ئۆز ئوغلىغا ئۈلۈم جازاسى بەرگەن دادا (3)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-05 02:09:10

31- مەيدان ئورنى:- مەكتەپ ۋاقتى:- كۈندۈز پىرسۇناژلار :- قادىر بوۋاي، شىرزات، پاتەمخان موماي، زۇلىۇمار قادىر بوۋاي بىلەن پاتەمخان موماي ئىشخانىدىن بىللە چىقىدۇ. پاتەمخان:- ئىككىسى بىللە ئوقۇيدىغا...

     

    31- مەيدان

    ئورنى:- مەكتەپ    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- قادىر بوۋاي، شىرزات، پاتەمخان موماي، زۇلىۇمار

    قادىر بوۋاي بىلەن  پاتەمخان موماي ئىشخانىدىن بىللە چىقىدۇ. پاتەمخان:- ئىككىسى بىللە ئوقۇيدىغان بولدى  دەيدۇ كۈلۈپ.

    قادىر بوۋاي:- شۇنى دەڭا، بۇمۇ ياخشى بولدى. بالام زۇلخۇمارنىڭ قولىنى يېتلىۋالە دەيدۇ.

    شىرزات بىلەن زۇلخۇمار يېتلىشىپ ئالدىدا ماڭىدۇ.

    زۇلخۇمار:- سەن دوختۇردىن قورقۇمسەن ؟

    شىرزات:- ياق قورقمايمەن، چۈنكى مېنىڭ بوۋام بار دەيدۇ.

    32- مەيدان

    ئورنى:- چەت جايدىكى كونا ئۆيلەر     ۋاقتى:- كىچە

     پىرسۇناژلار:- مەردان   خىزمەتداشلار  

    مەردان بىلەن باشقىلار يۇشۇرۇنچە ئەتراپقا  قاراپ ئاستا ئۆيگە يىقىنلىشىدۇ. مەردان كۆز ئىشارىتى قىلىدۇ. ئۇلار ھۇجۇم قىلىپ كىرىدۇ:- قىمىرلىما، قۇلۇڭنى كۈتەر ...

    بىرھازادىن كىيىن ئۈچ جىنايەتچىنى قولغا ئىلىپ باستۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇلارنى ماشىنىغا سالىدۇ.

    خىزمەتدا ش:- جاپا چەكتىڭىز باشلىق دەيدۇ.

    مەردان:- سىلەرمۇ شۇنداق، جاپا چەكتىڭلار.

    33- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى     ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:-  قادىر بوۋاي     رازىخان موماي، شىرزات

    رازىخان موماي:- بۈگۈندىن باشلاپ  مېنىڭ شىرزات بالام مەكتەپكە بارىدۇ، بالا چوڭ بولدى  دەپ ئاشنى يېگۈزىدۇ.

    شىرزات:- مەن مەكتەپكە بارمايمەن، بوۋام بىلەن ئوينايمەن دەپ يىغلايدۇ.

    بوۋاي:- مېنىڭ ئوغلۇم گەپ ئاڭلايدۇ. ياخشى بالا ماكتەپكە بارىدۇ دەپ ئالداپ مەكتەپكە ماڭىدۇ.

    34- مەيدان

    ئورنى:- پاتەمخان موماينىڭ ئۆيى         ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- نۇراخۇن، پاتەمخان، زۇلخۇمار 

    زۇلخۇمار:- مەن بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپكە بارىمەن، بۇنىڭدىن ياخشى ئوقۇيمەن دەيدۇ كۈلۈپ.

    موماي ؛- جىقراق يەڭ، بولمىسا قۇرسىقىڭىز ئېچىپ كېتىدۇ.

    نۇراخۇن:-قىزىم، مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاڭ. بالىلار بىلەن ئۇرۇشماڭ بىلدىڭىزمۇ دەيدۇ.

    زۇلخۇمار:- بىلدىم چوڭ دادا. دەيدۇ.

    35- مەيدان

    ئورنى:- سىنىپنىڭ ئالدى       ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- قادىر بوۋاي پاتەمخان موماي، شىرزات زۇلخۇمار ،  باشقىلار

    سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىدۇ، بىرقانچە ئاتا-ئانىلارمۇ  بار ئىدى،

    قادىر بوۋاي شىرزاتنى ئالدىنقى قاتاردىكى بىر ئورۇندا ئولتۇرغۇزىدۇ. بىر دەمدىن كېيىن پاتەمخان زۇلخۇمارنى يېتىلەپ كېلىدۇ.

    قادىر بوۋاي:- ھە سىلەرمۇ كەلدىڭلارمۇ ؟ كېلىڭ قىزى سىز بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ دەپ شىرزاتنىڭ يېىنىدىكى ئورۇننى كۆرسىتىدۇ.

    36-مەيدان

    ئورنى:- مەكتەپ دەرۋازىسى       ۋاقتى:- ئەتىگەن

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي  پاتەمخان موماي

    قادىر بوۋاي  :-  تۈنۈگۈن  شىرزات بالام مەكتەپكە  كەلمەيمەن دەپ تۇرۋىلىپ شۇنداق تەستە گوللاپ ئەكەلدۇق. ئوقۇشنى ياقتۇرمايدىغان بالا بولۇپ قالارمۇ ئەمدى دەيدۇ كۈلۈپ.

    پاتەمخان:- بەلكىم  سەل قورقۇپ قالغاندۇ دەيدۇ.

    قادىر بوۋاي:- شۇنداقمۇدۇ يە دەيدۇ سەل ئويلىنىپ قالىدۇ.

    37- مەيدان

    ئورنى:- ئوقۇتقۇچى ئىشخانىسى     ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، سىنىپ مەسئۇلى، باشقا ئوقۇتقۇچىلار،

    قادىر بوۋاي:- بىر كۈنلۈك دەرىسلىك شۇنچىلىك كۆپمۇ؟ بىچارە  نەۋرەم  سومكا كۈتىرىمەن دەپ  مۆرىلىرى ئاغرىپ كەتتى. دەيدۇ.

    ئىشلىرىنى قىلۋاتقان ئىككى ئوقۇتقۇچى دەرھال بېشنى كۆتىرىپ بوۋايغا قاراپ قويىدۇ. بىر-بىرىگە  ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويىدۇ.

    سىنىپ مەسئۇلى:- سىلى بۇنداق دىسىلە بولمايدۇ. باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ سومكىلىرنى  ئۆزى كۈتىرىپ كېلىدۇ. مەكتەپكە ئوقۇش ماتېرىيالى ئەكەلمەي قانداق ئوقۇيدۇ، بۇنى مەن دىمىسەممۇ ئۆزلىرى ئوبدان بىلىدىلا....

    قادىر بوۋاي:- سىز دەيدۇ گېپىنى تاپالماي قالىدۇ.

    يەنە بىر ئوقۇتقۇچى:- مەكتەپتە بىلىم ئالىدۇ. سىلى نەۋرىلىرىنى قۇرۇق قول كىلىپ ئوقۇسا دەپ ئويلايدىغان ئوخشىماملا، بىر ئوقۇغۇچى  ئۆزىگە لازىملىق  ماتېرىيالىنى كۈتىرىپ كەلمسىمۇ بولماس دەيدۇ رەنجگەندەك قىلىپ.

    يەنە بىر ئوقۇتقۇچى:- شۇ ئەمەسمۇ، قانداق گەپ بۇ ئەمدى.....

    38- مەيدان

    ئورنى:- سىنىپ ئىچى    ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇنالار:-  مۇئەللىم، ساۋاقداشلار ، شىرزات

    مۇئەللىم:- بۈگۈنكى دەرس مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. ئەمدى قايسىڭلار ئوتتۇرغا چىقىپ ئىختىيارى پائالىيەت قىلىسىلەر  دەيدۇ.

    شىرزات:- مۇئەللىم، چۆچەك ئېيتىپ بەرسەم بولامدۇ دەيدۇ.

    مۇئەللىم:- ھە بولىدۇ، قېنى بۇ يەرگە چىقە دەيدۇ،

    شىرزات ئوتتۇرىغا چىقىپ چۆچەكنى باشلايدۇ.

    شىرزات:- بۇنى مومام ماڭا ئېيتىپ بەرگەن، تۆگىنىڭ ھىكايىسى، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسدا، پىل پادىشاھ ئىكەن....

    (مۇزىكا )

    39- مەيدان 

    ئورنى:- مېھرايلارنىڭ ئۆيى      ۋاقتى:- كەچ

    پىرسۇناژلار:- مىھراي، مەردان

    مەردان ئۆيگە كىلىدۇ.

    مىھراي:- ھە كەلدىڭىزمۇ ؟ دەپ ئىچكىرىكى ئۆيىدىن چىقىدۇ.

    مەردان:- بالىنى ئەكىلىشنى يەنە بىر قېتىم دەڭ،  دېدىڭىزمۇ ياكى  دەيدۇ كىلىپ كىرىسلودا ئولتۇرىدۇ.

    مىھراي:- قانداق دەيمەن، داداملار ئۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ، ئۇ يەردە تۇرسىمۇ مەيلى، بىز سەل چىڭراق تۇتايلى دەيدۇ.

    مەردان:- قانداق بولغىنى بۇ، چوقۇم ئەكىلىۋالىمىز، سىز ئەگەر  ئۇنىمىسڭىز  مەن ئۆزۇم ئېغىز ئاچىمەن. بىلدىڭىزمۇ؟ ئۆينىڭ تېلېفونى سايرايدۇ.

    مەردان تېلېفوننى ئالىدۇ:- ھە مەن ...شۇنداق  بولىدۇ، مەن ھايال قالماي بارىمەن دەيدۇ.

    مىھراي:-يەنە بىر ئىش بوپتۇمۇ دەيدۇ.

    مەردان ئاياقلىرىنى كېيىپ:- مەن كەلگىچە بالىنى ئەكىلىپ بولۇڭ، بۇ قېتىم يەنە ئۆيگە ئۇزۇندا كىلەلمەيدىغاندەك قىلىمەن، ئامال بار بالنى ئەكىلىۋىلىڭ بولامدۇ؟

    مىھراي:- مەكتەپ  شۇ  ئۆيگە  يىقىن  تۇرسا بالا جاپا تارتىپ قالىدۇ.

    مەردان:- ئوغۇل بالا ئۇنداق تەييار تاپ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. مەن ماڭدىم ئەمىسە، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى  ئاسراڭ دەپ ماڭىدۇ.

    مىھراي:- ئۆزىڭىزمۇ كۆپ دىققەت قىلىڭ. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. پات-پات تېلېفون  قىلىپ تۇرۇڭ ھە دەپ ئۇزىتىدۇ.

    40- مەيدان

    ئورنى:- پاتەمخان موماينىڭ ئۆيى     ۋاقتى:- كەچ

    پىرسۇناژلار:-  پاتەمخان    زۇلخۇمار ، نۇراخۇن بوۋاي

    پاتەمخان:- ھە بولدى مېنىڭ قىزىم بەك ئەقىللىق، ئەمدى كىرىپ ئۇخلاڭ بولمىسا ئەتە ئورنىڭىزدىن تۇرالمايسىز دەپ دەپتەر ماتېرىياللىرىنى يىغىشتۇرىدۇ. زۇلخۇمار ئېلىبپە كىتابىنى  تىقىپ كىرىپ كېتىدۇ.

    ئا كۆرىنىش

    زۇلخۇمار  كىتابىنى ئېچىپ ئىچىدە  بوش ئاۋازدا ئوقۇيدۇ.

     

    41-مەيدا ن

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى     ۋاقتى:- كەچ

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي    شىرزات  رازىخان موماي

    شىرزات بىلەن بوۋاي ئىككىسى بىللە ياتىدۇ.

    شىرزات:-  چوڭ دادا، مەن تاپشۇرۇقنى قاچانلا ئىشلىسەم بولامدۇ؟ بەك جىقكەن،  قولۇم بەك  ئاغرىپ كېتىدىكەن بولامدۇ چوڭ دادا دەيدۇ بوۋاينىڭ يۈزىنى سىلايدۇ.

    بوۋاي:- بولىدۇ بالام قولۇڭ بەك ئاغرىپ كەتتىمۇ؟ ئەكىلە مەن تۇتۇپ قوياي دەپ شىرزاتنىڭ قولىنى ئىچ ئاغىرتىپ سىلاپ كېتىدۇ. شىرزات  ئۇخلاپ قالىدۇ.( مۇزىكا )

    بوۋاي چىقىدۇ.

    بوۋاي:-  بالىنى تاپشۇرۇق ئىشلىتىمەن دەپ تۇرىۋىلىپ شىرزاتنىڭ قوللىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ. تاپشۇرۇقىنى مەن ئىشلەتسەممۇ بولاتتىغۇ؟ شىرزات بالام بەك قىينىلىپ كېتىپ بارىدۇ  دەيدۇ.

    رازىخان:- بوۋاي، بۇنداق دىمىسىلە، تاپشۇرۇقنى ئىشلمىدى دېگەن قانداق گەپ ئەمدى دەپ ھوجۇرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ.

    42- مەيدان

    ئورنى:- پاتەمخاننىڭ ئۆيى     ۋاقتى:- كەچ

    پىرسۇناژلار:- پاتەمخان، زۇلخۇمار 

    زۇلخۇمار ئېلىبپەنى قۇچاقلاپ يېتىپ ئۇخلاپ  قالغان ئىدى پاتەمخان كىرىدۇ.

    پاتەمخان:- بۇ بالىنىزە، دەپ مىيقىدا كۈلۈپ كىتابنى ئېلىۋىتىدۇ.

    زۇلخۇمار ئويغىنىپ كېتىدۇ.

    موماي:- ھوي ئويغىنىپ كەتتىڭىزمۇ؟ ئۇخلاڭ دەيدۇ.

    زۇلخۇمار:- موما، سىزمۇ يېنمىدا يېتىڭ، مەن سىزگە چۆچەك ئېيتىپ بېرەي.  بۈگۈن شىرزات سىنىپتا ئېيتىپ بەرگەن دەيدۇ.

    موماي:- ھە بولىدۇ  دەپ زۇلخۇمارنىڭ يېنىدا ياتىدۇ.

    زۇلخۇمار:- بۇرۇننىڭ بۇرىنىسىدا پىل پادىشاھ ئىكەن....

    43- مەيدان 

    ئورنى:- سىنىپ ئىچى      ۋاقتى:- ئەتىگەن

    پىرسۇناژلار :- شىرزات ، زۇلخۇمار، ئوقۇتقۇچى، باشقا ساۋاقداشلار

    مۇئەللىم قىزغىنلىق بىلەن دەرس سۆزلەۋاتقان ئىدى. شىرزات پارتا ئاستىدا ئىش ھەرىكەت قىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    مۇئەللىم كۆرۈپ قالىدۇ.

    موئەللىم:- شىرزات، سەن تۇرە 

    شىرزات:- ھە ھە  مەن دەيدۇ سەل چۆچۈپ تۇرىدۇ.

    زۇلخۇمار قاراپ قالىدۇ.

    موئەللىم:- مە ھازىر نېمە دىدىم  دەپ باققىن دەيدۇ.

    زۇلخۇمار بوش ئاۋازدا دەپ بېرىدۇ. شىرزاتمۇ شۇ بويىچە دەپ بېرىدۇ، ( مۇزىكا )

    44- مەيدان

    ئورنى:-تاللا بازىرى      ۋاقتى:-كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- گۈلشەن  باشقىلار

    گۈلشەن ئايلىنىپ بىر نەرسىلەرنى ئالىدۇ تاللايدۇ.

    ئالدىدا ناتۇنۇش ئانا بالا ماڭىدۇ،

    قىزى:- ئاپا ئاۋۇ قونچاقنى ئىلىپ بېرىڭە  بولامدۇ دەيدۇ.

    ئاپىسى:- قايسىنى قىزىم، ئاۋۋال كۆينەك ئېلىپ بېرەي ئاندىن قونچاق ئىلىپ بېرەي بولامدۇ ؟

    قىزى ؛- بىزنىڭ يەسلىدىكى دوستۇم نىلۇپەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دادىسى شۇنداق جىق قونچاق ئېلىپ بېرىپتۇ. سىز بىرنى ئېلىپ بېرىڭ، ئۆيگە بېرىپ دادامغا دەيمەن، داداممۇ بىرنى ئېلىپ بەرسۇن دەيدۇ.

    ئاپىسى:- بولىدۇ قىزىم دەيدۇ.

    قىز:- مەن سىلەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن.

    گۈلشەن بۇلارغا ھاڭۋىقىپ كىچىك قىزنىڭ گەپلىرىدىن سۆيۈنۈپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ. ئۇلار كېتىپ قالىدۇ.

    گۈلشەن ئاپىسىنىڭ سۆزىنى يادىغا ئالىدۇ.{پاتەمخان:- قىزىڭ چوڭ بولۇپ كەتتى، بېرىپ كۆرۈپ كەل، ئۇ ھازىر قاتتىق ئاغرىپ قالدى } گۈلشەن ئاستا ماڭىدۇ. دەرھال بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئالىدۇ (دەپتە قەلەم، ئۇششاق – چۈششەك يىمەكلىك  ئويۇنچۇق ).

    45-مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- رازىخان

    رازىخان تېلېفوندا پاراڭلىشىدۇ.

    رازىخان:- بالىنى ئىلىپ كېتىدىغانغا ئۇنىمىسا، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ گېپىنى قىلىدىكەنسىلەر، مىھراي سىزمۇ مېنى ياكى دادىڭىزنى مۇنداق دىدى دەپ يۈرمەڭ. دادىڭىزغا مەن گەپ قىلىپ باقاي بىلدىڭىزمۇ، مەردان ئۆزىچۇ؟ ھە  شۇنداقمۇ، ھە  بىلدىم، كەچتە كېلەمسەن؟ بولىدۇ، كەلگەندە پاراڭلىشارمىز دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    46- مەيدان

    ئورنى:- پاتەمخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى       ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :- پاتەمخان   گۈلشەن

    پاتەمخان ئىشىكىنى سۇلاپ ماي تۇڭىنى كۆتىرىپ ماڭىدۇ.

    گۈلشەن قارشى تەرەپتىن تاكسىدا كىلىدۇ.

    ئىككىسى بىر – بىرىنى كۆرمەي ئۈتىشىپ كېتىدۇ. پاتەمخان كېتىپ قالىدۇ. گۈلشەن ئىشىك ئالدىغا كىلىپ چۈشىدۇ. نەسىلەرنى ماشىنىدىن چۈشىرىدۇ، ماشىنا كېتىپ قالىدۇ. گۈلشەن سۇلاق ئىشىككە قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئەتراپقا قارايدۇ. يانفونى سايرايدۇ.

    گۈلشەن:- ھە مەن شۇ . بولىدۇ ھازىرلا بارىمەن  دەپ  تېلېفوننى قويىدۇ. نەرسىلەرنى ئىشىك ئالدىغا قويىدۇ دە كېتىپ قالىدۇ. بىردەمدىن كېيىن پاتەمخان كېلىدۇ، نەرسىلەرگە قاراپ ھەيران قالىدۇ. نەرسىلەرنى ئىچىپ قاراپ باقىدۇ. ئەتراپقا قارايدۇ. ئامالسىز نەرسىلەرنى ئۆيگە ئېلىپ كېرىدۇ.

    47- مەيدان

    ئورنى:-مەكتەپ ئالدى    ۋاقتى:- چۈش

    پىرسۇناژلار:- زۇلخۇمار، شىرزات   باشقا بالىلار

    زۇلخۇمار  ئالدىدا يالغۇز ماڭىدۇ.

    شىرزات يېتىشىپ كىلىدۇ.

    شىرزات:- زۇلخۇمار توختا، بۈگۈن دەپ بەرگىنىڭگە  رەھمەت، بۇنى ساڭا بېرەي دەپ يېڭى بىر قېرىنداش قەلەمنى بېرىدۇ.

    بىراقلا 8يىل ئۆتىدۇ.

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.