماق يېمەسلىك، يېگەن تاماقلىرى بىر پىيالىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا سۆز يوق ئورۇقلايدۇ دەيدۇ.

    ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە ھەسسىلەپ تۆلەپ بېرىمەن دەيدۇ.

    ھاشىم:- ماڭە، ماڭە، ئۈچ كۈن تاماق يېمىسە ئادەم ئۆلمەمدۇ، قاراپتۇرۇپ ئادەم ئالدايمەن دەيدىكەن دەيدۇ.

    ئاڭغىچە بازار باشقۇرۇشنىڭ كېلىپ قالىدۇ. ھاشىمغا سۆزلەۋاتقان تىجارەتچىمۇ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قاچىدۇ. ھاشىم ئەتراپقا قاراپ كۈلىدۇ. ھەيران قالىدۇ.

    27- مەيدان

    ئورنى: پوچتىخانا ئىچى.   ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، مۇلازىم قىز، باشقىلار.

    ھاشىم: مەن تېلېفون پۇلى تاپشۇرىمەن دەيدۇ.

    مۇلازىم قىز:- نومۇرىڭىزنى ئېيتىڭ دەيدۇ ئەدەپلىك مۇلايىم كۈلۈپ.

    ھاشىم: 3744512 دەيدۇ.

    مۇلازىم قىز:- 564.6 يۈەن بولدى دەيدۇ.

    ھاشىم:- ھە، خاتا بولۈپ قالمىغاندۇ دەپ يېنىدىكى ھەممە پۇلنى يىغىشتۇرىدۇ.

    ھاشىم:- كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، ئەتە كىلەي دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    28- مەيدان

    ئورنى:- بازار كوچىلىرى.  ۋاقتى:- چۈشتىن كېيىن

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، ئاشخانا خوجايىنى

    ھاشىم پوچتىخانىدىن ئاچچىقى بىلەن چىقىدۇ.

    خوجايىن ئەتراپىغا قاراپ:- ماۋۇ ئوتقاشتەك ماشىنا كىمنىڭ؟ دەپ سورايدۇ قوللىرىنى شىلىتىپ.

    ھاشىم:- ھە، مېنىڭ، مېنىڭ ئاكا، دەپ يۈگۈرۈپ كېلىدۇ.

    خوجايىن:- تېزراق بۇ ئېسىل ماشىنىڭىزنى ئېلىپ كېتىڭ ئۇكا. خېرىدارلىرىم ماشىنىڭىزغا قاراپ ئىشتىيى تۇتۇلۇپ كېتىپ قالمىسۇن يەنە دەيدۇ.

    ھاشىم:- كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ دەپ ماشىنىسىغا چىقىدۇ. ئەتراپىدىكىلەر كۈلۈشىپ كېتىدۇ.

    ھاشىم:- بۈگۈن ئەجەپ نەس باستى ئادەمنى، كاساپەت دەپ رولىغا ئۇرىدۇ. ئاستا ھەيدەپ كېتىپ قالىدۇ.

    29- مەيدان

    ئورنى: رېستۇرانى ئىچى.   ۋاقتى: كەچ

    پېرسۇناژلار:- قەمبەر، باشقا ئاياللار.

    ھەرخىل رەڭگارەڭ كىيىنگەن ئاياللار بىلەن قەمبەر بىر سورۇندا ئولتۇرىدۇ.

    ئا ئايال: ھەي ھېلىقى زۇمرەتنى بىلەمسىلەر، ئۇنىڭغا ھال كىرىپ قاپتۇ دەيدۇ.

    ب ئايال: قايسى زۇمرەت، دەيدۇ چىراينى پۈرۈشتۈرۈپ.

    ئا ئايال: ۋاي ھېلىقى كىكەچلەپ گەپ قىلىدىغان زۇمرەتچۇ؟ دەيدۇ. يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ:- ئۇنىڭ ئاشنىسىدىن تەلىيى چىقتى دىسە، قايسى كۈنى ئۇچرىتىپ قېلۋىدۇق. شۇنچىلىك چوڭچىلىق قىلىپ كەتتى. ئاڭلىشىمچە شۇ ئاشنىسى ھەربىر چايغا بارسا بىر ئۈزۈك ھېچ بولمىغاندا بىر قۇر كىيىم ئېلىپ بېرىدىكەن دەيدۇ قوللىرىنى شىلىتىپ.

    س ئايال: بىزگە قاچانمۇ شۇنداق بىرەسى ئۇچرار، تەلەي نەگە بارىدۇ دىسە دوقا ماڭلايغا دەپتىكەن. ئۇ سوزۇقنىڭ تەلىيى كەلدى دىسە دەيدۇ.

    قەمبەر:- ھەي دوستەكلەر، باشتا كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ دىگەندەك قېرىغاندا نېمە تەلەيكەن، ئەمدى بالىلىرىمىزنىڭ تەلىيىنى تىلەيلى دەيدۇ.

    س ئايال:- راست، راست دەيدۇ.

    قەمبەر:- بولدى، بولدى، نەدىكى يوق ئادەملەرنىڭ گېپىنى قىلماي سورۇنغا كېلەيلى. بۈگۈنكى ۋەزىپىمىزغۇ ئاز ئەمەس دەيدۇ دە بۇتۇلكىنى كۆرسىتىپ، يەنە:- مەن باشلاي ئەمىسە دەپ بىر رومكىنى قولىغا ئېلىپ:

    ئۈلپەتمەن ھەمىشە مەپتۇن مەي بىلەن،

    ئىچىمەن يازدا دوغ قىشتا سەي بىلەن.

    ئۈلپەتلىرىم ئۈچۈن خەجلىگەچ پۇلنى،

    يۈريمەن ھەمىشە يىرتىق خەي بىلەن.

    ھەممە ئاياللار ۋەت دەپ كۈلىشىدۇ.

    قەمبەر:- خوشە دەپ ئىچىۋېتىدۇ.

    د ئايال:- ياڭزاڭ بار جۇمۇ دوستەك، سەنسىز سورۇن قىزىماس يۈر ئۇسۇل ئوينايلى دەيدۇ.

    ھەممەيلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

    30- مەيدان

    ئورنى:- ھاشىمنىڭ ئۆيى،   ۋاقتى:- كەچ

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، قەمبەر، شوپۇر.

    ھاشىم ئۇخلىمايدۇ، سائەتكە قارايدۇ، ئىككىگە ئاز قالغان ئىدى. ئۆي ئىچىدە ئۇياق – بۇياققا ماڭىدۇ.

    ئىشك قوپال ئۇرۇلىدۇ.

    ھاشىم بىلەن بىر ياش يىگىت قەمبەرنى يۈلەشتۈرۈپ ئېلىپ كىرىدۇ.

    ھاشىم:- ئاۋارە قىلدىم ئۇكام ھە، رەھمەت، دەيدۇ. ئۇزىتى قويىدۇ، قەمبەر ياندۇرۇپ قالىدۇ.

    ۋاقتى ئەتىگەن.

    قەمبەر ئۆيلەرنى يىغىشتۇرىدۇ. ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ سۇ ئىچۋېتىدۇ. ھاشىم بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ يېنىپ كېلىدۇ. قەمبەر ئۆزىنى روسلىۋالىدۇ.

    قەمبەر:- بالىلارنى ئاپىرىپ قويدىڭىزمۇ مەكتەپكە دەيدۇ.

    يەنە:- چاي ئىچىڭ دەپ چاي قويىدۇ.

    قەمبەر:- ھەي، ئاخشام بىزنىڭ چايدىكىلەر ھەممىسى يېڭى كىيىم كىيىپ بېرىپتۇ. بەزىلىرىنىڭ ئەرلىرى تېخى بىرەردىن كۆزلۈك ئۈزۈك ئېلىپ بېرىدىكەن. مەن دائىم مۇشۇنداقلا بارىمەن. يېڭىدىن توي قىلدىم دەيدىغانغىمۇ خىجىل بولىدۇ كىشى دەيدۇ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ سۆزلەپ.

    ھاشىم؛- ھەي نۇمۇس قىلمايدىغان، خوتۇن كىشىمۇ سەندەك بولامدۇ، تەپ تارتماي دەۋاتقان گېپىنى دەپ ئۈستەلگە شاپلاقلايدۇ.

    قەمبەر:- ھەي غۇجام، بالاڭنىڭ كىرىنى يۇيدۇم، نۇمۇس قىلغۇدەك ئىشمۇ؟ ساراڭدەك يولغا چىقىۋالمىدىم. ئۆيۈڭنى تازلىدىم، تامىقىڭنى ئەتتىم. يەنە نېمە قىلىپ بەرسەم بولاتتى دەيدۇ غەزەپلىنىپ.

    ھاشىم:- ھەي، كوچىغا چىقىپ يىتىۋالسىلا ساراڭ بولمايدۇ، سەندەك ئادەمنىمۇ كاللىسى ئېلىشىپ قالغان ساراڭ دەيدۇ دەپ قاخشايدۇ.

    قەمبەر:- سېنىڭچۇ قارا مېنىڭ ئالدىمدا نېرى- بېرى قىلىدىغانغا ھەققىڭ يوق دەيدۇ قوللىرىنى شىلتىپ.

    ھاشىم غەزىۋىنى باسالماي:- يوقال ئۆيدىن چىق دەپ ۋارقىرايدۇ.

    قەمبەر كەينىگە قارىماي، كىچىك بوپىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ھاشىم جايىدا ئولتۇرۇپ تاماكىسىدىن بىر تال تۇتاشتۇرىدۇ.

    31- مەيدان

    ئورنى:- كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، رىشىت، يۈسۈپ، ئابلەت، باشقىلار.

    رىشت:- بۇ قەرتنى يېڭىدىن سىتىۋالدىم دەپ ئۈستەلگە قويىدۇ.

    ئابلەت:- يېڭى ھامان يېڭى دەپ قەرتنى شىلەيدۇ.

    يۈسۈپ بىر قەتنى نىقتاپ قاتلاپ چۈشىدۇ.

    رىشىت:- ھەي، ھەي قەرتنى بىكاردىن بىكار قاتلاپ نېمە قىلىسەن دەيمەن. قەرت دىگەننى تاشلاپ چۈشمەمسەن مۇنداق، يېپ – يېڭى قەرتنى سۇندۇرۇپ دەيدۇ.

    ئابلەت:- ھەي، بىر تال قەغەزگىمۇ شۇنداق قىلىپ كېتەمسەن دەيدۇ. رىشىت ئابلەتكە قاراپ قويۇپ، ھاشىمغا قارايدۇ.

    رىشىت:- بۈگۈن خوتۇن بىلەن بىر نىمە دىيىشىپ قالدىڭمۇ ئاغىنە، ئېچىلىپ ئولتۇرە، ئېچىلىپ دەيدۇ قەرتلەرنى رەتلەپ.

    ھاشىم: ئۇنىڭ گېپىنى قىلمىغىن ئاغىنە. ئادەمنىڭ زەردىسىنى قاينىتىپ دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- دىدىمغۇ ماختايدىغانغا بالدۇر دەپ ياخشى ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلىدۇ دېگەن گەپ بار دەيدۇ. 

    ئابلەت:- ئۇلار ساڭا بالا تۇغۇپ بەرگەن ئايالغا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ. ئايال كىشىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. دەيدۇ.

    32- مەيدان

    ئورنى:- ئارزىگۈلنىڭ ئىشخانىسى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- ئارزىگۈل، ئايال

    ئارزىگۈل تېلېفوندا پاراڭلىشىدۇ.

    ئارزىگۈل:- ھەئە، ئىسمى نۇرگۈل، 20 ياش، ئۇ ئاۋۋال زەھەر تاشلىسۇن، شۇنداق دەيدۇ. يېنىدىكى ئايال يېشىنى سۈرۈشتۇرىدۇ. ئارزىگۈل تېلېفوننى قويىدۇ.

    ئايال:- رەھمەت سىزگە، رەھمەت. قىزىم نۇرگۈل زەھەر تاشلىيالىسا مەن خوش، بىچارە قىزىم، شۇ ئۆينى دەپ مۇشۇ يولغا كىرىپ قالدى. دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    ئارزىگۈل:- بولدى، بولدى، يىغلىماڭ، ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. دەپ سومكىدىن 300 يۈەننى چىقىرىپ:- بۇنى خىراجەت قىلىپ تۇرۇڭلار دەيدۇ.

    33- مەيدان

    ئورنى:- كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، رىشىت، يۈسۈپ، ئابلەت.

    4 سى يەنە بىللە كورت ئوينايدۇ.

    ئابلەت:- ئاغىنە مەن سېنى بىزنىڭ بىر تونۇشىمىزغا تونۇشتۇردۇم. سېنى ماختاپ ئاسمانغا چىقىرۋەتتىم. تاماكا چەكمەيدۇ. ھاراق ئىچمەيدۇ، دەپ دەيدۇ.

    ھاشىم:- نىمىشقا دەيدۇ.

    ئابلەت:- ئاڭلىشىمچە ئۇ چوكان ھەر جەھەتتىن ۋايىغا يەتكەن. تەقۋادار ئايالمىش. بۇرۇنقى يولدىشى بىلەن ھاراق تۈپەيلى ئاجراشقان ئىكەن. شۇڭا شۇنداق دىدىم. مەنمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. باشقىلارنىڭ دىيىشىچە، بەك چىرايلىقمىش، پەرىمىش، پەرى دەيدۇ كۈلۈپ.

    رىشىت:- يۈزىنى ئىتەمدىكەن دەيدۇ. ئابلەت:- شۇنداق دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- ئەمىسە بۇلىدىكەن جۇمۇ دەيدۇ.

    " بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان دىلەيسە شۇنچىلىك گۈزەل، نازۇك ، ۋاپادار، كۈيۈمچان ئۇيغۇر ئايالى"

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.