ئۆگەي ئاپا سىنارىيە 4

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-21 00:59:56

47-مەيدان ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ھوجۇرىسى ۋاقتى :- كەچ پىرسۇناژلار :- سەنەم ، رۇستەم ، گۈلنار سەنەمنى ياتقۇزۇپ قويىدۇ . گۈلنار :- قىزىم بىر ئۇخلاپ قوپسىڭىزلا خېلى ياخشى بۇلۇپ قالىسىز ....




    47-مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ھوجۇرىسى    ۋاقتى :- كەچ

    پىرسۇناژلار :- سەنەم ، رۇستەم ، گۈلنار

    سەنەمنى ياتقۇزۇپ قويىدۇ .

    گۈلنار :- قىزىم بىر ئۇخلاپ قوپسىڭىزلا خېلى ياخشى بۇلۇپ قالىسىز .رۇستەم سەنمۇ بالدۇراق ئۇخلىغىن ، ئەمدى ئەنسىرمىسەڭمۇ بۇلىدۇ .مەن چىقاي دەپ چىقىپ كىتىدۇ .

    48-مەيدان

    ئورنى :-گۈلسۈمئايلارنىڭ ئۆيى   ۋاقتى :- كەچ

    پىرسۇناژلار:-  سابىر ، گۈلنار ، گۈلسۈمئاي

    سابىر بىلەن گۈلسۈمئاي بىللە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ .

    گۈلنار ناھايتتى خاپا چىراي كىرىدۇ .

    سابىر :- ئاچا نىمە بولدىڭىز ، بىر ئىش بولدىمۇ ؟

    گۈلنار ؛- ئۇدۇل خوشنىمىزنىڭ قىزى قاتتىق قىزىپ قاپتۇ ، ئىككى بالا تەمتىرەپ كىتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەكەلدىم ، ئۇ چوكانمۇ نىمە قىلىدىغان چوكاندۇ ، بالا تۇغۇپ چوڭ قىلىپ باقمىغاندەك قىلىقلارنى قىلىپ ، ئۇمۇ بىر ئانىغۇ ؟ ئۇ بالىلارغا بەكمۇ ئىچىم ئاغىردى بەزىدە ئۆگەي دىگەننىڭ گىلىدىن بۇغۇپ قويغۇم كىلىدۇ .دەيدۇ.

    سابىر:-سەنەم خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدىمۇ ؟ ماڭغا دىگەن بولسىڭىز ماشىنىلق ماڭمامدۇق ،

    گۈلنار:- ئەتە ياخشى بۇلۇپ قالىدۇ.

    گۈلسۈمئاي گۈلنارغا بىرخىل قاراپ قۇيىدۇ .

    49- مەيدان

    ئورنى:- سەنەملەرنىڭ ھوجۇرىسى ، ۋاقتى :- كەچ

    پىرسۇناژلار :- سەنەم ، گۆھەر

    گۆھەر ئاچچىقىدا سەنەمنىڭ يىنىغا كىرىدۇ ،

    گۆھەر:-سەي ئۈلۈپ قالساڭ بولمامدۇ ؟قاراپ تۇرۇپ مىنى ئەسكى قىلدىڭ ،ھېلىمۇ سىلەرنى دەپ نىمەقلىمايۋاتىمەن .دەيدۇ دە بىشىغا نۇقۇپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىدۇ .

    سەنەمنىڭ  كۆزىدىن ياش  سىرغىپ چۈشىدۇ. سەنەم كۆزىنى چىڭ يۇمىۋالىدۇ .

    50- مەيدان

    ئورنى :- سىنىپ ئىچى    ۋاقتى :- ئەتىگەن

    پىرسۇناژلار:-مۇئەللىم . ئوقۇغۇچىلار رۇستەم

    مۇئەللىم يوقلىما قىلىدۇ .  

    مۇئەللىم :- بۈگۈن ساۋاقداشلار تۇلۇق كەلدىمۇ ؟ دەيدۇ.

    سىنىپ باشلىقى ؛-مۇختەر بۈگۈن سەۋەپسىز يوق دەيدۇ .

    مۇئەللىم :- رۇستەم  مۇختەر نىمە ئۈچۈن كەلمىدى ؟

    رۇستەم :- مەنمۇ بىلمىدىم ، ئەتىگەن بىللە ئۆيدىن چىققان بولمىسا .

    مۇئەللىم :- بولدى دەرىسىمىزنى باشلايلى .

    51- مەيدان

    ئورنى ؛- گۈلسۈملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :- كەچقۇرۇن

    پىرسۇناژلار:- سابىر ، گۈلنار ،گۈلسۈم ، قاسىم .

    ھەممەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ تىلۋىزور  كۆرىدۇ  .

    گۈلسۈمئاي:-  بۈگۈن مەن بەك خوشال .

    قاسىم :- نىمە ئىش بالام سىزنى بۇنچىۋالا خوش قىلۋەتكەن .

    گۈلسۈمئاي:- كىلەر ھەپتە مەكتەپنىڭ دىكلاماتسىيە مۇسابىقىسى  ئۆتكۈزۈلدىكەن ،مەن  قاتناشتىم .

    سابىر ؛- ۋاي نىمە ئىشكىن دەپتىمەن تېخى  دەيدۇ چاىچاى قىلىپ .

    گۈلسۈمئاي:- دادا ، ئاكامغا قاراڭە مىنى زاڭلىق قىلۋاتىدۇ.

    قاسىم :- ياق ، نىمە دەپ سىزنى زاڭلىق قىلىدۇ ، مەن سىزنى قۇللايمەن ،

    گۈلنار ؛- مەن چاي ئەكىرەي .

    سابىر :- ئەتە يەكشەنبە تازا بىر قانغۇدەك ئۇخلىۋالمىسام ، ئۇزۇن بوپتۇ قىنىپ ئۇخلمىغىلى ،دەيدۇ ئورنىدىن تۇرۇپ .

    قاسىم :- ئۇقۇ دىگن ئۇخلىغانغا تۈگىمەيدۇ ، يىللىق ئىشىڭنى باھادىن باشلا ، كۈندىلىك ئىشىڭنى سەھەردىن دەيدۇ. كۆپ ئۇخلاشقا بولمايدۇ .گۈلسۈم دادىسىغا چاندۇرماي سابىرنى زاڭلىق قىلىپ كۈلىدۇ .

    52- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :-سەنەم ، رۇستەم ، گۆھەر

      سەنەم :- رۇستەم ، دادام يىنىپ كىلىدىكەن ، دادام كىلىدىكەن ، دەيدۇ خوشال بۇلۇپ .

    رۇستەم :- راستمۇ ئاچا ، قاچان كىلىدىكەن د ەيدۇ كۈلۈشۈپ كىتىدۇ .

    گۆھەر :- ياندىكى ئۆيدىن چىقىدۇ .

    گۆھەر:- نىمىگە خوشال بۇلۇشۇپ كەتتىڭ .دەيدۇ ئالىيىپ كىرىپ كىتىدۇ .

    سەنەمم بىلەن رۇستەم بىر – بىرخگە قاراپ قۇيۇپ يەنە مىيقىدا كۈلىدۇ .

    53- مەيدان

    ئورنى :- گۈلشەنلەرنىڭ ئۆيى   ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- گۈلشەن

    بىردەم تىلۋىزور كۆرىدۇ ،ئاشىانا ئۆيگە چىقىپ كىرىدۇ.كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ ئولتۇرىدۇ .

    ئۆز-ئۆزىگە :- تاماق ئىتىپ قۇيۇپ كەتمەمدۇ ؟ مىنىڭ ھىچ يەرگە بارمايدىغانلىقىمنى بىلمەمدىكىنە دەيدۇ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ.

    54- مەيدان

    ئورنى :- بىنانىڭ كارىدورى     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەخمۇت، دىلبەر

    ئىككىسى بىللە چىقىدۇ .

    دىلبەر؛- گۈلشەن بىرنىمە يىمىدى ھە قاچان ، ئاچ قۇرساق ئولتۇرىدۇ بىلسەم بىلمىسەم ،بارمايلى دىسەم ...

    مەخمۇت :- چوپچوڭ بۇلۇپ قالغان بىر قىز ئۆزنىڭ قۇرسىقىنى

    تويغۇزالمىسا سەت ئەمەسمۇ ئۇنى مەن يامان ئۆگىتىپ قويدۇم .ئىككىسى ئۆيگەكىرىدۇ .

    55- مەيدان

    ئورنى :-گۈلشەنلەرنىڭ ئۆيى      ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- مەخمۇت ، گۈلشەن ، دىلبەر

    گۈلشەن يۈگۈرۈپ چىقىدۇ ،

    گۈلشەن ؛- تاماق ئىتىپ قۇيۇپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ .دەيدۇ ئالىيىپ .

    مەخمۇت :- ئۆزىڭىزدىن چوڭ ئادەمگە شۇنداق گەپ قىلامسىز ، قانداق دىگەن گەپ بۇ ؟

    دىلبەر :- مەن ھازىرلا قىلىپ بېرەي دەيدۇ .

    گۈلشەن :- يىمەيمەن ، يىمەيمەن دەپ قىيداپ ھوجۇرىسىغا كىرىپ كىتىدۇ .

    مەخمۇت :- سىز ، سىز ،  بۇ بالىنى زە    دەيدۇ بىشنى چايقايدۇ .

    56-مەيدان

    ئورنى :-سەنەملەرنىڭ ھوجۇرىسى   ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- رۇستەم

    رۇستەم ئۇخلاپ چۈش كۆرىدۇ .

    57-مەيدا ن

    ئورنى ؛- مەھەلە ئىچى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- رۇستەم ، سەنەم

    رۇستەم :- ئاچا ئاۋۇ ئۆيلەربىزنىڭ  بۇرۇنقى ئۆي ئىكەن.

    ئەجەپ كونا بۇلۇپ كىتىپتۇ . ئاچا بېرىپ كۆرۈپ باقايلى .ئىككىسى يىتلىشىپ بىللە ماڭىدۇ .

    رۇستەم :- مانا بىزنىڭ ئۆي دەيدۇ، ياندىكى تام ئۆرۈلىپ كىتىدۇ .سەنەم :- تىز ماڭ تىز ، تام بىسۋالىدۇ دەپ رۇستەمنى تارتىپ ماكىدۇ ، تاملار ئۆرىلىپ كىتىدۇ .

    58- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ھوجۇرىسى،   ۋاقتى :- چۈشتى كىيىن

    پىرسۇناژلار :- رۇستەم

    رۇستەم چۈچۈپ ئويغىنىپ كىتىدۇ .

    59- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ  ئۆيى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- گۆھەر ،  ئەر

    گۆھەر جابدۇنۇپ ماڭماقچى بۇلىدۇ .تىلفۇن سايرايدۇ.(تلفۇندىكى پاراڭلىشىش بىر كۆرىنىشتە ئىلىنىدۇ . )

    ئەر:- ياخشىمۇسىز ،مەن ئىسمايىلنىڭ قانۇنى ۋەكالەتچىسى ،تۈنۆگۈن قايتىش يۇلىدائىسمايىل قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى دەيدۇ.

    گۆھەر:- نىمە دەپ ھاڭۋىقىپ ئاڭقىرالمايدۇ ،كۆزىدىن ياش سىرغىپ چۇشىدۇ .

    ئەر :- بىز ئەتە كۆرىشەيلى، سىزگە تاپشۇردىغان ئىشلار بار .

    ھە راس بالىلار بىلمىسۇن .ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يىتىپ قالىدۇ .دەپ تىلفۇننى قۇيىدۇ .

    گۆھەر كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۋالىدۇ ، كۆينەك ، ياغلىقلىق بۇلۋالىدۇ .

    ئەتىسى ئەتىگەن

    ئۇلار دەرقەمدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ .

    ئەر:- بۇ ئۈچ بالىنىڭ ئوقۇشىغا قالدۇرۇلغان پۇل.بۇ يەرگە قول قۇيۇڭ .بۇ سىزگە قالدۇرۇلغان كىيىنكى تۇرمۇش راسخودى .ئەڭ مۇھىمى بالىلار بىلمىسۇن ، بۇنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن .بۇ يەرگىمۇ ئىزا قۇيۇڭ دەيدۇ.گۆھەر يىشىنى توختىتالمايدۇ .

    60- مەيدان

    ئورنى :- مۇسابىقەمەيدانى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- رىياسەتچى ، ئۇسۇلچى ، گۈلسۈمئاي، سابىر ، گۈلنار، تاماشىبىنلار

    سەھنىدە يالغۇز كىشلىك داپ ئۇسۇلى ئاخىرلىشاي دىگەن ئىدى .

    تاماشىبىنلار ئارىسىدا سابىر بىلەن گۈلنار كۆرسىتلىدۇ .داپ ئۇسۇلى تۈگەيدۇ .چىرايلىق كىيىنگەن رىياسەتچى ىز كىيىنكى نۇمىرنى ئېلان قىلىدۇ .:- نۆۋەتتە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىدىغىنىمىز 

    "سوۋغات " تۇلۇق 3- يىللىقتىن گۈلسۈمئاي قاسىم دىكلاماتسىيە قىلىدۇ .

    چىچىنى چىرايلىق ئىككى تال ئۆرۋالغان، ئۇچىسىدكى ساراپىنى تېخىمۇ ئۇماق  قىلۋەتكەن ئىدى .

      گۈلسۈمئاي  يىنىك ئىگىلىپ سالام بېرىدۇ .ھەممەيلەن چاۋاك چالىدۇ .

    سابىر :- گۈلسۈمئاي بۈگۈن باشقىچە ئماق بۇلۇپ كىتىوتۇ قاراڭ دەيدۇ .

    گۈلنار:- شۇنداق  .بۇ قىزغا مىنىڭ بەكمۇ ئىچىم كۆيىدۇ . ھازىر كىچىك ، كىيىن چوڭ بولغاندا بىلىپ قالار دەيدۇ .

    سابىر ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ .

     

    گۈلسۈم:-ئىنسان تۇغۇلۇپلا بىرنىچى بۇلۇپ ئاپا دەپ تىلى چىقىدۇ ،مەن تىلىم چىقىپ ئاپا دەپ چاقىرغان ئاپام مەندىن ۋاقىتسىز  ئايرىلدى . ئاپا دىگەن سۆز نىمانچە يىقىملىقتۇ ؟ ئادەم قانچە چاقىرسىمۇ قانمايدىكەن ، مەن ئەمدى ئاپا دىگەنلەرنىڭ ئاغزىغا قارايمۇ ؟ ئۇلارغا ھەۋىسىم كەلدى ، قىزغاندىم ، ئاپام يوق ، ئاپام يوق ، ئاپا . ئاپا  ئەتراپقا قاراپ ئۈنلۈك ۋاقىردىم ،سادا كەلمىدى ،مىنىڭ ئاپام يوقكەن ئەمەسمۇ  ، مىنىڭ ئاپام  يوقكەن ئەمەسمۇ ...

    تۇيۇقسىز بىر ئىش يادىمغا يەتتى .ياق ئۇنداق ئەمە س ، مەن ھەركۈنى ئۆيگە بارغىنىمدا ،ئىىسىق تاماق تەييار ، پىكىزە رەتلىك ئۆيلەر ،مىنىڭ ئاپامنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرماي بارلىق ئىشلىرىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقۋاتقان ئادەم كىم ،؟ئۆز –ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم .گۈلسۈمئاي سەن خاتالاشتىڭ ، سىنىڭ ئاپاڭ بار ، ئۇ سىنىڭ ئاپاڭ دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم .

    مەن بىرەر قىتىممۇ پايپىقىمنى يۇيۇپ باقمىدىم ، تاماقنىمۇ ئىتىپ باقمىدىم ، شۇلارنى  شۇ ئاپام قىلىپ بەردى،ئۆزۇمنىڭ قىز بالا بۇلۇپ قالغىنىمدىن خىجىللىق ھېس قىلدىم ،مەن پەقەت ، يىيىشنى ، ئىچىشنى ئۇىلايدىغان بىر مەخلۇقتەك بۇلۇپ قالدىم ، چەت ئەللەردە 3 ياشتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ كىيمىنى كىيەلمىسە ، 10 ياشتىن باشلاپ ئاددى تۇرمۇش ساۋاقلىرىنى بىلمىسە بىنورمال ئادەم دەپ داۋالىتىدىكەن ، مىنى داۋالايدىغان ئادەم بارمۇ ، مەن ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالدىممۇ ؟ .....

    مەن ھازىرغىچە ئۇنى ئاپا دەپ چاقىرىپ باقمىدىم ، ئۇ ماڭا شۇنچىلىك كۈيىنىدۇ .بىر كۈنى مىنى دەپ ئۆيدە ئىككى خىل تاماق قىپتۇ ، مەن لەغمەننى ياختۇرۇپ كەتمەيتتىم ، ئۆزۈم ھىچنىمىنى قىلالماي تۇرۇپ ، نىمىگە تاللاش ھوقوقۇم بولسۇن،  ئۇنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلىقى ،ھەربىر مىھرىبانلىق مىنى ئەمەس ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۇرمەي قالمايدۇ . ئۇ  ئاپا دىگەن شۇ سۆزگە قانچىلىك تەقەززادۇر ھە، مەن ئۇنى سىلكىدىم ،ئۇنىڭغا قوپال تەگدىم ،كۆڭلىنى ئاغرىتتىم ، ئەگەردۇنيادىكى بارلىق ئۆگەي ئانىلار شۇنداق بولغان بولسىدى دۇنيا تېخمۇگۈزەلىككە تۇلۇپ كەتكەن بۇلاتتى ئەپسۇس ...

    ئاپامنىڭ روھى مىنى يۇلىدى .....(سەل تىنىۋىتىدۇ )

    ئاپا مىنى كەچۈرۈڭ ، ئاپا . ئاپا . مۇشۇنداق قانچە قىتىم چاقىرسام سز خوشال بۇلىسىز ئاپا (گۈلسۈمنىڭ مەڭزىدىن ياش سىرغىپ چۈشىدۇ )ئەقىلىسىز قىزىڭىزنى كەچۈرۈڭ....

    چاۋاك ئالقىش سادالىرى ياڭراپ كىتىدۇ ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا گۈلنار ئۆزىنى تۇتۋالالماي يىغلاپ كىتىدۇ .سابىرمۇ چاندۇرماي يىشىنى سۇرتىدۇ ، مىيقىدا رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قۇيىدۇ .

    61-مەيدان

    ئورنى :- گۈلشەنلەرنى ئۆيى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مەخمۇت ، گۈلشەن ، دىلنۇر ، دىلبەر

    ھەممەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ غىزالىنىدۇ .

    گۈلشەن :- دادا ، مەن كۆپ ئويلاشتىم ، مەن چەتكە چىقىپ .ئوقۇيمەن .

    مەخمۇت :- نەگەبېرىشنى ئويلاشتىڭىز ، بۇ يەرلەردىمۇ خېلى ياخشى مەكتەپلەر بارغۇ ؟

    گۈلشەن.:- مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم ئەنگلىيەدە ئوقىۋاتىدۇ .شۇ يەرگە بارىمەن .

    دىلبەر گۈلشەنگەقاراپ قۇيىدۇ ،دىلنۇر غىمىدە يوق تامىقىنى يەۋېرىدۇ .

    ئارىدىن ئۇزۇن يىللاردىن كىين

    62- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- گۆھەر 

    گۆھەر ھالسىزلىنپ ئاران ماڭىدۇ . قۇلىدا بىر پىيالە چاينى ئىلىپ ئاستا كىلىپ كىرىسلودا ئولتۇرىدۇ .دورىسىنى ئىچۋالىدۇ .ئاندىن تىلفۇن قىلىدۇ .

    گۆھەر:- ياخشىمۇسىز ، سېستىرا سەنەم  بامۇ ؟  ھە  بىلدىم بۇلىدۇ ، رەھمەت سىزگە .

    63- مەيدان

    ئورنى :- دوختۇرخانا    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- سەنەم ، سېستىرا قىز

    سېستىرا قىز :- سەنەم . ئاپىڭىز تىلفۇن قىپتىكەن ، مىجەزى يوقمۇ قانداق ،سىزنى يېرىم سائەتتىن كىيىن   ئىشتىن چۈشىدۇ دەپ قويدۇم .

    سەنەم :- ھە بىلدىم ، رەھمەت .دەيدۇ بىمارنىڭ ئۇكۇلىنى ئالماشتۇرىدۇ .

    64- مەيدان

    ئورنى ؛- مەكتەپ ، سىنىپ ئىچى     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- رۇستەم    ئوقۇغۇچىلار

    رۇستەم :- ئەتە ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىچىلىدۇ . ئاندىن كىيىن تەتىلگە چىقىسىلەر ، تەتىل مەزگىلدە چۇقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشڭلار كېرەك ،كۈندىلىكخاتىرە يىزىشنى ئۇنتىماڭلار .تاپشۇرقىڭلارنى ۋاقتىدا ئىشلەڭلار.يامان ئادەملەر بىلەن ئارلاشماڭلار بىلدىڭلارمۇ  دەيدۇ كۈلۈپ .

    بالىلار :- بىلدۇق دەيدۇ تەڭ ۋارقىراپ .

    65- مەيدان

    ئورنى :- چوڭ يول    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- مۇختەر، لۈكچەك بالىلار

    لۈكچەك بالىلارنى بىرى :- قاراڭلار  ،ئاۋۇ مۇختەرغۇ؟ قوغلاڭلار دەيدۇ. يۈگۈرىشىدۇ .

    مۇختەر بۇلارنى كۆرۈپ قىلىپ بەدەر قاچىدۇ .

    :- توختا ، توختا ، توختا دەيمەن ،بىر كىچىك كوچىغىچە قوغلاپ تۇتۋالىدۇ .

    بىرى :- پۇلنى قاچان بېرىسەن ،تاياق يىگىڭ كەلدىمۇ ؟ تىتىپ باققىڭ كەلدىمۇ ؟ دەپ  ئۇرۇپلاكىتىدۇ .

    مۇختەر :- ئاكا ، ئاكا  بولدى ئاكا ، بولدى ، مىنى ئۇرماڭلار ،دەيدۇ ،ۋارقىراپ .

    بالا :- ھە پۇلنى قاچا ن بېرىسەن ؟دەيدۇ ئۇرۇشنى توختىتىپ ،مۇختەرنىڭ گىلدىن سىقىپ .

    مۇختەر:- ئاكا ، مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە تەييارلاپ بېرەي  دەيدۇ يالۋۇرۇپ.

    66- مەيدان

    ئورنى :- دوختۇرخانا     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- سابىر   ، سابىرنىڭ ئايالى ، گۈلنار ، گۈلسۈئاينىڭ يولدىشى ،  ئۇلار ئۇياقبۇياققا ماڭىدۇ .

    سابىر :- ئاچا بىردەم ئولتۇرۋىلىڭ . دەيدۇ .

    گۈلنار :- ياق بولدى دەيدۇ .

    دوختۇر چىقىدۇ .

    دوختۇر :- قىز تۇغۇلدى ، مۇبارەك بولسۇن.ھەممەيلەن كۈلىشىدۇ ،

    گۈلنار:- قىزىمچۇ ؟ تىنىچ ئامانمۇ ؟

    دوختۇر :- خاتىرجەم بۇلۇڭلار ئانا بال ھەممسى ساق سالامەت دەپ كىتىپ قالىدۇ .

    67- مەيدان

    ئورنى :- بالنىس ئۆيى   ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- گۈلنار ، سابىرنىڭ ئايالى ، گۈلسۈمئاي

    گۈلسۈمئاي كارۋاتتا ياتىدۇ .گۈلنار بالىنى كۈتىرىپ ئۇياق بۇياققا ماڭىدۇ .

    گۈلسۈمئاي:- ئاپا .مەنمۇ ئاپا بولدۇم ، دەيدۇ كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ .

    گۈلنار  كۈلۈپ قۇيۇپ بالىنى ئەركىلىتىدۇ .

    سابىرنىڭ ئايالى :- سىز ئەمدى ياخشى ئارام ئىلىڭ .ئاپاممۇ ئۆيگە بېرىپ ئارام ئالسۇن سىزگە مەن قاراي دەيدۇ .

    گۈلنار :- بولدى بولدى ، قىزىمغا ئۆزۇم قارايمەن، سىز بېرىپ ئوغلىڭىزغا قاراڭ ھە دەيدۇ كۈلۈپ.

    گۈلسۈمئاي كۈلۈپ قۇيىدۇ .

    سابىرنىڭ ئايالى :- بۇلىدۇ ئاپا دەيدۇ ئەركىلىگەندەك كۈلۈپ .

    68- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سەنەم ، گۆھەر

    سەنەم دورىلارنى ئاپىسىنىڭ ئالدىغا قۇيىدۇ .

    گۆھەرنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسىنى ئۆلچەيدۇ.ئاندىن ئۇكۇل ئۇرىدۇ .

    سەنەم :- بۇ بىر بوتولكا تىمىپ بولسا قىزىتمىڭىز يىنىپ قالىدۇ ئاندى دوختۇرخانىغا بېرىپ يەنە بىر تەكشۇرتەيلى .

    گۆھەر:- بۇلىدۇ دەيدۇ  ئارانلا .

    69- مەيدان

    ئورنى :- دوختۇر ئىشخانىسى ، ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سەنەم، دوختۇر

    سەنەم :- دوىتۇر ئاپامنىڭ كىسىلى راستىنلا بەك ئېغىرمۇ ؟

    دوختۇر :- شۇنداق ، ئوپراتسىيە قىلساق بىز كاپالەت بېرەلمەيمىز ، ئۇنىڭدىن مۇشۇنداق داۋالاپ تىزگىنلەپ تۇرايلى، بىزدىمۇ باشقائامال يوق ،ئاخىرىقى باسقۇچ بۇلۇپ قاپتۇ .ئۇنىڭ .ئۈستىگە ئاپىڭز بھك چارچاپ كەتسە كۆپ ئىشلارنى ئويلىسا بولمايدۇ ،شۇڭا سىلەرمۇ بەك دىققەت قىلىڭلار .كەچۈرۈڭ.دەيدۇ .

    70- مەيدان

    ئورنى ؛- دوختۇرخانا كارىدورى     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سەنەم ،رۇستەم ، گۆھەر  باشقىلار

    سەنەم ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن بالىنىس ئۆيىدىكى گۆھەرگە قارايدۇ .كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ .ياش مەڭزىدىن سىرغىپ چۈشىدۇ.رۇستەم كىلىدۇ .

    ئىككىسى بىللە زالدىكى ئورۇندا ئولتۇرىدۇ .

    رۇستەم:- ئاچا دوختۇر بىلەن كۆرىشتىڭمۇ ؟ نىمە دەيدۇ ؟

    سەنەم :- ياخشى ئەمەس ، ئامال يوقكەن، بەكمۇ كۆڭلۇم يېرىم ، ئاپامغا قارىساملا كۆزۇمگە ياش كىلىپ ، ئۆزۇمنى تۇتۋالالمايدىكەنمەن .قانداق قىلارمىز ئەمدى ؟

    رۇستەم :- بولدى ، يۇر يىنىغا كىرەيلى .

    ئىككىسى بىللە كىرىدۇ .

    71- مەيدان

    ئورنى :- بالنىس ئۆيى    ۋاقتى ، كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- گۆھەر، رۇستەم ، سەنەم

    گۆھەر خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ .

    خىيال سۇرگەچ قۇلىدىكى ھېلىقى بىر جۈپ ھالقىغا بىرقاراپ سىقىمداپ ئولتۇرىدۇ .

    ئىچىدە:- مەن بۇنى سەنەمگە بېرىمەن ، مەن بۇ ئىىكى بالىغا يۈز كىلەلمەيمەن ، سەنەم ، رۇستەم ، مىنى كەچۈرەرسىلەرمۇ ؟ دەيدۇ ئۈنسىز يىغلايدۇ .رۇستەم بىلەن سەنەم كىرىدۇ .

    سەنەم :- ئاپا بىز كەلدۇق دەيدۇ.

    گۆھەر :- ھە ھە ، كەلدىڭلارمۇ دەيدۇ كۆز يىشىنى ئالمان تالمان سۈرتۈپ .

    سەنەممۇ گۆھەرگە قاراپ  كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ .دوختۇرنىڭ سۆزى قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيدۇ .

    {دوختۇر :- بىزدىمۇ ئامال يوق كەچۈرۈڭ }

    72- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- مۇختەر ، مال يىغۋالغۇچى

    مۇختەر ئۆيگە كىرىدۇ . يەردىكى ئىككى پارچە گىلەم، توڭلاتقۇ ، تىلۋىزور قاتارلىقلارنى سىتۋىتىدۇ .

    ئەر:- مانا  1000كوي ، ئالە ئۇكا دەپ بېرىدۇ .

    مۇختەر؛- ھە تىز  تىز ، مڭىڭلار  دەيدۇ .ئەتراپقاقاراپ .

    73- مەيدان

    ئورنى :-تار كوچا    ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- مۇختەر ، لۈكچەك بالىلار

    بالا :- ھەي ئاران مۇشۇنى ئەكەلدىڭما ؟ قالغىنىچۇ ؟

    مۇختەر:- بۇنى ئىلىپ تۇرە ، مەن يەنە ئامالىنى قىلىمەن .ئەتە ئەتە  ھە ، شۇنداق بولسۇنمۇ ئاكا .

    74- مەيدان

    ئورنى :- دوختۇرخانا    ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار :- سەنەم ، رۇستەم ، گۆھەر، سېستىرا قىز

    رۇستەم :- ئاپا ئاچا ، سىلەرگە نىمە تاماق ئەكىلەي .

    گۆھەر ماڭا ئەكىرمىگىن ،مىنىڭ تازا تاماق يىگىم يوق،ئۆزۇڭلارغا ئەكىرىپ يەڭلار .

    سەنەم :- سەن تىزراق كىرگىن.مەن سەل تۇرۇپ ئىشقا بارىمەن .

    رۇستەم :- بۇلىدۇ  دەپ چىقىپ كىتىدۇ.

    سەنەم :-ئاپا بايامقىدىن ياخشى بۇلۇپ قالغاندەكمۇ ؟

    گۆھەر؛- شۇنداق بالام ، ھازىر خېلى ياخشى .سەل ئۆرە بۇلۋىلىپ گىپىنى باشلايدۇ .

    گۆھەر:- يىنىمدىراق ئولتۇرغىن بۇلامدۇ دەيدۇ ئورۇننى كۆرسىتىپ .

    سەنەم كىلىپ .ئولتۇرىدۇ .

    سېستىرا قىز كىرىدۇ .:- 36- كارۋاتتىكى بىمار تەكشۈرۈشكە چىقىشقا تەييارلىنىڭ .دەپ چىقىپ كىتىدۇ .

    سەنەم :- ھە  مانا ھازىر ،  ئاپا تىز بۇلۇڭ دەيدۇ .

    75- مەيدان

    ئورنى :- گۈلشەنلەرنىڭ ئۆيى   ۋاقتى :- سەھەر

    پىرسۇناژلار :- دىلبەر ، مەخمۇت

    ئىككىسى بىللە ناشتىلىق قىلىدۇ . ئۈستەل ئۈستىدە "مىراببا ، ھەسەل ،گۈلقەنىت لەر " بار .

    دىلبەر :- گۈلشەن مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە يىنىپ كىلىمەن دىگەن ئىدى.تىزراق يىنىپ كەلسە بوپتىكەن ،چەت دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقتۇق دەپ ئىپپەت نۇمۇسىنى سىتىپ بۇ خەق ،قانداق بۇلۇپ كەتتى بۇ ئىشلار دەيدۇ .

    مەخمۇ ت:- شۇ ئەمەسمۇ ، مەن بۈگۈلا ئالاقىلىشىمەن چۇقۇم يىنىپ كىلىدۇ ،دەيدۇ .دىلبەر :- گۈلشەنمۇخېلى چوڭ بۇلۇپ قالدى ، ئالدىنقى قىتىم يىنىپ كەلگەندىلا شۇنچىلىك تەمكىن ، گەپ سۆزلىرمۇ جايىدا، ئەدەپلىكلىكىچۇ تېخى ...كىشىنى سۈيۈندۈرۈپ  مىنى ياد  كۆرمەيدىغان بولدى .

    مەخمۇت كۈلۈپ قۇيىدۇ .

    76-مەيدان

    ئورنى :- دوختۇرخانا     ۋاقتى :-  كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سەنەم ، رۇستەم ، مۇختەر ، گۆھەر ، باشقىلار

    گۆھەر قۇلىدىكى ھالقىغا قاراپ خىيال سۈرىدۇ .شۇ ۋاقىتتا شۇ ھالقا ئۈچۈ ن سەنەمنى ئۇرغىنى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ .( شۇ ۋاقىتىكى كۆرىنىش قىستۇرۇلدۇ )

    مۇختەر ئالمان – تالمان كىرىدۇ .گۆھەر چۈچۈپ كىتىدۇ .

    دەرھال  ھالقىنى كەينىگە قىلۋالىدۇ .گۆھەر:- نىمە قىلغىلى كەلدىڭ ؟

    مۇختەر:- ئاپا ماڭا پۇل بەر ، پۇل ماڭا پۇل لازىم ، بىلدىڭمۇ دەيدۇ ھۈرپىيىپ .

    گۆھەر:- ھازىر مەندە مۇشۇ كىسەل جىنىمدىن باشقا ھىچنىمەم يوق كەت ماڭ  سىزنى  كۆرە كۆزۇم يوق .

    مۇختەر :- كەينىڭگە تىقۋالغىنىڭ نىمە ئۇ؟دەپ دىۋەيلەپ كىلىدۇ .گۆھەرنىڭ قۇلىنى قايرىپ ھالقىنى ئىۋالىدۇ .

    مۇختەر :- ماڭ قېرى ئۆل  دەپ سىلكىپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كىتىدۇ .

    77- مەيدان

    ئورنى :- جىددى قۇتقۇزۇش بۈلۈمى ئالدى   ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- رۇستەم ، سەنەم ، دوختۇر سېستىرالار

    رۇستەم ئۇياق – بياققا ماڭىدۇ . قۇلىدىكى سائەتكە قارايدۇ .ئەتراپقا قارايدۇ .

    سەنەم كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرتكەچ يۈگۈرۈپ كىلىدۇ .

    سەنەم :- ئاپام قېنى ؟ ئاپام  ئاپا ...

    رۇستەم :- جىددى قۇتقۇزۋاتىدۇ ، ئۆزۈڭنى تۇتۋال ئاچا ،دەپ يىغلىۋىتىدۇ .

    سەنەم :- ياق . ياق ياق دەپ رۇستەمنى مۇشتلاپ يىغلايدۇ .

    دوختۇر چىقىدۇ .

    دوخرۇ :- ھازىر بالنىس ئۆيىگە ئەكىرىپ قۇيىدۇ خوشلىشۋىلىڭلار ، بىزمۇ تىرشتۇق كەچۈرۈڭلار دەپ كىتىپ قالىدۇ .

    78- مەيدان

    ئورنى :- بالنىس ئۆيى   ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سەنەم ،رۇستەم ، گۆھەر ، باشقىلار

    رۇستەم سەنەمنى يۈلەپ ئاستا كىرىدۇ .

    گۆھەرھوشسىز ياتىدۇ .

    سەنەم ئاستا كىلىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ .رۇستەم چەتتە قاراپ تۇرىدۇ .

    سەنەم :- ئاپا ، ئاپا ،بىز ئۆز ئانا مىھرىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز ، لىكىن سىز مۇشۇ ئۇزۇن مۇساپىدە بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالدىڭىز، سىز بولغاچ بىز مۇشۇنچىلىك تۇرۋاتقان . ئۇزۇن بولماي دادىمىزدىن ئايرىلدۇق ، ئەمدى سىزدىنمۇ ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمايمىز ، ئاپا  ئاپا . تۇرۇڭ بىزگە ۋارقىراپ قۇيۇڭ ، بىزگە گەپ قىلىپ بېرىڭ ، ئاپا ، ئاپا ....بىز تېخى سىزگە ھىچنىمە قىلىپ بەرمىدۇققۇ .مەن تېخى سىزنى رازى قىلالمىدىمغۇ ، سىزنى خېلى باقىمەن دىگەن خىياللىرىم يوق بولدىمۇ ، نىمە ئۈچۈن بىندا كەلگۈلۈك بىزنىڭ بىشىمىزغا كىلىدۇ .(رۇستەم ئۆزىنى تۇتۋالالماي يىغلىغان پىتى چىقىپ كىتىدۇ )  بىزدىن رازىمۇ سىز ئاپا ، بىز سىز ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلار تېخى نۇرغۇنغۇ .ئاپا ئاپ  دەپ ئۆسۈپ ئۆسۈپ يىغلاپ كىتىدۇ .

    ياندىكى بىمار ئايالمۇ يىشىنى سۈرتىدۇ .

    گۆھەرنىڭ كۆزىدىن ياش سېرغىپ چۈشىدۇ دە بىشى يانغا چۈشپ كىتىدۇ .

    سەنەم :- ئاپا ئاپا دەپ چېرقىراپ يىغلاپ كىتىدۇ .

    رۇستەم يۈگەۈرۈپ كىرىدۇ ،جايىدا قىتىپ تۇرپ قالىدۇ ، يىشى توختىماي ئاقىدۇ .

    79- مەيدان

    ئورنى :- تار كوچا   ۋاقتى :- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:-   مۇختەر ، لۈكچەك بالىلار ، باشقىلار

    مۇختە ر:- مانا بۇ بىر جۇپ ھالقا ،دەپ بېرىدۇ .

    بالا :- بۇ  ...200 كوي بولسۇن  دەيدۇ .

    مۇختەر :- ئاكا  قارا  ئۇ 8گىرام ئالتۇن ئاۋۇ  دەيدۇ .

    لۈكچەك :- كارىم يوق ، يەنە بېرىسەن دەيدۇ .

    مۇختەر غەزىۋىنى باسالماي  يىنىدىكى پىچاقىنى چىقىرىپ ئۇ بالىغا تىقۋىتىدۇ .

    بالا يىقىلىپ چۈشىدۇ ، ئەتراپتىكىلەر بەدەر قاچىدۇ .

    80- مەيدان

    ئورنى :- تۈرمە    ۋاقتى : -كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- سەنەم (ئاق ياغلىق چىگۋالغان) ساقچى .

    سەنەم :- مەن مۇختەر ئىسمايىل بىلەن كۆرشمەكچى ئىدىم .

    ساقچى :- بۈگۈن ئۇچىرشىش كۈنى ئەمەس دەيدۇ .

    سەنەم :-ئۇنداق بولسا قاچان كۆرىشىمەن ؟

    ساقچى :- مۇشۇ ئاينىڭ 20دىن كىيىن .

    سەنەم :- يەنە 10نەچچە كۈن باركەن، دەيدىغان ئىككى ئېغىز گىپىم بار ئىدى دەۋالغان بولسام ..

    ساقچى :- خانقىز بۇ تۈزۈم ، بولمايدۇ ،گەپ بولسا ماڭا دەڭ ، يەتكۈزۈپ قويىمىز دەيدۇ.

    سەنەم ؛- ئاپىمىز تۈگەپكەتتى دەپ يىغلىۋىتىدۇ.

    81- مەيدان

    ئورنى :- قاماقخانا    ۋاقتى:- كىچە

    پىرسۇناژلار :- مۇختەر

    مۇختەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن گەپلەر كەتمەيدۇ .

    ساقچىنىڭ سۆزى بايان قىلىنىدۇ "4051. سىنىڭ تۇققىنىڭ كەپتۇ . ئاپاڭ ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ دەيدۇ. ئاپاڭ ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ .ئاپاڭ ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ "

    مۇختەر ئەسەبىيلەرچە رىشاتكىغا ئىسىلىپ ئىچىنىشلىق يىغلايدۇ .

    مۇختەر:- ئاپا   ئاپا  ئاپا  ....جايىدا ئولتۇرۇپ قالىدۇ .

    82- مەيدان

    ئورنى :- سەنەملەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار  :- سەنەم

    قارلىق تۇتۋالغان سەنەم ئۆيگە كىرىدۇ .ھەممە يەرگە بىر قۇر قارايدۇ .يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ راسا يىغلايدۇ .ئۈ سىلىپ يىغلايدۇ ( مۇزىكا )

    سەنەم ئاستا ئورنىدىن تۇرىدۇ .ئۆيدىن  چىقىدۇ .تۈگەيدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆگەي ئاپا سىنارىيە