ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا -7

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-11 16:31:59

ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا - 7 كىنو سىنارىيىسىگۈلجەننەت مۇھەممەت 91-مەيدان ئورنى:- مىھراينىڭ ئۆيى ۋاقتى :- كۈندۈز پىرسۇناژلار :- مىھراي، بىر قىز ، شىرزات ئا كۆرىنىش مىھراي ئۆيدە خىمىر يې...

    ئۆز  ئوغلىغا  ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا - 7
     كىنو سىنارىيىسى
    گۈلجەننەت مۇھەممەت
     

    91-مەيدان

    ئورنى:- مىھراينىڭ ئۆيى    ۋاقتى  :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- مىھراي، بىر قىز ، شىرزات

    ئا   كۆرىنىش

    مىھراي  ئۆيدە  خىمىر يېيىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. شىرزاتلار كىرىدۇ.

    مىھراي ئالدىغا چىقىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    ئۇ ئىككىسى گېرەدىشىپ ئۆيگە كىرىدۇ. مىھراي بۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ھەيران قالىدۇ.

    مىھراي:- سىلەر ئولتۇرۇڭلار  مەن تاماق قىلاي دەيدۇ.

    مىھراي كىرىپ كېتىدۇ.

    ئۇلار تېلۋېزور كۆرۈپ قالىدۇ.

    س كۆرىنىش

    شىرزات كىرىدۇ. مىھراي خىمىرنى يېيىشقا باشلايدۇ.

    شىرزات:- ئاپا ، ماڭا  پۇل بېرە  پۇلۇم قالمىدى دەيدۇ.

    مىھراي ؛- مەندە پۇل يوق، ھېلىقى ئىشتىن كېيىن داداڭ ماڭا ئىشنمەس بولۇپ قالدى، ھازىر مەندە پۇل يوق، ئاۋۇ قىز كىم، نېمانداق قىز ئۇ. كىيىنىشلىرىچۇ، كىشىنى يىرگەندۈرۈپ دەيدۇ.

    شىرزات:- ئاپا جىق گەپ قىلما، ماڭ پۇل بەر، باشقا ئىشلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن بىلدىڭمۇ -.دەيدۇ نوغۇچنى تۇتىۋالىدۇ.

    مىھراي نوغۇچنى تارتىۋلماقچى بولىدۇ. لېكىن شىرزات كۈچەپلا نوغۇچنى ئېلىۋالىدۇ. نوغۇچنى قولىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ:- پۇلنى بەر بولمىسا  دەپ ھەيۋە قىلىدۇ.

    مىھراي:- پۇل يوق دەيدۇ. شىرزات دەرھال قولىدىكى زەنجىرگە ئېسىلىدۇ، ئۇلار ئىككىسى بىردەم تالاش-تارتىش قىلىدۇ، شىرزاتنىڭ كۈچى يەتمەي نوغۇچ بىلەن  ئاپىسىنىڭ بىلكىگە ئىككىنى كۈچەپ سالىدۇ. مىھراي:« ۋايجان !» دەپ  جايىدا قولىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قالىدۇ. شىرزات ئاپىسىنىڭ قولىدىكى ھەممە نەرسىسىنى  بۇلاپ چىقىپ كېتىدۇ.

    مىھراي يىغىسىنى توختىتالمايدۇ.(مۇزىكا)

    92- مەيدان

    ئورنى:دوختۇخانا بالنىس ئۆيى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مىھراي، مەردان

     مەردان:- دوختۇر بىلكىڭىزنى تاياق زەربىسىدىن سۇنغانكەن دەيدىغۇ ؟

    مىھراي:- ياق، يىقىلىپ كەتتىم، مىنى كىم ئۇرىدۇ قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز دەيدۇ تەمتىرەپ.

    مەردان سەل گومانلىنىپ قالىدۇ.

    مەردان:- شۇنداقمۇ مەن تاماق ئەكىلەي دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    مىھراي سىرتقا قاراپ يىغلاپ ئولتۇرىدۇ

    93- مەيدان

    ئورنى:- چوڭ يول   ۋاقتى:-كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەردان

    مەردان تېلېفوندا پاراڭلىشىدۇ.

    مەردان:- باشلىق ئايالىم بالنىستا يېتىپ قالدى، مەن قارىمىسام بولمايدۇ، شۇڭا نەچچە كۈنلۈك روخسەت سوراي دېگەن ئىدىم،  ھە بولىدۇ، بىلدىم رەھمەت باشلىق رەھمەت خوش دەپ تېلېفوننى يانچۇقىغا سالىدۇ.

    94- مەيدان

    ئورنى بالنىس ئۆيى      ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، مىھراي، رازىخان، مەردان

    ئا كۆرىنىش

    رازىخان:- بالام نېمىشقا بۇ يەردە  تۇرىسەن نېمە بولدى دەپ ئالدىراش كىرىدۇ.

    مىھراي:-ئاپا، شىرزات مېنى ئۇرۇپ شۇنداق قىلىپ قويدى دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

     ب كۆرىنىش

    مەردان تاماقنى كۆتىرىپ بالنىس ئالدىغا كېلىدۇ گەپنى ئاڭلاپ قالىدۇ.

    س كۆرىنىش

     مىھراي:- شىرزات بەك ئەسكى بولۇپ كېتىپتۇ، قارا بىلكىمىنى سۇندۇرۋەتتى،  مەردانغا ئۇقتۇرمىدىم دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    د كۆرىنىش

    قادىر بوۋاي كىلىدۇ،

    بوۋاي:- نېمە تۇرۇپ كەتتىڭىز؟- قىزىم قېنى؟- دەيدۇ.

    مەردان:- ھە بۇ ياتاقتا  يۈرسىلە- دەيدۇ باشلايدۇ.

     قادىر بوۋاي:- نېمە بولدۇڭ قىزىم؟- دەيدۇ- ئالدىراپ كىرىپ.

    مىھراي دەرھال كۆز يېشىنى سۈرتىدۇ.

    مەردان چاندۇرماي تامىقىنى ئۈستەلگە قويىدۇ.

    مەردان:- قولىڭىز بەك ئاغرىپ كېتىپ بارامدۇ ؟

    مىھراي:- ياق ئانچە ئەمەس ياخشى بولۇپ قالدى دەيدۇ.

    رازىخان:- سىز قاچان ماڭىسىز يەنە ؟

    مەردان:- مەن روخسەت سورىدىم، مىھرايغا نەچچە كۈن قاراي دەيدۇ.

    مىھراي يەنە كۆزىگە ياش ئالىدۇ.

    95- مەيدان

    ئورنى:- مەيخانا ئىچى   ۋاقتى:-  كىچە

    پىرسۇناژلار:- شىرزات، بىرقانچە قىزلار، مەۋلان، مەرھابا  لۈكچەك بالىلار.

    شىرزات بىرقانچە قىزلار بىلەن چاقچاقلىشىپ ھاراق ئىچىپ  ئولتۇرىدۇ.

    مەۋلان  مەرھابا، باشقا لۈكچەك بالىلار كىلىدۇ.

    شىرزات كۆرمەي تاماشىسىنى قىلىۋېرىدۇ، يېنىدىكى قىزلار مەرھابانى كۆرۈپ چەتكە ئۆتىدۇ.

    شىرزات:- ھە سىزمۇ دەيدۇ.

    مەرھابا:- ئۇرۇڭلار دەيدۇ.

    ئۇلار شىرزاتنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ. بىردەم ئۇرغاندىن  كېيىن مەرھابا:- توختاڭلار، بۈگۈن بىلەن ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىمەن، مەن بەرگەن پۇللارنى دەرھال تەييارلا، بولمىسا مەن سېنى ئۆلتۇرۋىتىمەن بىلدىڭمۇ ؟- دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    شىرزات تەسلىكتە تۇرۇپ ئاغزى بۇرۇنلىرنى سۈرتىدۇ.

    جايىدا ئولتۇرۇپ ئويلايدۇ.

    96- مەيدان

    ئورنى:- مەرھابانىڭ ئۆيى   ۋاقتى كۈندۈز

    پىرسۇناژلار ؛- مەرھابا، شىرزات، مەۋلان

    مەۋلان:- مانا بۇ 35000، ئاكامنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئالدىن بەرگەن پۇل، يەتمىسە يەنە بېرىمىز، چوڭ داداڭغا دە ئاۋۋال بۇ پۇللارنى بەرگىن دەپ پۇلنى شىرزاتنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ.

    97- مەيدان

    ئورنى:- مەيخانا  ۋاقتى كىچە

    پىرسۇناژلار:- شىرزات

    شىرزات مەرھابانىڭ گىپىنى ئويلايدۇ.(3ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىمەن، ئەگەر ھەل قىلالمىساڭ سېنى ئۆلتۇرۋىتىمەن بىلدىڭمۇ؟)

    شىرزات ئاستا ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇرىدۇ.

    98- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- كىچە

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، رازىخان موماي، شىرزات

    ئا كۆرىنىش

    شىرزات ئىشىكىنى قاتتىق ئۇرىدۇ.

    موماي ئىشىكنى ئاچىدۇ.

    رازىخان ئىشىكنى ئېچىپ شىرزاتقا قاراپ قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ.

    شىرزات  رازىخاننى ئىتتىرىپلا كىرىپ ھوجۇرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئىشىكىنى كۈچەپ ياپىدۇ.

    بوۋاي چىقىدۇ

    بوۋاي:- شىرزاتمىكەن؟

    رازىخان:- شۇنداق دەپ كىرىپ كېتىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    شىرزات ھوجۇرسىدا بىردەم ئولتۇرۋىتىپ، تارتمىلارنى ئاختۇرىدۇ. ئاچقۇچنى تاپىدۇ، قاراپ مىيىقىدا ئاچچىق ئارلاش كۈلۈپ قويىدۇ.

    99- مەيدان

    ئورنى:-مىھرايلارنىڭ ئۆيى     ۋاقتى:- ئەتىگەن

    پىرسۇناژلار:- شىرزات

    شىرزات ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ ئۆيگە كىرىدۇ.

    شىرزات كىرىپ ھەممە يەرلەرنى ئاختۇرىدۇ. ئاپىسىنىڭ ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلىرىنى ھەممىنى پۇرلاپ يانچۇقىغا تىقىدۇ. پۇل چىكىدىن بىرنى ئالىدۇ دە ئۆيىدىن چىقىدۇ.

    100- مەيدان

    ئورنى :- دوختۇرخانا   ۋاقتى:-  كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەردان، مىھراي، دوختۇر

    دوختۇر:- سىلەر دوختۇردىن چىقساڭلار بولىدۇ، گىپىسنى يەنە  15 كۈندىن كېيىن  ئالىمىز شۇ چاغدا كەلسەڭلار بولىدۇ دەيدۇ.

    مىھراي ؛- رەھمەت دوختۇر، دەيدۇ.

    دوختۇر چىقىپ كېتىدۇ.

    مەردان:- ئۆينىمۇ سېغىنغانسىز دەيدۇ.

    مىھراي:- شۇنداق دەيدۇ كۈلۈپ.

    101- مەيدان

    ئورنى ؛- ئادۇكات ئىشخانىسى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- گۈلشەن  ، ئادۇكات

    گۈلشەن:- نېمە سوتنى كەينىگە سۈرۈش؟ نېمشىقا ؟

    ئادۇكات:- بۇ سوتتا چوقۇم زۇلخۇمار قىزىڭىز سوتقا چىقىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتسە بولمايدۇ شۇڭا ئۇ قىز كەلگەن تەتىل ۋاقتى بولۇش كېرەك. شۇنىڭغا سوت كەينىگە سۈرۈلدى دەيدۇ.

    گۈلشەن ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.

    102- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى  ۋاقتى: كەچ

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، رازىخان موماي، مەردان

    مەردان:- ئاپا، شىرزات مۇشۇ كۈنلەردە نېمە قىلىۋاتىدۇ، ماڭا كۆرۇنمەيۋاتىدىغۇ ؟

    رازىخان:-  ھە  ھە  بار، نېمە ئىش بىلەن ئالدىراشكىن تاڭ، ئەتىگىنى چىقىپ كېتىدۇ كەچتە كىرىدۇ.- دەيدۇ ئاران كېكەچلەپ.

    مەردان:- ھە بىلدىم، دەيدۇ ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ.

    مىھراي:- بىز قايتايلى بەك چارچاپ كەتكەن ئوخشايمەن دەيدۇ.

    مەردان:- بولىدۇ بىز قايتايلى دەيدۇ.

    103- مەيدان

    ئورنى:- مىھرايلارنىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەردان، مىھراي

    مەردان ئىشىكىنى ئېچىپ كىرىدۇ. مىھرايمۇ ئاستا مېڭىپ كىرىدۇ.

    ھوجۇرا ئۆينىڭ مالمانچىلىقىنى كۆرۈپ، مىھراي دەرھال كىرىدۇ. زىبۇزىننەت قۇتلىرىنىڭ ئوچۇقلىقىنى كۆرىدۇ.

    مىھراي:- مەردان، مەردان، قاراڭ! قاراڭ! دەپ ۋارقىراپ كېتىدۇ.

    مەردان نەسىلەرنى ئىتتىك ئەكىرىپ مىھراينىڭ يېنىغا كىرىدۇ.

    مىھراي:- شىرزات قىلدى، شىرزات قىلدى دەپ مەردانغا  يىغلاپ كېتىدۇ.

    مەردان ئۈستەلگە قاتتىق شاپىلاقلاپ ئۇرىدۇ.

    مەردان ئىچىدە:- باشقا يەرلەردىن جىنايەتچى تۇتۇپ كېتىپتىمەن، ئۆزۇمنىڭ ئۆيىدىمۇ بىر جىنايەتچى بارىكەن دەيدۇ.

    104- مەيدان 

    ئورنى:- مەرھابانىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- شىرزات، مەۋلان، مەرھابا

    شىرزات:- بۇ 14000، قالغىنىنى ئەتىگىچە ھەل قىلىپ بېرىمەن دەيدۇ.

    مەرھابا:- يەنە بىر يېرىم كۈن مۆھلەت قالدى، مەن سېنىڭ كەينىڭگە  ئادەم سىلىپ قويىمەن، پۇلنى ۋقتىدا تاپشۇرمىساڭ سەن قەيەردە بولساڭ شۇ يەردە جېنىڭ چىقىدۇ دەيدۇ.

    105- مەيدان

    ئورنى:- مىھرايلارنىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-

    مەردان،  مېھراي

     مەردان:- سىز بۇ گەپلەرنى بەك كېچىكىپ ئېيتتىڭىز مېھراي.

    مىھراي يېشىنى سۈرتۈپ ئولتۇرىدۇ.

    106- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلا ر:- قادىر بوۋاي  رازىخان موماي

    قادىر بوۋاي:- كېچە قالايمىقان چۈشلەرنى كۆرۈپ كېتىپتىمەن،  شىرزات يەنە خەقلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ كىلەرمۇ ؟

    رازىخان:- شۇنى دىسىلە، ئۇ بالا تىنىچ ئامان بىر ئۆيگە كەلگىچە يۈرۈكلىرىم سۇ ئولتۇرىمەن، مېنىڭمۇ بۈگۈن ھېچ قاپىقىم تارتىپ بولمايدۇ.

    107مەيدان

    ئورنى:- چوڭ يو ل  ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-شىرزات، بىر بالا

    شىرزات كەينىگە بىردەم-بىردەم قاراپ ماڭىدۇ. بىر پىچاق دۇكىنىدىن بىر تال پىچاقىنى ئىلىپ چىقىدۇ  ماڭغاچ پىچاقنى كۆينىڭىنى ئىچىگە تىقىپ ماڭىدۇ.

    كەينىدىكى بالا بىردەم توختاپ، بىردەم كۆرىنىپ ماڭىدۇ.(مۇزىكا)

    108- مەيدان

    ئورنى:- مىھرايلارنىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- شىرزات، مەردان، مىھراي

    مەردان:-    بولدى، مەن چىقىپ تاماق ئەكىرەي، نېمە تاماققا كۆڭلىڭىز تارتىدۇ؟

    مىھراي ؛- بولىدۇ، ھېچنەرسە گىلىمدىن  ئۆتمەيدۇ.

    مەردان:- بۇنداق دېمەڭ، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز تېخى ئەسلىگە كەلمىدى،  مەن چىقىپ باقاي، ھازىرلا كىرىمەن دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    109- مەيدان

    ئورنى يول  ۋاقتى چۈشتى  كىيىن

    پىرسۇناژلار:- مەردان

    مەردان تاماقنى ئىلىپ ئۆيگە ماڭىدۇ.

    110- مەيدان

    ئورنى:- مىھرايلارنىڭ ئۆيى    ۋاقتى:-چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلا ر:- مىھراي ، شىرزات، مەردان

    شىرزات ئۆيگە كىرىدۇ.

    مىھراي جايىدا تۇرۇپلا:- نېمانداق تېز كىردىڭىز دەيدۇ.

    شىرزات:- بۇ مەن ئاپا، مەن كەلدىم  دەيدۇ.

    مىھراي:- ھە !  سەن ! دەپ قاتتىق چۆچۈپ كەينىگە داجىيدۇ.

    شىرزات:- ئاپا ماڭا پۇل بەر! بۇ قېتىم سەن بۇ پۇلنى بەرمىسەڭ مەن ئۈلىمەن، بىلدىڭمۇ مەن ئۈلىمەن،  شۇڭا  ھېلىقى پۇل چىكىڭلارنى ماڭا ئېلىپ بەر دەيدۇ.

    مىھراي:- پۇل يوق، پۇل يوق دەپ كەينىگە داجىىيدۇ.

    شىرزات:-يەنە مەندىن تاياق يېگىڭ كەلدىمۇ، تىز ئېيت بولمىسا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر كۈنگە قالىسەن دەپ ئاپىسىنىڭ ئاغرىق قولىغا قاتتىق ئۇرىدۇ.

    مىھراي قولىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ، بىلكىدىن قان ئېقىپ كېتىدۇ.

    شىرزات پىچاقىنى چىقىرىپ:- چەك نەدە دەيمەن، تېز بول بولمسا بوغۇزلىۋېتمەن، بىلدىڭمۇ تېز دەپ پىچاقنى ئاپىسىنىڭ گىلىگە تەڭلەپ، ئاغرىق بىلكىنى چىڭ سىقىدۇ.

    ھەر بىر تېز بول دەپ، تەھدىت سالغاندا قولىنى بىر قاتتىق سىقىدۇ، مىھراي ئاغرىققا چىدىماي:- مەردان، مەردان مەردان سىز نەدە دەپ ۋارقىراپ يىغلايدۇ.

    111- مەيدان

    ئورنى:-ئىشىك ئالدى ، ۋاقتى چۈشتىن كېيىن

    پىرسۇناژلار:- مەردان، شىرزات،،مىھراي

    مەردان چېقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال يۈگۈرۈپ كىرىدۇ.،

    شىرزات ئاپىسىنى يەردە دۇمىلىتىپ زورلايدۇ.

    شىرزات ؛- پۇل بەر دەيمەن، پۇل بەر، دەپ بىلكىگە ھە دەپ ئۇرىدۇ. مەردان كىرىپ كۆرىدۇ.

    مەردان:- سەن، قولۇڭنى تارت  دەيدۇ.

    شىرزات:- كەلمە بولمىسا ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىمەن، بىلدىڭمۇ ئۆلتۇرۋىتىمەن، دەپ پىچاقىنى مىھراينىڭ گىلىگە نىختاپ تەڭلەيدۇ، مىھراينىڭ ھەممە يەرلىرى قانغا بۇيىلىپ كەتكەن ئىدى

    مەردان تاپانچىنى چىقىرىپ ئوغلىغا تەڭلەيدۇ.

    مەردان:- پىچاقىنى تاشلا، پىچاقىنى تاشلا دەپ تاپانچىنى بەتلەيدۇ.

    شىرزات ؛- مەن ئۇنى ئۆلتۈۋىتىمەن، پىچاقنى تېخىمۇ بەك سانجىغاندا مەردان ئوق چىقىرىدۇ.

    شىرزات يىقىلىدۇ، مىھراي قانسىزراپ ھوشىدىن كېتىدۇ.

    مەرداننىڭ كۆزىدىن غەزەپ نەپرە ت ئوتلىرى ۋە ئاچچىق كۆز يېشى سىرغىپ چۈشىدۇ.

     

    -داۋامى بار

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.