ھاشىمنىڭ 18-خوتۇنى (5)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-29 11:57:29

58- مەيدانئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى ۋاقتى: كۈندۈزپېرسۇناژلار: بېلىقىز، ھاشىم، قەيسەر.ئۆيلەر رەتىسز ئىدى. ئۈستەل ئۈستىدە مەينەت قاچىلار يىغىلمىغان. تېلىۋىزور ئوچۇق، كىرسلودا بېلىقىز ئۇخلاۋاتقان ئىدى....

     

    58- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى     ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: بېلىقىز، ھاشىم، قەيسەر.

    ئۆيلەر رەتىسز ئىدى. ئۈستەل ئۈستىدە مەينەت قاچىلار يىغىلمىغان. تېلىۋىزور ئوچۇق، كىرسلودا بېلىقىز ئۇخلاۋاتقان ئىدى.

    ھاشىم: مەن كەلدىم، دەيدۇ. قەيسەر ھوجۇرىسىدىن چىقىدۇ.

    قەيسەر: دادا، قۇرسىقىم ئېچىپ كەتتى. دەيدۇ.

    ھاشىم ئۇخلاۋاتقان بېلىقىزنى ئويغىتىشنى ئويلايدۇ يۇ ئويغاتمايدۇ. قولاق تۈۋىدە ئابلەتنڭ سۆزى جاراڭلاپ تۇرىدۇ.

    ھاشىم كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كېتىدۇ.

    كەچقۇرۇن.

    بېلىقىز خوشياقمىغاندەك بىر قانچە تەييار چۆپنى قازانغا سېلىپ پىشۇرىدۇ. قەيسەرنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ كەتكەچكە داستىخاندا ئولتۇرۇپ بولىدۇ.

    بۇ ۋاقىتتا ھاشىم بىر تال مۈشۈكنى كۆتىرىپ كىرىدۇ. مۈشۈكنى ئۆيگە قويۇپ بېرىدۇ. ئاندىن قولىنى يۇيۇپ كېلىپ ئولتۇرىدۇ.

    قەيسەر: دادا ئۆيدە چاشقان بارمىكەن دەيدۇ. بېلىقىز بۇلارغا پەرۋا قىلماي ھاپلا-شاپىلا تامىقىنى يەۋالىدۇ.

    ھاشىم:- شۇنداق ، ئۆيدە شۇنداق يوغان بىر چاشقان بار .

    قەيسەر:-مۈشۈك شۇنداق يوغان چاشقاننىمۇ تۇتالامدۇ؟

    ئەتىگەن.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، بېلىقىز، باتۇر، قەيسەر.

    بېلىقىز ئۇخلاۋېرىدۇ.

    ھاشىم: بۈگۈن چاي ئىچمەي، مەكتەپكە بېرىپ بىر نېمە سېتىۋېلىپ يەپتۇرۇڭلار. بولمىسا كېچىكىپ قالىسىلەر. باتۇر، بۇنى ئەل دەپ 6.7 كوي پۇلنى باتۇرغا بېرىدۇ.

    يەنە: بۈگۈن مەكتەپكە ئۆزۈڭلار بېرىپ تۇرۇڭلار دەيدۇ.

    قەيسەر: دادا، ئاپامنى بەكمۇ سېغىندىم دەيدۇ.

    باتۇر: شۇنداق دادا، ئاپام بولغان بولسىمۇ بۇنچىلىك بولۇپ كەتمەستۇق ھە. ئاپامنى بەكمۇ سېغىندۇق دەيدۇ. كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ.

    ھاشىمنىڭ كۆز ئالدىغا ئايالىنىڭ چىرايى كېلىدۇ.

    ھاشىم: ھە، تېز مېڭىڭلار مەكتەپكە كېچىكىپ قالىسىلەر دەيدۇ.

    ئىككىسى: بىز كەتتۇق دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ھاشىم قالايمىقان ئۆيگە قارىغانسېرى ئىچى قايناپ ئۇياق – بۇياققا ماڭىدۇ.

    ھاشىمنىڭ ھۇجىرىسى

    ھاشىم كارۋاتتا ئولتۇرىدۇ. بېلىقىز ئەسنەپ ئولتۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ. مۈشۈك تاق قىلىپ سەكرەپ كارۋاتتا چىقىپ ئولتۇرىدۇ. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن مۈشۈك مىياڭ قىلىپ مىياڭلايدۇ.

    ھاشىم: بىر  دەيدۇ. بېلىقىز مۇنداقلا بىر قاراپ قويىدۇ. ئىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مۈشۈك يەنە بىرنى مىياڭلايدۇ.

    ھاشىم: ئىككى دەيدۇ، بېلىقىز ئالىيىپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ. بىردەمدىلا مۈشۈك يەنە بىر قېتىم مىياڭلايدۇ.

    ھاشىم: ئۈچ دەپلا يېنىدىكى قەلەمتۇراشنى چىقىرىپ مۈشۈكنىڭ قولىقىنى كىسىۋېتىدۇ. مۈشۈك چىقىرىغان ھالەتتە ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. پۈتۈن يەر قان بولۇپ كېتىدۇ. بېلىقىز قورققىنىدىن قولدىكى تاغاقنى تاشلىۋېتىدۇ. نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ.

    ھاشىم قولىدىكى قەلەمتۇراشنى قەغەز بىلەن سۈرتىدۇ.

    ھاشىم: بۇ ئۆي ئايال كىشى باردەك ئۆيمۇ؟ مەن ساناقنى بەك ئوبدان سانىيالمايمەن، سىلىگىمۇ ئۈچ بولۇپ قالمىسۇن، قانداق گەپ بۇ دەيدۇ.

    بېلىقىز دەرھال: مانا ھازىر دەيدۇ دە ئۆي تازلاشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئورۇن كۆرپىلەرنى يىغىدۇ. مالمان بولۇپ كەتكەن نەرسىلەرنى يىغىشتۇررۇپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىردەمدىلا كىر ئالغۇنى پىرقىرتىۋېتىدۇ، كىرلەرنى يۇيىدۇ، ئۆيلەرنى تۈجۈپلەپ تازلايدۇ.

    ئۆيلەرنى شۇنچىلىك تۈجۈپلەپ تازىلاپ چىنىدەك قىلىۋېتىدۇ.

    59- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى   ۋاقىت: كۈندۈز

    پىرسۇناژلار: ھاشىم، رىشىت، ئابلەت، يۈسۈپ

    ئابلەت، يۈسۈپ، ھاشىملار رىشىتنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. رىشىتنىڭ چىرايىنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭغا بىر ئىش بولغاندەك قىلاتتى.

    ئابلەت: نىمانچە ساقلىتىسەن. بۈگۈن نىمە بولدۇڭ دەيدۇ.

    رىشىت: خوتۇن مەن بىلەن گەپ تالىشىپ، ئۇنى دىسەم بۇنى دەيدۇ بۇنى دىسەم ئۇنى دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەستەكتىن ئىككىنى سالدىم يىغلاپ قالغان دەيدۇ.

    يۈسۈپ: سەن بىر ئەركەك تۇرۇپ خۇتۇن كىشىنىمۇ ئۇرامسەن. ياخشى ئەر خۇتۇنغا يول قويىدۇ. ئۇرغىنىڭ بولماپتۇ ئاغىنە دەيدۇ.

    ئابلەت: راست، ئۇرغىنىڭ بولماپتۇ. بىز ئەرلەرگە كۆپ ھاللاردا خوتۇن كىشى بولىسا بولمايدۇ بىلەمسەن. قارا ھاشىمغا خوتۇن يوق ۋاقىتلاردا قانچىلىك جاپالارنى تارتتى دەيدۇ.

    ھاشىم: راست دەيسەن، كىر يۇيدىكەنسەن، تاماق ئىتىدىكەنسەن، قاچا يۇيغان، بالىلارغا تەربىيە قىلمىساڭ تېخى تۇرغان، ئۇنى قىلمىساڭ تېخى بۇنى قىلىساڭ تېخى كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چۇماق دەپ قارىسا كىچىك ئىش بولغىنى بىلەن سىنى ئوڭ يېنىڭدىن سول  يېنىڭغا قويىدىكەن دەيدۇ.

    يۈسۈپ: سەن بېرىپ ئايالىڭدىن كەچۈرۈم سورا. سەن ھەر كۈنى ئۆيگە بارساڭ. ئىسسىق تاماق، پاكىزە ئازادە ئۆي قارا. ساڭا بالا تۇغۇپ بەردى. ئوماق بىر قىز بىر ئوغلۇڭ بار. بالىنى تەربىيلىمىسە تېخى تۇرغان. جەمئىيتىمىز مۇشۇنداق ياخشى ئاياللارغا ياخشى ئانىلارغا مۇھتاج. ئۇلار تەربىيىلىگەن بالا چوقۇم ياراملىق ئادەم بولىدۇ. سىنىڭ ئۇنى ئۇرىشىڭ خاتا، ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ بىر تال ئەگىرى قوۋرىغىسىدىن تۈزۈلگەنمىش. ئۇنى تۈزلەپ ئىشلىتىمەن دىسەڭ سۇنۇپ كېتىدۇ. ئەگىرى پېتىم ئىشلەت دىگەن گەپ بار. بەزى ناچار تەرەپلەرنى كۆزدىن ساقىت قىلىۋەت. بىز ئۇلارنى ئاسرىمىساق كىم ئاسرايدۇ. بىز ھەممەيلەن ئاياللىرىمىزنى ئاسرىشىمىز لازىم بۇنى بىلدىڭمۇ دەيدۇ.

    60- مەيدان

    ئورنى؛ ھاشىنىڭ ئۆيى.  ۋاقتى: كەچقۇرۇن

    پېرسۇناژلار: بېلىقىز، ھاشىم.

    ھاشىم يېنىپ كېلىدۇ. بېلىقىز ئالدىغا چىقىدۇ: يېنىپ كەلدىڭىزمۇ دەيدۇ بوش ئىگىلىپ. يەنە: قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ دەيدۇ تەمتىرەپ. بېلىقىز ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ. ھاشىم گەپ قىلماي مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرىدۇ. ھاشىم چاي ئىچمەكچى بولۇپ چەينەكنى كۆتىرىدۇ. لېكىن چاي يوق.

    ھاشىم: بىر دەيدۇ.

    ئاشخانا ئۆي

    دېرىزە سۈرتۈۋاتقان بېلىقىز ئالمان – تالمان قوللىرىنى سۈرتۈپ چاي دەملەيدۇ، ئالدىراپ چايىنى ئېلىپ كىرىدۇ.

    مېھمانخانا ئۆي

    بېلىقىز چاينى كۆتىرىپ كىرىدۇ.

    بېلىقىز: مانا چاي دەپ پىيالىگە قويىدۇ. ھاشىمنڭ چىرايىغا قاراپ قويىدۇ. چەينەكنى تەتۈر تۇتىۋالىدۇ. چاي قويۇلمايدۇ.

    ھاشىم: نېمە قىلىۋاتسىز دەيدۇ، كۈلىۋەتكىلى تاسلا قالىدۇ.

    بېلىقىز دەرھال قولىغا قاراپ. چەينەكنى ئوڭلاپ تۇتۇپ، ھاشىمنىڭ چىرايىغا قاراپ يالغان ھىجاراپ چاينى قويۇپ بېرىدۇ دە چىقىپ كېتىدۇ ھاشىم چاندۇرماي مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ.

    ئاشخانا ئۆي

    بېلىقىز ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ دە پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتىدۇ. كۆڭلىدە: بىر قېتىم دەپ بولدى. قاچان ئىككى دەپ قالار. قاچان ئۈچ دەپ قالار دەپ قولىقىنى سىلايدۇ؛

    مەلۇم بىر ئەتىگەن.

    ھاشىم ھەممەيلەن دەرقەمدە غىزالىنىدۇ.

    ھاشىم: بۈگۈن بۇ سەينىڭ تۇزى بەك كامغۇ دەيدۇ.

    بېلىقىز دەرھال سۈيىنى تېتىپ باقىدۇ. ئۇنداق ئەمەسقۇ دەيدۇ.

    ھاشىم: بولدى، بولدى، مەن ھەسەل يەي دەيدۇ.

    بېلىقىزنىڭ خىيالىغا بۇرۇن ئۇ ھەسەلنى ئۆزى يەپ بولغانلىقى يادىغا يېتىدۇ دە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي كېتىدۇ.

     ئا كۆرىنىش

    بىلىقىزنىڭ باشقىلار يوق ۋاقىتتا ھەسەلگە  ناننى  چىلاپ ئېچىرقاپ كەتكەندەك قىلىقلى كۆرىنشكە ئېلىنىدۇ.

    بېلىقىز: مەن ياندىكى ئۆيگە ئەچىقىپ قويغان چىقىپ ئەكىرەي دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    61- مەيدان

    ئورنى: مەھەلىدىكى كوچا           ۋاقتى: ئەتىگەن

    پىرسۇناژلار: بېلىقىز، باشقىلار.

    بېلىقىز يۈگۈرۈپ ماڭىدۇ. بىرىنچى دۇكانغا كىرىپ يېنىپ چىقىدۇ. يەنە يۈگىرەيدۇ. ياندىن بايان: ئايال: بىزدە ھەسەل يوق، كۆۋرۈك بېشىدىكى دۇكاندا بار، لېكىن ئۇلار بۇنداق ئەتىگەن ئاچماسمىكىن دەيدۇ. بېلىقىز يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ يىقىلىپ كېتىدۇ. ئاستا ئورنىدىن تۇرىدۇ. كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ.

    ھەسەلنى كۆتىرىپ ئۆيگە كىلىدۇ. ئىشك ئالدىدا بىردەم دىمىنى ئېلىۋالىدۇ. ئاندىن ئۆيگە كىرىدۇ.

    62- مەيدان

    ئورنى: ئۆي ئىچى، ۋاقتى: ئەتىگەن.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، قەيسەر، باتۇر، بېلىقىز.

    بېلىقىز ھەسەلنى ئەكىرىپ تاق قىلىپ ئۈستەلگە قويىدۇ.

    باتۇر بىلەن قەيسەر بىر – بىرىگە قاراپ قويىدۇ.

    بالىلار مەكتەپكە مېڭىشقا تەييارلىنىدۇ. بېلىقىز بالىلارنى زورمۇزور سۈيۈپ ئۈزىتىدۇ.

    63- مەيدان

    ئورنى: ئارزىگۈلنىڭ ئىشخانىسى،           ۋاقتى: كۈندۈز

    پىرسۇناژلار: ئارزىگۈل، جىنايەتچى قىز، كۆزەتچى ئايال.

    ئارزىگۈل: سەن قانچە ياش دەيدۇ.

    چېچىنى ئالتۇن رەڭ بويىۋالغان قىز: 14 ياش دەيدۇ.

    ئارزىگۈل يېزىۋاتقان قەلىمىنى توختىتىپ ئېچىنىپ بىر قارايدۇ.

    ئارزىگۈل: ئاتا – ئاناڭچۇ دەيدۇ.

    قىز: دادام تۈگەپ كەتكەن. ئاپام باشقىلار بىلەن كىتىپ ئىنىم ئىككىمىزنى تاشلىۋەتتى. بىزگە قارايدىغان ئادەم يوق. باشقا يەرلەردە ئىشلىسەم قورامغا يەتمىگەن دەپ ئالمىدى. خەقنىڭ ئۆيىدە ئائىلە خىزمەتچىلىك قىلاي دىسەم بەك ئاز ھەق بېرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەيخانىدا ئىشلىدىم دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: بۈگۈن مۇشۇنچە بولسۇن ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار دەيدۇ.

    قىز: نىمىشقا مېنى تۇتىسىلەر، مېنى قويۋېتىڭلار، ئىنىمغا قارايدىغان ئادەم يوق. پۇل تاپسام بولمايدۇ. ئىنىم ئوقۇيدۇ، دەپ ۋارقىرايدۇ. كۆزەتچى ئايال قىزنى بېسىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ئارزىگۈل دەپتەرگە بىر نىمىلەرنى يازىدۇ. يانفۇن سايرايدۇ.

    ئارزىگۈل: ھە، تېچلىقمۇ ئاچا دەيدۇ.

    قارشى تەرەپ: ھە، سەنچۇ، ياخشى تۇرۋاتامسەن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: ياخشى، يېقىندا خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى دەيدۇ.

    قارشى تەرەپ: ئاچام ساڭا بىرىنى تېپىپتۇ. ئاڭلىسام ئوقۇتقۇچىكەن.

    ئارزىگۈل: ئاچا، مەن ساڭا نىمە دىگەن، مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشماڭلار دەيدۇ.

    قارشى تەرەپ: بۇنى ئاچام ساڭا تاپتى. بىز ئاچامنىڭ گېپىنى يېرالمايمىز مۇشۇ ئىش بىلەن تېلېفون قىلغان دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: بولىدۇ. بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ماڭا خەۋەر قىلىڭلار دەيدۇ ئۆڭۈپ.

    قارشى تەرەپ:- ھە، بولىدۇ سەنمۇ ئۆزەڭنى ئاسرىغىن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: ھە، بولىدۇ. سەنمۇ ئۆيدىكىلەرگە مەندىن سالام ئېيتقىن دەيدۇ.

    64 – مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى.    ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، بېلىقىز.

    ھاشىم يېنىپ كېلىدۇ. بېلىقىز ئالدىغا چىقىپ تۇرىدۇ.

    بېلىقىز: ھارمىغانسىز دەيدۇ.

    ھاشىم: ھە، دەيدۇ دە ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىدۇ.

    بىلىقىز كەينىدىن قول قوشتۇرۇپ كىرىدۇ.

    بىلىقىز: بۈگۈن نېمىگە كۆڭۈللىرى تارتىدىكىن دەيدۇ تەمتىرەپ. ھاشىم گەپ قىلماي قاتتىق گىلىنى قىرىپ قويىدۇ. بىلىقىز قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ. يەنە سورىيالماي چىقىپ كېتىدۇ. ھاشىم تېلىۋىزور كۆرۈپ قالىدۇ.

    ئاشخانا ئۆي.

    بىلىقىز: ئاپلا، نىمە تاماق قىلارمەن، ئەمدى دەيدۇ دە گاڭپەن ئىتىدۇ، ئوخشىتىپ ئىككى خىل سەي قورۇيدۇ.

    مېھمانخانا ئۆي

    ھەممەيلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدۇ.

    ھاشىم: مېنىڭ ئاشقازىنىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلمەمسىز دەيدۇ دە چاينى بىر يۇتۇم ئىچىدۇ.

    بېلىقىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ.

    ئاشخانا ئۆي (مۇزىكىلىق كۆرىنىش)

    بېلىقىز چاققانلىق بىلەن خېمىرىنى يۇغىرىدۇ. خېمىرنى يايىدۇ. پىياز، گۆشلەرنى قىيما قىلىپ توغرايدۇ. خېمىرنى ئىنچىكە توغرايدۇ. ئاشنى چىنىگە قويىدۇ. ئۈستىگە پىننىدىن سالىدۇ دە ئوخشىغان بىر چىنە ئۈگرىنى ھاشىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىدۇ.

    مېھمانخانا ئۆي.

    ھاشىم مەزە قىلىپ ئاشنى يەيدۇ.

    بېلىقىز ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. بېلىقىز قاتتىق بىر ئۇھسىنىدۇ. خىيال سۈرىدۇ.

    بېلىقىز: بىر قېتىم دەپ بولدى. قاچان ئىككى دەپ سالار، قاچان ئۈچ دەپ سالار، ھەش- پەش دېگۈچە 15 كىلو ئورقلاپ كەتتىم. ماڭا نېمە جاپا، چوقۇم كېتىمەن. چوقۇم، كېتىمەن، چوقۇم كېتىمەن نېمە جاپا ماڭا، چوقۇم كېتىمەن. بولمىسا مەنمۇ قولىغىمدىن ئايرىلىپ قالدىغان ئوخشايمەن دەيدۇ.

    65- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ مەھەللىسى          ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: بېلىقىز.

    بېلىقىز بىر سومكىنى كۆتىرىپ ھويلىدىن چىقىدۇ. ئۇياق – بۇياققا قارايدۇ. قەدەملىرىنى تېز ئېلىپ كېتىپ قالىدۇ.

    66- مەيدان

    ئورنى: لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى، ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: مۇلازىم قىز، ھاشىم.

    ھاشىم لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنىغا كىلىدۇ. مۇلازىم قىز بىلەن پاراڭلىشىدۇ. (مۇزىكا).

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.